نامازنىڭ سۈننەتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
نامازنىڭ پەرىز، ۋاجىب ۋە سۈننەتلىرى توغرىسىدا
سوئال: 65847
Table Of Contents
بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
نامازنىڭ سۈننەتلىرى كۆپ بولۇپ، بۇ سۈننەتلەر ئاغزاكى سۈننەتلەر ۋە ئەمەلى سۈننەتلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇ يەردە مەقسەت قىلىنىدىغان سۈننەتلەر، پەرز-ۋاجىبلاردىن باشقا سۈننەتلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بەزى پىقھى ئالىملىرى ئاغزاكى سۈننەتنى 17 گە، ئەمەلى سۈننەتنى 55 گە يەتكۈزگەن، بۇ سۈننەتلەردىن بىرەرسى قەستەن بولسۇن ياكى سەھۋەن بولسۇن، تەرك قىلىنىدىكەن بۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ. ئەمما پەرز-ۋاجىبلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
پەرز بىلەن ۋاجىبنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەر: "پەرز ئەمەللەر سەھۋەنلىك ياكى قەستەنلىك بىلەن بولسىمۇ تەرك قىلىنمايدۇ، بەلكى تولۇق ئادا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋاجىب بولسا ئۇنتۇلۇپ قالغاندا ساقىت بولىدۇ ۋە سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەنتولۇقلىنىدۇ.
بىز بۇ يەردە، سوئالغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ ئالدى بىلەن نامازنىڭ پەرز، ۋاجىبلىرىنى ئاندىن سۈننەتلىرىنى زىكىر قىلىمىز، بىز بۇ مەسىلىدە، ھەنبەلى پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا مەشھۇر بولغان "دەلىل ئەتتالىب" دېگەن كىتابنىڭ تىكىستىدىن بايان قىلىمىز.
بىرىنچى: نامازنىڭ پەرزلىرى ئون تۆت بولۇپ، ئۇلار:
1-قادىر بولغان كىشىنىڭ پەرزدە قىيامدا تۇرىشى.
2-ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلاش.
3-پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش.
4-رۇكۇ قىلىش، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى تىزىنى تۇتقىدەك ئېگىلىش، ئەڭ توغىرسى، دۈمبىسىنى تەپ-تۈز قىلىپ بىشىنى دۈمبىسىنىڭ باراۋىرىدە قىلىش.
5- رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈش.
6-راۋرۇس تىك تۈرۈش.
7-سەجدە قىلىش، ئەڭ توغرىسى، پىشانىسى، بۇرنى، ئىككى ئالقىنى، ئىككى تىزى، ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئەتراپىنى سەجدە قىلىدىغان جايغا تەككۈزۈش، ئەڭ تۆۋىنى ھەر بىر ئەزانىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى سەجدە قىلىدىغان جايغا تەككۈزۈش.
8-سەجدىدىن بىشىنى كۆتۈرۈش.
9- ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇش، قانداق شەكىلدە ئولتۇرسا دۇرۇس بولىدۇ، سۈننەت بويىچە، سول پۇتىنى يىيىپ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇش، پۇتىنىڭ ئۇچىنى قىبلە تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش.
10-ھەر بىر ئەمەلنى ئالدىرماي تولۇق ئادا قىلىش.
11- ئاخىرىقى تەشەھھۇت.
12- سالام بېرىش ئۈچۈن ئاخىرىقى تەشەھۇتتا ئولتۇرۇش.
13-ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش، ناماز ئوقۇغۇچى ئىككى قېتىم: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىش، نەپلە ناماز ۋە جىنازا نامىزىدا بىر تەرەپكە سالام بەرسە كۇپايە قىلىدۇ.
14-يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەمەللەرنى تەرتىپ بىلەن ئىلىپ بېرىش، ئەگەر رۇكۇ قىلىشتىن ئىلگىرى قەستەن سەجدە قىلسا نامىزى بۇزىلىدۇ، ئەمما سەھۋەنلىكتىن قىلغان بولسا قايتىدىن رۇكۇ قىلىپ ئاندىن سەجدە قىلىدۇ.
ئىككىنچى: نامازنىڭ ۋاجىبلىرى سەككىزدۇر:
1-ناماز باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىرلەر. (رۇكۇ ۋە سەجدىدىكى تەكبىرلەر).
