ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ناماز ئادا قىلىش ياخشى بولمايدىغان ۋاقىتلاردا نەپلە ئىبادەتلەردىن قايسىسىنى قىلسا توغرا بولىدۇ؟

سۇئال: 81978

   ناماز ئادا قىلىش ياقتۇرۇلمايدىغان ۋاقىتلار قايسى؟ بۇ ۋاقىتلاردا سۈننەت نامىزى ئادا قىلىنسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىت ئۈچ ۋاقىت، تەپسىلى قىلغاندا بەش خىل ۋاقىتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ۋاقىتلار:

    ئەتتىگەندە كۈن چىققاندىن باشلاپ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە بولىدۇ. بۇ ۋاقىت نورمالدا ئون ئىككى بولىدۇ، ئېھتىياتەن ئون بەش مىنۇت توختاش كېرەك.

   چۈشتە كۈن تىكلەنگەندىن باشلاپ غەرپكە ئىگىلگىچە يەنى پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگۈچە بولىدۇ.

   كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندىن باشلاپ كۈن تولۇق ئولتۇرغۇچە بولىدۇ.

   قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: بامدات ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگۈچە قەدەر.

   كۈن تىكلەشكەندىن باشلاپ كۈن ئېگىلگىچە.

   ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلىگە قاراش ئۈچۈن 48998 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: مۇشۇ ۋاقىتلاردا نەپلە ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، ئەمما پەرز ناماز ياكى قازا ناماز ئادا قىلىش چەكلىمىگە ئالاقىدار بولمايدۇ.

   قائىدىدە: نەپلە نامازنى دائىم ئادا قىلىش يولغا قويۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار» [سۈرە ھەج 77-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ھاجىتىنى سورىغان كىشىگە دېگەن سۆزىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ھاجىتىڭنى سورىغىن دېدى، ئۇ كىشى: جەننەتتە سىلىگە ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىتىڭ يوقمۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى: ياق، ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ ئۈچۈن سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن دېدى».

   بۇنىڭغا ئاساسەن: نەپلە نامازدا سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم ۋاقىتتا بولسۇن ھەر ۋاقىت ئوقۇش يولغا قويۇلغان، لېكىن بۇ يەردە مەلۇم ۋاقىتلار بولۇپ شەرىئەت ئۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئادا قىلىشنى چەكلىگەن، ئۇ بەش تۈرلۈك ۋاقىتتۇر. [" ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"شەرھىل مۇمتىئ"].

   ئۈچىنچى: پىقھى ئالىملىرى چەكلەنگەن ۋاقىتتا قىلسا دۇرۇس بولىدىغان بىر تۈرلۈك نەپلە نامازلارنى ئايرىپ چىقتى، ئۇ نامازلار:

  1-تاۋاپنىڭ ئىككى رەكەت نامىزى: بۇ توغرىدا جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ئابدۇلمەنناپ ئوغۇللىرى ھېچ بىر كىشىنى بۇ ئاللاھنىڭ ئۆيىنى يەنى بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشتىن ۋە كېچە-كۈندۈزدىن قايسى ۋاقىتتا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىمەڭلار» [تىرمىزى رىۋايىتى 868-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى2924-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1894-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1254-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

  2-جامائەت بىلەن نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش، بىر كىشى ئۆيدە پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ مەسچىتكە كەلسە جامائەت پەرز ناماز ئادا قىلىۋاتقان بولسا، گەرچە بۇ چەكلەنگەن ۋاقىت بولسىمۇ، ئۇ كىشى ئۇ نامازنى جامائەت بىلەن قايتىدىن ئادا قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلغان  نامىزى نەپلە بولىدۇ. بۇ توغرىدا يەزىيد ئىبنى ئەسۋەد ئامىرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلماي تۇرغان ئىككى كىشىنى كۆردى، ئۇ ئىككى كىشى نامازنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشكەن جايلىرىدا ئادا قىلىپ بولوپ كەلگەن ئېدى، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر چۈشكەن جايدا نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ ئاندىن جامائەت ناماز ئادا قىلىۋاتقان مەسچىتكە كەلسەڭلار نامازنى ئۇلار بىلەن بىرگە يەنە ئادا قىلىڭلار، ئۇ ناماز سىلەر ئۈچۈن نەپلە بولىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 219-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى858-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

  3-پەرز نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەت نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماي، چەكلەنگەن ۋاقىت كىرىپ قالغاندا ئوقۇپ قالسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك پېشىننىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكەت سۈننەتنى بىرەر ئىش بىلەن ئوقۇيالماي قالغان بولسا، ئەسىرنى ئوقۇپ بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئەلچىلەر بىلەن بولۇپ پېشىننىڭ كىيىنكى ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئەسىرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادا قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى1233-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى834-ھەدىس].

   4-جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى جۈمە كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كېلىپلا ئولتۇرغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: «ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ دەپ سورىغان ئېدى، ئۇ كىشى: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئورنىڭدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز قىلغىن دېدى». بۇخارى رىۋايىتى931-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى875-ھەدىس].

   5-چەكلەنگەن ۋاقىتتا جىنازا نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن. تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە ئوقۇسا بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە جىنازا نامىزى ئادا قىلىش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلار بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى ئادا قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن".

   ئەمما ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستىكى ئۈچ تۈرلۈك ۋاقىتتا جىنازا نامىزى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئۈچ تۈرلۈك ۋاقىتتا مېيىت نامىزى ئادا قىلىشتىن ۋە مېيىتنى قەبرىگە كۆمۈشتىن چەكلىگەن». ھەدىستە ناماز دېگەن سۆزگە دەپنە قىلىش دېگەن سۆزنى بىرگە كەلتۈرگەنلىكى بولسا، بۇ ۋاقىتتا جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ يەنى ئىمام ئەھمەدتىن قۇياش چىقىۋاتقاندا جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام: كۈن چىقىۋاتقاندا جىنازا نامىزى ئادا قىلىش ماڭا ياخشى كۆرەلمەيدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ ئاندىن ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى زىكىر قىلدى.

   جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنىڭ ئوخشىشى زىكىر قىلىنغان، ئىمام مالىك مۇئەتتادا ئىبنى ئۆمەردىن زىكىر قىلغان، ئىمام خەتتابىي: بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ سۆزى دېگەن.

    ھەقىقەتەن بامداتتىن كېيىن ۋە ئەسىردىن كېيىن دۇرۇس بولىشى بۇ ئىككى نامازدىن كېيىنكى ۋاقىتلار بەك ئۇزۇن بولۇپ بۇ ۋاقىتتا كۈتۈشتىن مېيىتكە زەرەر يىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەش بولىدۇ. ئەمما قالغان ئۈچ ۋاقىت قىسقىدۇر". ["ئەلمۇغنى"1-توم 425-بەت].

   تۆتىنچى: پىقھى ئالىملىرى چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان بەزى نەپلە نامازلار توغرىسىدا: بۇ نامازلارنى چەكلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلىش يولغا قويۇلغانمۇ ياكى چەكلەنگەنمۇ؟ دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ پەرقلىق قارىشى: مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئادا قىلىدىغان ئىككى رەكەت نامىزىغا ئوخشاش سەۋەپكە ئالاقىدار نامازلار توغرىسىدا بولغان، بەزىلەر بۇ نامازلارنى چەكلەنگەن ۋاقىتتىمۇ ئادا قىلسا بولىدۇ دېگەن، بۇ ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان كۈچلۈك قاراشتۇر،  بەزىلەر ئالىملار بۇنىڭدىن چەكلىگەن، ئۇلار مۇتلەق نەپلە بىلەن سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان نەپلىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمىغان. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 306 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android