ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يېيىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 70278

مېنىڭ بىر قېرىندىشىم بولۇپ، ناماز ئوقۇمايدۇ، شەرىئەتتە ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ناماز ئوقۇمايدىغانقېرىندىشىڭلارغا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ۋەئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەققىدە نەسىھەتقىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى تەرك قىلغۇچىلار توغرىسىدىكىھۆكمىنى بىلدۈرۈشىڭلار سىلەرنىڭئۈستۈڭلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنىسىلەرگە بىۋاستە مال بوغۇزلاپ بېرىشتىنچەكلەپ، ئۇنىڭغا نامازنى تەركقىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئۇبوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدىغانلىقىدىنئىبارەت بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭغابىلدۈرۈپ قويۇشۇڭلار كېرەك. ئۇبۇ ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن بۇنىڭدىنتەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ دىنىغا قايتىپ، نامازنى ۋاقتىدا ئاداقىلىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرۋە كەلگۈسىدە، دۇنيا-ئاخىرەتتەياخشىدۇر.

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنىباز رەھىمەھۇللاھدىن: قەستەننامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يىگىلىبولامدۇ؟ ئۇنىڭغا سىز ناماز ئوقۇمىسىڭىز كاپىربولىسىز دېيىلسە، ئۇ، مەن ئاللاھنى بىر ۋەمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن دەيدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ناماز ئوقۇيدىغان قاسساپ تاپالمىساق قانداققىلىمىز؟، دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداقدېگەن: “ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغاننەرسىسىنى يىگىلى بولمايدۇ، بۇ توغرا جاۋاپ. جابىر ئىبنىئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: «مۇسۇلمانبىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنىتەرك قىلىشتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇرەيدە ئىبنىھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىئەھدى نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.»[ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى،نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق بايان قىلغان].

مەئاز ئىبنى جەبەلرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: «ئىشنىڭبېشى ئىسلام، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر.»[ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى].

ھەرقانداق نەرسىنىڭتۈۋرۈكى بۇزۇلىدىكەن ئۇنەرسە بۇزۇلىدۇ ياكى ۋەيرانبولىدۇ. ئۆينىڭ تۈۋرۈكى چۈشۈپ كەتسەئۇنىڭ ئۈستىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولدىكى، نامازئوقۇمايدىغان كىشىدە دىن بولمايدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشىنى يىگىلىبولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تۇرغان شەھەردەمۇسۇلمان قاسساپ تاپالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزئۆلتۈرۇڭ، قولىڭىزنى ئۆزىڭىزگەپايدىلىق بولغان ئىشقا ئىشلىتىڭ. باشقا مۇسۇلمان قاسساپئىزدەپ بېقىڭ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزئۆيىدە بولسىمۇ سىزگە مال ئۆلتۈرۈپبېرىشىنى تەلەپ قىلىڭ. ئاللاھنىڭ ياردىمىبىلەن ئاسان بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىشتا سەلقارىغىلى بولمايدۇ. سىز ناماز ئوقۇمايدىغان بۇ كىشىگەئاللاھدىن قورقۇش ۋە ناماز ئوقۇش توغرىسىدانەسىھەت قىلىڭ. ئۇ كىشىنىڭ “مەنئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپگۇۋاھلىق بېرىمەن” دېگەن سۆزنىئېيتىپ تۇرۇپ، نامازنى تەرك قىلىشى چوڭخاتالىقدۇر. ئۇ كىشى مەزكۇر مۇبارەككەلىمىنىڭ تەقەززاسىنى تولۇق ئادا قىلىشكېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن كىشىلەر بىلەن، ئۇلارئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىقمەئبۇد بەرھەق يوق ۋەمېنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىشبىلەن بىرگە، نامازنى بەرپا، زاكاتنى ئادا قىلغانغاقەدەر كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم.ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىن ئىسلامدابېكىتىلگەن ھوقۇقتىن باشقا جانلىرى ۋە ماللىرىنىساقلاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقاتاپشۇرۇلىدۇ.[بىرلىككە كەلگەنھەدىس].

يۇقىرىقىھەدىستە شاھادەت سۆزىنى ناماز-زاكات بىلەنبىرگە زىكىر قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن كىشىلەر بىلەن، ئاللاھتىن باشقائىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق،دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەركۈرەش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەرئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىقمەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىقبەرسە، مەندىن ئىسلامدا بېكىتىلگەن ھوقۇقتىنباشقا جانلىرى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇدېگەن.

مۆمىندائىم ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك. ئۆزىنى مەنمۇسۇلمان دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئاللاھتىن ئەيمىنىشىۋە بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىداتولۇق ئادا قىلىشى لازىم. ناماز ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى،ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپگۇۋاھلىق بەرگەندىن كىيىنكى، ئىسلامنىڭ مۇھىمئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. نامازنى زايا قىلغان كىشىھەقىقەتتە ئۆزىنىڭ دىنىنى زايا قىلغانبولىدۇ. نامازنى قەستەن تەرك قىلغان كىشى دىندىن چىقىپكەتكەن بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىنساقلىسۇن.

بۇ ھەقىقەتۋە توغرا قاراشتۇر. ئەمما بەزى ئالىملار: نامازنىتەرك قىلغۇچى، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەرىجىدە كاپىر بولمايدۇ، بەلكى كىچىك كۇپرى سادىرقىلغان بولىدۇ. نامازنى تەرك قىلغاننىڭ جىنايىتى، زىنا قىلىش،ئوغرىلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق گۇناھلاردىن چوڭ بولىدۇ.نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىلا كاپىربولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇقاراشتا بولغان بولسىمۇ، توغرىسىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىروشەن دالالەت قىلغان ھۆكۈمدۇر. بىز يۇقىرىقىھەدىسلەردە بايان قىلغاندەك، ئۇ ئىنسانئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بولغاننامازدىن ئىبارەت مۇھىم ئاساسنى زايا قىلىۋەتكەنلىكسەۋەبلىك، ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەرىجىدە كاپىربولىدۇ.

ناماز مەسىلىسىگە سەلقاراشقا بولمايدۇ. تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىمئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى:”پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىئەمەل-ئىبادەتلەردىن نامازدىن باشقائەمەللەرنى تەرك قىلغان كىشىنى كاپىر بولىدۇدەپ قارىمايتتى” دېگەن. شۇنداقلا،ساھابىلارنىڭ نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىربولىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدە بىرلىككەكەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىنساقلىسۇن.

مۇسۇلماننىڭبۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشى زۆرۈر. شۇنداقلابۇ ئىبادەتنى تولۇق مۇھاپىزەت قىلىشىۋە ئادا قىلىشى لازىم. نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئىشىغاسەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ كىشىنىڭئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشىنى يىگىلىبولمايدۇ. نىكاھ ۋە تويلىرىغا بېرىش ۋەئۇلارنىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مىھماندارچىلىقىغاچاقىرىش توغرا بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھقاتۆۋە قىلىپ، نامازنى تولۇق ئادا قىلغانغاقەدەر تاشلاپ قويۇلىدۇ. ئاللاھ تائالادىنھەممەيلەننى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز.(تۈگىدى). ]شەيخ ئىبنى بازپەتىۋالار توپلىمى 10-توم 274-276-بەتلەرگەمۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android