0 / 0

ساھابە كىراملارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سوئال: 83121

ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ساھابىلارنى پەزىلەت ۋە ئادالەتلىك دەپ ئېتىقاد قىلىش ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەتنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئۇنداق بولىشى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنى ئالقىشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە مەدھىيلەنگەنلىكى سۆزلەندى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان روشەن دەلىللەر مۇتەۋاتىر شەكىلدە بايان قىلىندى. ئۇلارنى ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالى شان-شەرەپكە ئېرىشتى، بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى شانلىق مەرتىۋېسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىلىكى ئۈچۈن بەندىلىرىنى قەلبىدىن مۇۋاپىق ئورۇن تاللىغاندەك، پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرىدىن مۇشۇ ئىززەت-ئىكرامغا لايىق بولىدىغان ۋە بۇ نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىپ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان كىشىلەرنى تاللىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە ئەنئام 124-ئايەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئەسلىنى ۋە ۋارىسلىرىنى كىمنى قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ. كىمنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا، بۇنى سەمىيمىلىك، ئامانەتدارلىق بىلەن بەندىلەرگە يەتكۈزۈشكە لايىق بولىدۇ، كىمنىڭ شۇ ئەلچىلەرنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ، بۇيرۇقلىرىنى سەۋېرچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ، نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىپ، ئۆزىگە يېقىنلىشىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ بۇ ئىشلارغا يارىمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئۈممەتتىن ئەلچىلەرگە كىم ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى، ئەلچىلەرگە ئىز باسار بولىدىغانلىقى، ئۇلار رەببىدىن يەتكۈزگەن ئىلاھىي رىسالىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ". ["تەرىقۇل ھىجرەتەين" 171-بەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَذَلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَؤُلاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ: ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)». [سۈرە ئەنئام 53-ئايەت].

شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نېمەتنى تونۇيدىغان، نېمەت تەلەپ قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەققىنى تۇرغۇزىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-نېمىتىنى ئاتا قىلىدۇ، نېمەتكە شۈكۈر ئېيتمىغان كىشىلەرگە بۇ نېسىپ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ناھايتى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۆزىنىڭ پەزلى-نېمىتىنى لايىق بولمايدىغان كىشىلەرگە ئاتا قىلمايدۇ".

ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى، مەرتىۋېسىنىڭ ئالى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئالى مەرتىۋېگە لايىق بولىشىنىڭ سەۋەپلىرى زىكىر قىلىنغان نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر:

محَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاء عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاء بَيْنَهُمْ تَرَاهُمْ رُكَّعاً سُجَّداً يَبْتَغُونَ فَضْلاً مِّنَ اللَّهِ وَرِضْوَاناً سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِم مِّنْ أَثَرِ السُّجُودِ ذَلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْراً عَظِيماً  تەرجىمىسى:«مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى.» [سۈرە پەتھ 29-ئايەت].

ساھابىلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا لايىق بولغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى: سەھابە كىراملارنىڭ قەلبلىرىنىڭ پاكلىقى، ئىمانىدا سەمىيمى-راستچىل ئىكەنلىكىدۇر. بۇ بەندىلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا بولغان كاتتا گۇۋاھلىقتۇر. ۋەھيى ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحاً قَرِيباً تەرجىمىسى: «ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن مۇكاپاتلىدى.» [سۈرە پەتھ 18-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ "قۇرئان كەرىم تەپسىرى" 4-توم 243-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكى راستلىق بىلەن ۋاپا، ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشنى بىلدى".

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى نېمە دېگەن گۈزەل سۆز: كىمكى توغرا يول تۇتماقچى بولسا ۋاپات بولغانلارنىڭ يولىغا ئەگەشسۈن، چۈنكى ھايات كىشى تۈرلۈك پىتنىلەردىن ئەمىن بولالمايدۇ، ئاۋۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كىشىلىرى، قەلبى گۈزەل، ئىلىملىك، ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلمايدىغان كىشىلەر ئېدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى پەيغەمبىرىنىڭ سۆھبىتىگە ۋە ئۆزىنىڭ دىنىنى تۇرغۇزۇشقا تاللىدى. ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بىلىڭلار، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار، كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ۋە دىنىنى چىڭ تۇتۇشقا تېرىشىڭلار، ھەقىقەتەن ئۇلار توغرا يولدا بولغان ئېدى". ئىبنى ئابدۇل بەر"ئەلجامى" ناملىق ئەسەر 1810-ھەدىستە بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالا مۇھاجىر، ئەنسارلارغا دائىملىق، نېمەتلىك جەننەتنى ۋەدە قىلدى، قىيامەتكىچە تىلاۋەت قېلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەردە ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنداق ئىكراملار ئاللاھنىڭ پەزلىگە لايىق بولمايدىغان كىشىلەرگە بولىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟!.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالسَّابِقُونَ الأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالأَنصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُم بِإِحْسَانٍ رَّضِيَ اللّهُ عَنْهُمْ وَرَضُواْ عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَداً ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.» [سۈرە تەۋبە 100-ئايەت].

ئىنسانلارنىڭ سەييىدى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىگە شاھىتلىق بەردى، ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ دىن ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكى، كەسكىنلىك، سەمىيمىلىك بىلەن مۇستەھكەم تۇرغانلىقىغا شاھىت بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ شەرىپى ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش توغرىسىدىكى قىيامەتكىچە قالىدىغان قىممەتلىك سۆزلەرنى قالدۇردى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ساھابىلىرىمنى تىللىماڭلار، مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوھۇد تېغىدەك ئالتۇن سەدىقە قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر كىلۇ ياكى يېرىم كىلۇ سەدىقىسىنىڭ ساۋابىنىمۇ تاپالمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى3673 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2540-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ زامانىمدا ياشىغانلار، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن كېيىن ياشىغانلار، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن كېيىن ياشىغانلار». [بۇخارى رىۋايىتى2652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2533-ھەدىس].

