ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟

سۇئال: 7205

سوئال: جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقان بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا بالىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بەش يىلدا بىر بالا ئېلىشنى پىلان قىلىپ تۇرۇپ تۇغۇتنى كونترول قىلسا بولامدۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

جاۋاب:
مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.
بىز بۇ سوئالنى شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىندىن سورىدۇق، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى
ئەگەر مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تۇغۇت چەكلەش بولسا، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، چۈنكى
ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى
ھەدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ: مېھرىبان ۋە تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن تۇرمۇش
قۇرۇڭلار…

ئەگەر سەۋەب ئايال كىشىدە بولسا- ئۇ ئايال ئارقا-ئارقىدىن ھامىلىدار بولۇشقا
بەرداشلىق بېرەلمىسە- بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يول قويۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ
ياخشىسى بۇنداق قىلمىغىنى ياخشى.
سوئال: ئۇنداقتا سىز ئاياللارنىڭ شارائىتىنى جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇش
ئەھۋالىدىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنىڭ ناچار ياكى ياخشى ئىنسان بولىشىنى بىلمەيدۇ،
بەلكى ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا توھپە قوشۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android