ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

كۆز قارچۇقىغا چاپلايدىغان «لەنس»نى دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىغا قويغاندىن كېيىن ئىشلەتسە روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 65693

    روزىدار ھالىتىدە كۆزقارچۇقىغا چاپلىشىدىغان كۆز قارىقى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇ نەرسە سىلەر بىلگەندەك ئۇنى دېزىنپىكسىيە قىلىدىغان خاس سۇيۇقلۇققا قويغاندىن  كىيىن ئىشلەتسە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كىشى كۈندۈزدە كۆزىگە چاپلىشىدىغان كۆز قارچۇقى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتە دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىقىگە قويۇلۇشى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ھەرقانچە بولسا چاپلىغۇچ دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىقىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن كۆزىگە بىر نەرسە سېڭىپ كېرىدۇ، بۇ كۆزىگە دورا تېمىتقاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " روزىدار كىشى سۈرمە تارتسا، كۆزىگە ۋە قۇلىقىغا بىر نەرسە تېمىتسا بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ تەمى كانىيىغا كېلىپ قالسىمۇ بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەكئىچمەك ئەمەس ۋە يېمەكئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. يېمەكئىچمەكتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا دەلىل كەلگەن، ئۇنىڭ مەنىسىدە بولمىغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا قېتىلمايدۇ.  بىزنىڭ يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىز شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغىنىدۇر. بۇ توغرا قاراشتۇر" .   ["پىقھىل ئىبادەت"  191 بەت.  2299 38023 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن .]  

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android