خەتىپ باغدادى "ئەلكىپايە" 49-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەگەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ئۇلار يەنى ساھابىلار توغرىسىدا مەدھىيلەش سۆزلىرى كەلمىگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشى، جىھاد قىلىشى، دىنغا ياردەم بېرىشى، جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلىشى، دىن ئۈچۈن ئاتىلىرى بالىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى، دىندا سەمىيمى بولىشى، ئىمانى ۋە ئىشەنچ كۈچى، كەسكىن ئادالەتلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پاكلىقىنى ئېتىقاد قىلىش ئۇلارنى مەدھىلەشنى ۋاجىپ قىلاتتى، ئۇلار تا قىيامەتكىچە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئادالەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئادىللىرى، پاك كىشىلەرنىڭ ئەڭ پاكلىرىدۇر. مانا بۇ بارلىق ئالىم-ئۆلىمالار ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئۇلارغا قارىتا تۇتقان يولىدۇر".

ئەگەر بىز ساھابىلارنىڭ دىنغا ياردەم بەرگەن ئورۇنلىرى، ئالى دەرىجىلەرگە لايىق بولغان ياخشى ئەمەللىرىنى تولۇق بايان قىلىدىغان بولساق ئېدى، ئەلۋەتتە بىر قانچە توملۇق كىتاپ بولاتتى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئاللاھ يولىدا بولدى، دۇنيانى ياخشىلىق ۋە ئىسلاھات بىلەن توشقۇزغان يۈزلەرچە ساھابىلارنىڭ ھاياتىنى قانچىلىق كىتاپلارغا سىغدۇرغىلى بولار؟!.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە نەزەر سالدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى قەلىپ تاپتى، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى، ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك رىسالىتى بىلەن ئەۋەتتى، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە قارىغاندىن كېيىن يەنە باشقا بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە نەزەر سالدى، بەندىلەرنىڭ ئارىسىدىن ساھابىلارنىڭ قەلبىنى ئەڭ ياخشى دەپ تاپتى، ئۇلارنى پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان قىلدى. مۇسۇلمان ياخشى-گۈزەل دەپ قارىغان-كۆرگەن نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى-گۈزەلدۇر. مۇسۇلمان ناچار-سەت دەپ قارىغان-كۆرگەن نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ناچار-سەت ھېساپلىنىدۇ". [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 1-توم 379-بەتتە كەلتۈرگەن. "مۇسنەد"نى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادىنى ھەسەن دېگەن].

بۇنىڭ تەپسىلاتى 45563 - 13713- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

ئىككىنچى: شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، ساھابىلارنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھېچ قانداق ئەيىپى يوق پاك دېيىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان، ئۇلاردىنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش خاتالىق سادىر بولىشى مۇمكىن، مانا بۇ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن يۈز بەرگەن خاتالىقلار ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولغانلىقى شەرىپىگە كۆرە ئەپۇ قىلىنىدۇ، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى كەتكۈزىۋېتىدۇ، ساھابىلارنىڭ بىرىنىڭ دىن ئۇچۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئەڭ قىسقا زامانىغىمۇ دۇنيادىن ھېچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ساھابىلار توغرىسىدا گۈزەل سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئۇلارغا رەھمەت، مەغپىرەت تېلەيدۇ، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ بىر كىشىنى ئىجتىھادتا ئېزىپ كىتىشتىن پاك دەپ قارىمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىلاردىن خاتالىشىش، كەمچىللىك سادىر بولىشى نورمال ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أُولَئِكَ الَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَنَتَجَاوَزُ عَنْ سَيِّئَاتِهِمْ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.» [سۈرە ئەھقاپ 16-ئايەت].

ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرى دېگەن ئۇ ئەمەللەرنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە ئاقىۋېتىدىن ئىبارەتتۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 4-توم 434-بەت].

بۇ توغرىدا قۇرئان، ھەدىستە نۇرغۇن ئورۇنلاردا زىكىر قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە ساھابىلاردىن كەينىگە چېكىنگەنلەرنى ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْاْ مِنكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُواْ وَلَقَدْ عَفَا اللّهُ عَنْهُمْ إِنَّ اللّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى(جەڭدىن)ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر(يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران 155-ئايەت].

مەككىنى پەتھى قىلىدىغان ئۇرۇشتىن بۇرۇن ساھابىلاردىن بەزىسى قۇرەيشكە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىش بىلەن خاتالىق سادىر بولغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بۇ ھەقىقەتەن بەدىر ئۇرىشىغا قاتناشقان، ئاللاھ تائالا بەدىر ئۇرىشىغا قاتناشقانلارغا نەزەر سالغان ۋە ئۇلارغا: خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، مەن سىلەرنى مەغپىرەت قىلدىم دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم  رىۋايىتى 2494-ھەدىس].

بۇنىڭدىن باشقىمۇ ساھابىلارنىڭ بەزىسىدىن خاتالىق سادىر بولغان نۇرغۇن ئورۇنلار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغان، بۇ ئۇلارنىڭ يۈكسەك پەزلى-رەھمەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنىڭ شەرىپىگە ئۇلاردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات دەۋرىدە ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن خاتالىقلار داغ تەككۈزەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، خەۋەرنى ھېچ نەرسە ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەلمەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android