2- ئىمام ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى سەمەئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېيىش.
3-رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ دېيىش.
4- ئاز بولغاندا رۇكۇدا بىر قېتىم سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم دېيىش.
5- ئاز بولغاندا سەجدىدە بىر قېتىم سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا دېيىش.
6-ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا: رەببىغ فىرلى دېيىش.
7-ئەۋۋەلقى تەشەھۇت.
8-ئەۋۋەلقى تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرۇش.
ئۈچىنچى: نامازنىڭ ئاغزاكى سۈننەتلىرى 11 بولۇپ، ئۇلار:
1- ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كىيىن: سۇبھانە كەللاھۇممە، ۋەتەبارەكەسمۇكە، ۋە تەئالا جەددۇكە، ۋە لا ئىلاھە غەيرۇكە" دېگەن ئاچقۇچ دۇئاسىنى ئوقۇش.
2-ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش.
3-بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيم دېيىش.
4- پاتىھەدىن كىيىن ئامىين دېيىش.
5-پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇش.
6- ئىمام بامدات، شام ۋە خۇپتەن نامىزىدا قىرائەتنى ئاشكارا قىلىش.
7-رۇكۇدىن تۇرۇپ رەببەنا لەكەل ھەمدۇ دەپ بولغاندىن كىيىن: مىلئۇسسەماۋاتى، ۋە مىلئۇلئەردى، ۋە مىلئۇ ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ دېگەن دۇئانى ئوقۇش.
8-رۇكۇدا سۇبھانە رەببىيەل ئەزىمنى ئۈچ قىتىم ياكى بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دېيىش.
9- سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەل ئەئلانى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دېيىش.
10-ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى رەببىغ فىرلى دېگەن دۇئانى بىر قېتىمدىن كۆپرەك دېيىش.
11- ئاخىرقى تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن دۇئا قىلىش.
تۆتىنچى: ئەمەلى سۈننەتلەر، يەنى نامازنىڭ ھەيئەتلىرى:
1-ناماز باشلاش تەكبىرى بىلەن بىرگە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش.
2- رۇكۇ قىلىدىغان ۋاقىتتا تەكبىر بىلەن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش.
3- رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە يەنە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش.
4-ئۇنىڭدىن كىيىن قولىنى چۈشۈرۋىتىش.
5-ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇش.
6- نامازدا تۇرغاندا سەجدە قىلىدىغان جايغا قاراپ تۇرۇش.
7- قىيامدا تۇرغاندا ئىككى قەدىمىنىڭ ئارىسىنى ئىچىپ تۇرۇش.
8-رۇكۇ قىلغان ۋاقىتتا قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ ئىككى قولى بىلەن ئىككى تىزىنى چىڭ تۇتۇش، دۈمبىسىنى تەپ-تۈز قىلىش، بېشىنى دۈمبىسىنىڭ باراۋىرىدە تۈز قىلىش كېرەك.
9- ئىككى تىزىدىن باشقا سەجدە قىلىدىغان ئەزالىرىنى يەرگە تەككۈزۈش، بىۋاستە سەجدە قىلىدىغان جايغا تەككۈزۈش.
10-ئىككى بىلىكىنى ئىككى بىقىنىدىن ئايرىش، قورسىقىنى يوتىسىدىن ئايرىش، يوتىسىنى پاچىقىدىن ئايرىش، ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىككى قەدىمىنى تىك تۇتۇش، ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ يەرگە قىلىش، ئىككى ئالقىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ باراۋىرىدە قويۇش.
11-ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ۋە دەسلەپكى تەشەھھۇتتا سول پۇتىنى يىيىپ ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇش، ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چىقىرىپ، كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇرۇش.
12-ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئىچىپ، ئىككى يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قويۇش، تۇشەھھۇتتىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك، ئەمما تەشەھھۇتتا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىنغاندا، چىمچىلەك بىلەن يانداش بارمىقىنى چىڭ يىغىدۇ باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يۇمۇلاق قىلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ.
13-سالام بەرگەندە ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپكە قارايدۇ.
بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەرز، ۋاجىب، سۈننەت ئەمەللەرنىڭ ئارىسىدا پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئىختىلاپ بار، بىر ئىش بىر مەزھەپتە ۋاجىب بولسا، يەنە بىر مەزھەپتە سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ پىقھى كىتابلىرىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى