ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قىيامەتنىڭ چوڭ-كېچىك ئالامەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال: 78329

قىيامەتنىڭ چوڭ-كېچىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە قىيامەتتىن بۇرۇن يۈز بېرىدىغان شەرتلىرىنى ئۆلىمالار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان، قىيامەتنىڭ كېچىك ئالامەتلىرىدىن: 1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى. 2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى. 3-بەيتىل مۇقەددەسنىڭ پەتىھ قىلىنىشى. 4-پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن “ئەمۋاس” ناملىق ۋابا كېسىلى. 5-مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقىدىن بىھاجەت بولىشى. 6-پىتنىنىڭ يامرىشى. 7-پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى يالغانچىلارنىڭ مەيدانغا چېقىشى. 8-ھىجاز زېمىنىدا ئوتنىڭ كۆرۈلۈشى. 9-ئامانەتنىڭ زايە بولىشى. 10-ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەبزى روھ قىلىنىشى ۋە نادانلىقنىڭ يامرىشى. 11-زىنا-پاھىشەنىڭ كەڭ تارىشى. 12-جازانىنىڭ ئومۇملىشىشى. 13-ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاشكارا بولىشى. 14-ھاراقكەشلىكنىڭ كۆپ بولىشى. 15-پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سىلپ پەخىرلىنىشى قاتارلىقلار. قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى ئون تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار: 1-دەججالنىڭ چېقىشى. 2-ئىسا ئىبنى مەريەمنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى. 3-يەجۈجە ۋە مەجۈجەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى. 4-ئۈچ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: كۈن چېقىش تەرەپتە، كۈن پېتىش تەرەپتە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۈن تۇتۇلۇش. 5- ئالەمنى تۈتەك قاپلىشى. 6-كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى. 7- چوڭ ھايۋاننىڭ مەيدانغا چىقىشى. 8-ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئوت.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   -قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ مەنىسى.

    قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە قىيامەتتىن بۇرۇن يۈز بېرىدىغان شەرتلىرىنى ئۆلىمالار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان، كېچىك ئالامەتلىرى كۆپ ھاللاردا قىيامەت بولۇشتىن ئۇزۇن مۇددەت بۇرۇن بولىدۇ ، بەزىلىرى يۈز بېرىپ ئاخىرلاشقان بولىدۇ، بەزىسىنىڭ يۈز بېرىشى تەكرار بولىدۇ، بەزى ئالامەتلىرى نامايەندە بولۇپ، بۇ دائىم ئاشكارا ھالەتتە بىر-بىرىگە ئەگىشىدۇ، ھازىرغىچە يۈز بەرمىگەن ئالامەتلىرىمۇ بار، لېكىن ئۇ راست ئېيتقۇچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك چوقۇم يۈز بېرىدۇ.

   ئەمما چوڭ ئالامەتلىرى: ئۇ قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاشۇ كاتتا كۈننىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان كاتتا ئالامەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

   -قىيامەت كۈنىنىڭ كېچىك ئالامەتلىرى.

   قىيامەتنىڭ كېچىك ئالامەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ بۇ يەردە ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسنى سۆزلىمەستىن ئالامەتلەرنىلا بايان قىلىمىز. بۇ توغرىدا دەلىللەر بىلەن بىرگە كەڭرى مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى خالىغانلارنى مۇشۇ توغرىدا يېزىلغان ئىشەنچلىلىك كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇ كىتابلاردىن: شەيخ سۇلايمان ئەشقەرنىڭ:"كېچىك قىيامەت" ناملىق ئەسىرى، شەيخ يۈسۈپ ۋابىلنىڭ "قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى" ناملىق ئەسىرىدۇر.

   قىيامەتنىڭ كېچىك ئالامەتلىرىدىن:

  1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى.

  2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى.

  3-بەيتىل مۇقەددەسنىڭ پەتىھ قىلىنىشى.

  4-پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن "ئەمۋاس" ناملىق ۋابا كېسىلى.

  5-مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقىدىن بىھاجەت بولىشى.

  6-پىتنىنىڭ يامرىشى: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن پىتنىلەردىن: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئارىسىدا يۈز بەرگەن جەمەل ئۇرۇشى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىسىدا يۈز بەرگەن سىپپىين ئۇرۇشى، خاۋارىجلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى، مەدىنىنى ئۈچ كۈن تالان-تاراج قىلغان ھىررە ۋەقەسى ۋە قۇرئان مەخلۇق دېگەن پىتنە سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلار.

  7-پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى يالغانچىلارنىڭ مەيدانغا چېقىشى: ئۇلاردىن: مۇسەيلەمە كاززاپ ۋە ئەسۋەدىل ئىنسىي قاتارلىقلار.

  8-ھىجاز زېمىنىدا ئوتنىڭ كۆرۈلۈشى: بۇ ئوت ھىجىرىيە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى يەنى ھىجىرىيە 654-يىلى مەيدانغا كەلگەن، بۇ بەك زور ئوت بولۇپ، شۇ دەۋرىدە ياشىغان ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى دەۋرىدە ياشىغان ئۆلىمالار بۇ ئوتنى كۆپ سۈپەتلىگەن، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئوت بىزنىڭ زامانىمىزدا ھىجىرىيە 654-يىلى مەدىنىدە كۆرۈلگەن، بۇ مەدىنىنىڭ شەرقىدىكى ھەررە دېگەن جاينىڭ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن غايەت زور ئوت ئېدى، شام ئەھلى ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى بۇ ئوت توغرىسىدا كۆپ خەۋەرلەرنى بايان قىلغان، ماڭا مەدىنە ئەھلىدىن مۇشۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشى خەۋەر قىلغان".

