0 / 0

چوشقا گۆشى ياكى ھارام نەرسىلەرنى يۆتكەشنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 85191

مەن يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇندا ئىشلەيمەن، دۇكانلارغا تارقىتىلىدىغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات ۋە ھەرتۈرلۈك گۆشلارنى ئامباردىن ماشىنىغا بېسىش جەريانىدا چوشقا گۆشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى خېرىدارنىڭ تەلىپى بويۇنچە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىمەن. بۇ ئورۇندا مەزكۇر ئىشلارنى قىلىشىمغا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تىز تاماقخانا ۋە رىستۇرانتلاردا ئىش پۇرسىتى مەۋجۇت ئەمما ئۇلارمۇ بەزى تاماق تۈرلىرىگە توڭگۇز گۆشى ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مەدھىيە جانابىئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلماننىڭ چوشقا گۆشى سېتىشى ياكى چوشقا گۆشىساتىدىغان تىجارەت مەركەزلىرىدە ئىشلىشى، چوشقا گۆشىياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان دىنىمىزدا چەكلەنگەن نەرسىلەرنىيۆتكەپ بېرىپ ھەق ئېلىشى جايىز ئەمەس.بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ:ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىبۇتقا چوقۇنۇشنى، توڭگۇز گۆشى يېيىشنى،ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ئىستىمال قىلىشنى، مەستقىلغۇچى نەرسىلەرنى سېتىشنى ھارام قىلدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

شۇنىڭدەك،تىز تاماقخانا ۋە رېستۇرانتلاردا، شەرىئەتتەئىستىمال قىلىش چەكلەنگەن نەرسىلەرگە ياردەملىشىش،ھاراق توشۇش ۋە خېرىدارلارغا ھاراق قۇيۇش،ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى توشۇش ۋە سېتىشجايىز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:وَتَعَاوَنُواْ عَلَىٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْعَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚوَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققاياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغاياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار،ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقدۇر.[سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭبىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:حُرِّمَتۡعَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِوَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُوَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُوَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيۡتُمۡتەرجىمىسى: سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپقالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنىبۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان،بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەنھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەنھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپيېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشھارام قىلىندى.لېكىن يۇقىرىقى بەشتۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا بوغۇزلىغانلىرىڭلارھالال بولىدۇ.[سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭبىرقىسمى].

مۇسۇلماننىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ھالال كەسىپتىنرىزىق ئىزدىشى، دىندا چەكلەنگەن كەسپلەر بىلەنشۇغۇللانماسلىقى لازىمدۇر. شەرىئەتتە چەكلەنگەنكەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توغرىسىدا رەسۇلۇللاھئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھارامدىن غىزالاندۇرۇلغان جىسىم جەھەننەمگەھەقلىقتۇر. [تەبەرانىرىۋايىتى].

سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقاتكومتېتىدىن، چوشقا گۆشى ۋە ھاراق ساتىدىغان رىستۇرانتلاردائىشلەش توغرىسىدا سورىغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋاپبېرىدۇ: مۇسۇلمان ئۈچۈن، ئىسلام دىنىدا يېيىش-ئىچىشچەكلەنگەن چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىساتىدىغان ئورۇنلاردا ئىشلەش ۋە ياردەملىشىش ھارامدۇر.مەزكۇر خىزمەت ئارقىلىق تاپقان پۇل ھارامدۇر. چۈنكىبۇ چەكلەنگەن ئىش ۋە گۇناھ-مەسىيەتكەھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:وَلَا تَعَاوَنُواْعَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ تەرجىمىسى: گۇناھقا ۋە زۇلۇمغاياردەملەشمەڭلار.[سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭبىرقىسمى].

سىزگە بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: يۇقىرىدا زىكىرقىلىنغان رىستۇرانت ۋە تىز تاماقخانىلارغا ئوخشاش ئورۇنلارداخىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق قىلغانلىقىڭىز، ئاللاھچەكلىگەن نەرسىلەرگە ياردەم بېرىشتىنتوسالغانلىقىڭىزدۇر.

[سەئۇدى ئەرەبىستانئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى13/49].

خۇلاسە:يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇنلاردا،ئىسلام دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان ھارام نەرسىلەرنىسېتىش، توشۇش ۋە يۆتكىمەسلىك ۋەمۇئامىلە قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android