ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن قان كەلگەن بولسا، بۇ روزا تۇتۇشنى چەكلەمدۇ؟

سۇئال: 79202

  مەن ئىككى ئاي بۇرۇن بالامنى تۇغدۇم، ھازىرغىچە نىپاسنىڭ قىنى ئۈزۈلمىدى، دوختۇرغا تەكشۈرتسەم، بالىنىڭ ھەمرىيىدىن بىر پارچىنىڭ قىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى، ئۇنى ئالدۇرىۋېتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇردۇم، بۇ رامزاندىن دەسلەپكى بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن بولغان ئىش، مەن ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كىيىن روزا تۇتتۇم، لىكىن قان ئۈزۈلمىدى، ھازىر قانداق قىلىشىم كېرەك؟، تۇتقان روزام توغرا بولامدۇ؟. ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كىيىن قان بەك ئاز كېلىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش مۇمكىن بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتى قىرىق كۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئايال پاك بولىدۇ، گەرچە قان كېلىپ قالسىمۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزىنى تۇتىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدۇ، قىرىق كۈندىن كىيىن كەلگەن قان نىپاس قىنى بولمايدۇ بەلكى پاكىزە قان بولىدۇ. ئىلگىرى بۇنىڭ تەپسىلاتى دەلىللىرى بىلەن 106464 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    شۇنىڭغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كىيىن  گەرچە قان كەلسىمۇ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، سىز رامزاننىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك.

قىرىق كۈندىن كىيىن ئوقۇمىغان نامازلىرىڭىزنىڭ ئاللاھ خالىسا قازاسى كەلمەيدۇ.

45648 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقىڭ.

 ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android