ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
88310/12/2005

رەجئى تالاق قىلىنغان ۋە ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال نېمىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 73408

   مەن ئېرىمنى تالاق قىلدىم، مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى خالايمەن، بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا مېنىڭ ئېنتىرنىت ئارقىلىق ھېچ بىر ئەركەك بىلەن سۆز قىلىشىم توغرا بولمامدۇ؟، دوستلىرىم ۋە ئاتا-ئانام كېلىپ مېنى ئېلىپ بارىدىغان يەرگە ئاپىرىپ يەنە ئۆيگە ئەكىلىپ قويسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايالنىڭ ئېرىنى تالاق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. تالاق قىلىش دېگەن ئەرنىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تالاق مەسىلىسى ۋە ھۆكۈملىرى توغرىسىدا خىتاب قىلىپ بۇنىڭ ئايال ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئەر ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ تەرجىمىسى: «سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار» [سۈرە بەقەرە 231-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». [سۈرە بەقەرە 236-ئايەت].  

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نَكَحْتُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار» [سۈرە ئەھزاپ 49-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن تالاق دېگەن ئىشنى چىڭ تۇتقان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى2081-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 7-توم 108-بەت].

   ئايال ئۆز رىغبىتى بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنىڭ بەدىلىگە مال بېرىش بىلەن ھاسىل بولغان ئايرىلىش بولسا "خۇلئى" دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بولسىمۇ ئايال ئۆزىنى ئېرىدىن ئايرىش ئۈچۈن تويلۇق مەھرىنى قايتۇرىدۇ ياكى ئەر تەلەپ قىلغان مالنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەر ئايرىلسا، بۇ تالاق دېيىلمەيدۇ بەلكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېيىلىدۇ. بۇنداق ئايرىلىشتا ئايالنىڭ ئىددىتى بىر ھەيز بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 14569- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   ئىككىنچى: خۇلئى تامام بولغان ۋاقىتتا ئايال ئەرگە نىسبەتەن يات بولىدۇ، ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن خالى جايدا يالغۇز تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، ئايالى بىلەن قايتىدىن يېنىشىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئايال رازى بولسا، يېڭىدىن تويلۇق ئېلىپ نىكاھ قىلدۇرۇپ يارىشىۋالسا بولىدۇ.

    ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشسا (ئۇ بىر ھەيزدىن ئىبارەت) ياكى ھامىلدار بولغان بولۇپ، بوۋاقنى تۇغسا، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئىددىتى توشىدۇ، ئايال شەرىئەت بېكىتكەن شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ۋەلىسى ۋە ئادىل ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزى خالىغان بىر ئەر بىلەن توي قىلسا توغرا بولىدۇ.

    ئەمما ئەر ئايالىنى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلغاندا ئايالنىڭ ئىددەت ئىچىدە ئۆيدىن چېقىپ كىتىشى توغرا بولمايدۇ، ئەرنىڭ ئايالنى ئىددىتى تامام بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشقاندا ئۇ يات ئايالنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ شۇ ۋاقىتتا ئۆيدىن چېقىپ كەتسە بولىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ھېكمەت: ئىددەت جەريانىدا ئەرنىڭ يەنە ئايالىغا بولغان مايىللىقى قوزغىلىپ يېنىشىۋىلىش ئېھتىماللىقى بار، شەرىئەتمۇ شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏لا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلا يَخْرُجْنَ إِلا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَلِكَ أَمْرًا‎ تەرجىمىسى: «(ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن)بىرەرئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].

    ئايال ئىددەت جەريانىدا ئېرى ئۈچۈن زىننەتلىنىشى، چېرايلىق ياسىنىشى ئۇنىڭدىن قاچماسلىقى، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشى ۋە ئايرىم جايدا تۇرىشىمۇ توغرا بولىدۇ، لېكىن ئەر كىشى ئايالى بىلەن يېنىشىۋالماي تۇرۇپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلمايدۇ، ياكى يېنىشىۋىلىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ.

   ئەر كىشى ئايالىنى ئاخىرقى قېتىم يەنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا ياكى ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلسا ياكى بىر قېتىم تالاق قىلسا، ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەرگە نىسبەتەن ئايال يات بولىدۇ، ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن يالغۇز جايدا بىرگە تۇرۇشى، ئايالنىڭ بىر يەرلىرىنى سىلىشى ياكى تۇتۇشى ۋە قارىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 21413- ۋە 36548- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   ئىددەت ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئىلگىرى 12667 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى: ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي بولمايدۇ، بەلكى ئۈچ ھەيز بولىدۇ، ئۈچ ئاي دېگەن كىچىكلىكتىن ھەيز كۆرمىگەن قىزلارنىڭ ياكى ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ھەيز توختاپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى  ئاي ھېسابى بىلەن بولىدۇ. يۇقىردا ئىشارەت قىلىنغان جاۋاپقا زىيادە قىلىندى.

   ئۈچىنچى: ئايالنىڭ ئۆزىگە يات بولغان ئەرلەر بىلەن سىرتلارغا چىقىشى ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا پاراڭلىشىشى توغرا بولمايدۇ. ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋالىرى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى 34841-، 6453- ۋە 19221- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئەر كىشى: ئايالىنى چېرايلىق كىيىملىرىنى كىيىش، خۇشپۇراق بۇيۇملارنى ئىشلىتىش، زىننەت بۇيۇملىرى تاقاش قاتارلىق ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايال چەكلىنىدىغان ئىشلاردىن چەكلىمەسلىك كېرەك. ئۇ ئايالغا ئېرى بىلەن يېنىشىۋالىدىغان (رەجئى) تالاقنىڭ ئىددىتى جەريانىدا ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىش ھارام بولىدۇ. ئەمما ئۆزىگە يات بولغان ئەرلەر بىلەن سىرتلارغا چىقىش ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا پاراڭلىشىش ھەر قانداق ھالەتتە چەكلىنىدۇ ۋە ھارام بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android