ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

خىرىستىئان قېرىندىشىنىڭ توي زىياپىتىگە قاتنىشامدۇ

سۇئال: 6992

ئەلھەمدۇ لىللاھ ، مەن بىر دىنىمنى ئىسلامغا ئۆزگەرتكۈچى . مىنىڭ ئائىلەم يەنىلا خىرىستىئان . مىنىڭ قېرىندىشىم توي قىلماقچى، ھەمدە بۇ، تاماقتىن كىيىنكى چېركاۋدىكى دىنىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەن ئائىلەمگە بۇ دىنىي خىزمەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. مەن ئىسلامنىڭ ئايالىم ۋە بالام بىلەن بۇ تائامغا ئىشتىراك قىلىشىمغا رۇخسەت قىلامدۇ-يوق بىلمەكچىمەن ، چۈنكى ئۇ يەردە بەزى خىرىستىئانلارغا تائام بىلەن ھاراقلار ئەكىلىنىدۇ . ئەگەر رۇخسەت قىلىنمىسا ، ماغا نىمە مەسلەھەتىڭلار بار. دەلىل بىلەن جاۋاپ بەرسەڭلار. بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم ، چۈنكى مەن دادامدىن[ئۇنىڭ ئىختىيارى بىلەن] 7 يىل ياتلىشىپ يۈردۈم ھەمدە مەن ئۇلارنى ئىسلامغا تەكلىپ قىلماقچى . جەزاكەللاھۇ خەيرەن .

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھنى سىزنى ئىسلامغا يىتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن مەدھىيلەيمىز ھەمدە ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىسلامدا چىڭ تۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلىش ، ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا يىتەكلەش ئارقىلىق نىئمىتىنى تاماملىشىنى سورايمىز .
2- سىز چىركاۋدىكى دىنى خىزمەتلەرگە قاتناشماي توغرا ئىشنى قىلغىلىۋىتىپسىز ، چۈنكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ، ئاز بولغاندا ئېغىر گۇناھ ، ھەمدە كاپىرلىققا ئىلىپ بارىدۇ .
3- تاماقلارغا قوشۇلۇپ ھاراق ئەكىلىنىدىغان قېرىندىشىڭىزنىڭ توي زىياپىتىگە قاتنىشىشىڭىزغا كەلسەك ، بىز ئۆزىڭىز ئېيىتقاندەك قاتناشماسلىققا نەسىھەت قىلىمىز . ئاللاھ دەيدۇ : …. ، ﺋﯧﺴﯩﯖﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﻪﯞﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﯩﻦ ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىمدە-كىم بىر ئەسكى ئىشنى كۆرسە ،ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇ قىلالمىسا ، ئۇنداقتا تىلى بىلەن بولسۇن، ئەگەر ئۇ قىلالمىسا ، ئۇنداقتا قەلبى بىلەن بولسۇن – ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىيمان . (مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 49 ) .
سىز بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزدا ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سىز ئۇ ئەسكى ئىشلارنى قولىڭىز ياكى تىلىڭىز بىلەن ئۆزگەرتەلمەيسىز-سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز بولسا قەلبىڭىز بىلەن ئۆزگەرتىشلا خالاس ، ھەمدە سىز ئىشتىراك قىلىپ قالسىڭىز ھەقىقەتەن ئۇنداق قىلالمايسىز.
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : ئاللاھقا ۋە كىيىنكى كۈنگە ئىشىنىدىغان كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان شىرەدە ئولتۇرمىسۇن .» ( ئەھمەت نەقىل قىلغان ، 14241، ھەمدە ئەلبانىي[ إرواء الغليل ]دە ئۇنى توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىغان . )
چەكلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىنىق تۇرۇپتىكى ، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرىشىڭىز -سىزنىڭ بۇ ئەسكى ئىشنى توغرا قارىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ .
4- بۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ، ناۋادا قېرىنداش بۇ مۇرەسسەلەرنى قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا ئۈندەش تىرىشچانلىقىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ . ئۈندىگۈچى ئۆزىگە ۋە پەرۋەردىگارىغا قانچە سەمىمىي بولسا ، ئۇنىڭ باشقىلارنى ئۈندەش تىرىشچانلىقلىرى شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . بىراق ئۇ مۇرەسسە قىلسا ، مەيدانى تۇراقسىزلىق قىلسا ، بۇ ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچىسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ .
ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android