0 / 0

تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىگىمۇ ھەج قىلىش پەرز بولامدۇ؟

سۇئال: 71466

مەن 17 يىلدىن بىرى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، داۋالىنىپ تۇرساممۇ روھى-ھالىتىم بىر خىل ئەمەس، بەزى ۋاقىتتا كېسىلىم قاتتىق تۇتىدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى ۋە تەرتىپى يوق، كېسەل تۇتقان بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا كىچىك تەرەت قىلىپ قويىمەن. مۇشۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرز بولامدۇ؟ ياكى ۋاكالىتەن باشقا بىر كىشىنى ئەۋەتىپ بەدەل ھەج قىلدۇرسام توغرا بولامدۇ؟، بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمغا كۆپ ئىقتىسادى قەرزىم بار، مېنىڭ پەرزەنتىم يوق، ئۇلار مېنىڭ بىردىن مىراسخورىم، شۇنداقلا، ئۇلار مېنى داۋالاتتى ۋە قەرزلىرىمنى كۆتۈرىۋەتتى؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر.

ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھ تائالادىنسىزنىڭ كېسىلىڭىزگە شىپالىق تىلەش بىلەنبىرگە، سىزگە يەتكەنئەزىيەتلەرگە ئەجىر-ساۋاپ تىلەيمىز.

ئىككىنچى:ھەجنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن سالامەتلىكى ياخشىبولۇش ۋە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگەبولۇش شەرت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَإِلَيْهِ سَبِيلًاتەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرزقىلىندى. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

كېسەللىكسەۋەبىدىن ھەج سەپىرىگە بەرداشلىقبېرەلمەيدىغان ياكى ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشقا قادىربولالمايدىغان ۋەياكى سەپەر قىلىپ بۇپائالىيەتلەرنى ئادا قىلىش بەك قىيىن بولغان كىشىگەھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

شەيخمۇھەممەد ئەمىن شەنقىيتىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”سەپەر مۇشەققىتى قىيىن بولغانكېسەللەردىن پەرز ھەجنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىتوغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق” تۈگىدى.[ئەدۋائۇل بايان].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللادىن:13 يىلدىن بىرى تۇتقاقلىقكېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى، كېسەللىكئەھۋالىنى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) دورا ئارقىلىق كونترولقىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما چارچىغان ۋاقىتلاردا يەنىلائۇ ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالئاستىدا كېسەلگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆزىھەج قىلىشى كېرەكمۇ ياكى باشقا بىرىنى ۋەكىلقىلىپ ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلدۇرۇشىدۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپبېرىپ مۇنداق دېگەن: “ئەگەركېسەلنىڭ ساقىيشىدىن ئۈمىت بولمايدىكەن، ئىقتىسادىبولسا ئۆزىگە ۋاكالىتەن ھەج-ئۆمرەقىلىدىغان بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىشى كېرەك، ئىقتىسادىبولمايدىكەن ئۇ كىشىگە ھەج قىلىش پەرزبولمايدۇ، ئەمما داۋالىنىش بىلەن كېسەلدىنساقىيىش ئۈمىدى بولسا، داۋالانغاچ ئاللاھ تائالادىنكېسىلىگە شىپالىق تىلەپ كۈتۈپ تۇرۇشكېرەك. ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگەشىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە قىيىنچىلىقلىرىنىئاسانلاشتۇرۇشىنى سورايمىز” تۈگىدى. [شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى21-توم 167].

يۇقىرىداشەيخنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەنجاۋابى بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرىتېپىلغان بولسىمۇ، مەلۇم كېسەللىك ياكىبەدەن ئاجىزلىقى ۋەياكى بەك ياشىنىپ قالغانلىقسەۋەبلەر بىلەن سەپەرمۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىقبېرەلمەيدىغان كىشىلەر، قاچانكى ئۆزىئۈچۈن ۋاكالىتەن ھەج قىلىدىغان كىشىتېپىلىدىكەن، ھەجگە ئەۋەتىپ ھەجقىلدۇرسا توغرا بولىدۇ. مانا بۇ ئىمام ئەبۇھەنىپە ۋە ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭقارىشىدۇر” تۈگىدى. [ئەلمۇغنىي ناملىقئەسەر 3-توم 91-بەت].

بۇنىڭ دەلىلى: بىر ئايالپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ تائالائىنسانلارغا ھەج قىلىشنى پەرز قىلغان ۋاقىتتا، دادام بەكياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلاغدا ئولتۇرالمايدىغانھالدا ئىدى، (يەنى قاتناش ۋاستىلىرىدا يول يۈرۈشكەقادىر بولالمايدۇ) مەن دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپقويسام توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:ھەئە، توغرا بولىدۇ، دېگەن. [ئىمامبۇخارى رىۋايىتى 1513 – ھەدىس].

شۇنىڭغا ئاساسەن، ھازىرسىز بىۋاستە ھەجگە بېرىشىڭىزكېرەك بولمايدۇ، ئەگەر سىزنىڭكېسىلىڭىز ئىشەنچىلىك دوختۇرلارنىڭتەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ساقىيىش ئېھتىماللىقىيۇقىرى دەپ دېئاگونۇز قويۇلغان بولسا، ئاللاھسىزگە شىپالىق بەرگۈچە قەدەر ھەج قىلىشپەرز بولمايدۇ، ساقايغاندىن كىيىن ھەج قىلىشقايەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولسىڭىز، ھەجقىلىش پەرز بولىدۇ.

ئەمما كېسلىڭىزنىڭ ساقىيشىدىنئۈمىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ ھەج قىلىشقايەتكۈدەك ئىقتىسادىڭىز بولسا، سىز ئۆزى ھەجقىلىپ بولغان بىر كىشىنى تېپىپ، ئۆزىڭىزگەۋەكىل قىلىپ ھەج قىلدۇرۇشىڭىز لازىم.

ئۈچىنچى:مادامىكى قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە ياخشى مۇئامىلەقىلىپ، قەرزىڭىزنى كۆتۈرۈۋەتكەنئىكەن، ھەج قىلسىڭىز ياكى بەدەل ھەجقىلدۇرسىڭىز ھەججىڭىزگە ھېچ تەسىريەتكۈزمەيدۇ.

جانابى ئاللاھ تائالا كېسىلىڭىزگەشىپالىق ئاتا قىلسۇن. سىز ۋە بىزنى توغرا يولغامۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سورايمىز.

تەرجىمەقىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈرپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android