  9-ئامانەتنىڭ زايە بولىشى: ئامانەتنىڭ زايە بولۇشىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن: ئىشلارنىڭ ئۇنى ئاسانلاشتۇرۇپ قىلىدىغان ئىگىلىرىدىن باشقىسىغا تاپشۇرۇلغانلىقىدىندۇر.

   10-بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغاندەك: ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەبزى روھ قىلىنىشى ۋە نادانلىقنىڭ يامراپ كېتىشىدۇ.

  11-زىنا-پاھىشەنىڭ كەڭ تارىشى.

   12-جازانىنىڭ ئومۇملىشىشى.

   13-ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاشكارا بولىشى.

   14-ھاراقكەشلىكنىڭ كۆپ بولىشى.

   15-پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سىلپ پەخىرلىنىشى.

   16-بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغاندەك: دېدەك ئۆزىنىڭ خوجايىنلىرىنى تۇغۇشى قاتارلىقلار. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرى بار،  ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ سۆزلەردىن مۇنۇ سۆزلەرنى تاللىدى: ئەۋلادلار ئارىسىدا ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش كۆپ بولىدۇ، بالا ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ئاھانەت قىلىش، دەشكۈشلەش قاتارلىق ئىشلاردا خۇددى خوجايىن قۇلغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

   17-ناھەق قان تۆكۈلۈش ۋە ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ كۆپ بولىشى.

   18- يەر تەۋرەشنىڭ كۆپ بولىشى.

   19-كۈن تۇتۇلۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە يەر يۈتۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ بولىشى.

   20-يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ يامراپ كېتىشى.

   21-مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست بولىشى.

   22-يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ھەقىقى گۇۋاھلىقىنى يوشۇرۇش.

  23-ئاياللارنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى.

   24-ئەرەب زېمىننىڭ ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇ ئېقىپ، يېشىللىققا ئايلىنىشى.

   25-پۇرات دەرياسىدىكى ئالتۇن تاغنىڭ ئاشكارا بولىشى.

   26-يىرتقۇچ ھايۋانلار، قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۆز قىلىدىغانلىقى.

   27-رىملىقلارنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن توختىماي ئۇرۇش قىلىشى.

   28- ئىستانبۇلنىڭ پەتىھ قىلىنىشى.

   -قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى.

   ھۇزەيپە ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون تۈرلۈك ئالامەتنى زىكىر قىلغان ئۇ ئالامەتلەر:

    1-دەججالنىڭ چېقىشى.

    2-ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى.

    3-يەجۈجە ۋە مەجۈجەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى.

    4-ئۈچ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: كۈن چېقىش تەرەپتە، كۈن پېتىش تەرەپتە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۈن تۇتۇلۇش.

    5- ئالەمنى قاپلىغان تۈتەك.

    6 -كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى.

    7- چوڭ ھايۋاننىڭ مەيدانغا چىقىشى.

    8-ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئوت، مۇشۇ ئالامەتلەر بىر-بىرىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىنچىسى ئاشكارا بولسا، قالغانلىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ مەيدانغا كېلىدۇ.

    ئىمام مۇسلىم ھۇزەيپە ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ ئولتۇرساق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىپ: نېمىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىسىلەر؟ دېدى، بىز: قىيامەتنى دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئون تۈرلۈك ئالامەتنى كۆرمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ دەپ: ئالەمنى قاپلىغان تۈتەك، دەججال، چوڭ ھايۋان، كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى، يەجۈجە ۋە مەجۈجە، ئۈچ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: كۈن چېقىش تەرەپتە، كۈن پېتىش تەرەپتە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۈن تۇتۇلۇش، ئۇنىڭ ئاخىرى ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۈرۈپ ئاپىرىدىغان يەمەندىن چىققان ئوت».

   -قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرى تەرتىپ بىلەن كېلەمدۇ؟.

    قىيامەتنىڭ بۇ ئالامەتلىرىنىڭ يۇقىرىقى تەرتىپ بىلەن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق بولغان سەھىھ دەلىل يوق، ئومۇمى دەلىلدىن بەزىسىنىڭ تەرتىپ بىلەن كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرى تەرتىپ بىلەن كېلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بەزىسى تەرتىپلەنگەن ۋە مەلۇملۇقدۇر، بەزىسى تەرتىپلەنمىگەن ۋە ئۇنىڭ تەرتىپىمۇ بىلىنمەيدۇ، تەرتىپ بىلەن كەلگەنلىرىدىن: ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى، يەجۈجە ۋە مەجۈجەنىڭ مەيدانغا چىقىشى، دەججال، ھەقىقەتەن دەججال مەيدانغا چىقىدۇ ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەجۈجە ۋە مەجۈجە مەيدانغا چىقىدۇ".

   ئىسپىرانىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئەقىدە كىتابىدا بۇ ئالامەتلەرنى رەتلىدى، لېكىن بۇ تەرتىپنىڭ بەزىسىگە ئىنساننىڭ كۆڭلى قانائەت تاپىدۇ، بەزىسىگە قانائەت تاپمايدۇ، بىزگە تەرتىپ مۇھىم ئەمەس، ھەقىقەتەن بىزگە مۇھىم بولغىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكى، ئۇ ئالامەتلەر يۈز بەرسە قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى قىلدى، چۈنكى ئۇ قورقۇنچلۇق ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا  ئېھتىياجلىق بولىدۇ". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى" (2/سوئال 137-نومۇر)].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android