ئايلىق ئادىتىم ئىچىدە ئوپېراتسىيە قىلىندىم، نامازنى ئادا قىلماقچى بولسام قانداق قىلىمەن؟، تەيەممۇم قىلىمەنمۇ؟ ھەيزدىن تەيەممۇم قىلىش قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟ ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا تەيەممۇم قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئوپېراتسىيە بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىدىم، تەيەممۇم قىلسام توغرا بولامدۇ؟
سوئال: 87711
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەيىزدار ئايال ھەيىزدىن پاك بولۇپ ناماز ئادا قىلماقچى بولغاندا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، سۇ زىيان قىلىدىغان ياكى كارۋىتىدىن تۇرالمايدىغان ئەھۋال بىلەن يۇيۇنۇشتىن ئاجىز كەلسە، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام شەرىئىتى ئاسانلىق ۋە يەڭگىللىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۈزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئۈزرۈسىگە كۆرە ئىبادەتنى جاپا-مۇشەققەتسىز، قېيىنچىلىقسىز ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئىبادەتنى يەڭگىللەتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى)» [سۈرە ھەج 78-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇ ئىشنى ئورۇنداڭلار».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر».
كېسەل كىشى ئاجىزلىقتىن ياكى كېسىلى زىيادە بولۇپ كېتىشتىن ياكى كېسىلىنىڭ شىپا تاپماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ سۇ بىلەن كېچىك تاھارەت ئېلىشقا ۋە يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشى تەيەممۇم قىلىدۇ، تەيەممۇم دېگەن: ئىككى ئالقىنىنى پاك تۇپراققا بىر قېتىم ئۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئىچىنى ۋە ئىككى ئالقىنىنى تەمكىنلىك بىلەن سىلايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ تەرجىمىسى: «ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار»مائىدە سۈرىسى 6-ئايەت.
سۇ تۇرۇپ ئۇنى ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمى سۇ تاپالمىغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇ ئىشنى ئورۇنداڭلار».
يەنە مۇنداق دېگەن: كېسەلنىڭ تاھارەت ئىلىش ئەھۋالى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1-كېسەل يەڭگىل بولۇپ سۇ ئىشلەتسە كېسىلىنىڭ زىيادە بولۇپ كىتىشى، شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ قىلىشى ھەتتا ھالاك بولىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئەنسىرىمىسە ياكى ئىسسىق سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلمايدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ تەيەممۇم قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تەيەممۇمنىڭ دۇرۇس بولىشى دېگەن: زەرەرنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇ ھالەتتە كېسەلگە زەرەر بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئىشلىتىدىغان سۇنى تاپالايدۇ، ئۇنىڭغا سۇ ئىشلىتىش ۋاجىپ بولىدۇ.
2-كېسەل كىشى سۇ ئىشلىتىش بىلەن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى ياكى بەزى ئەزاسىنىڭ ناكا بولىشىدىن ياكى قىلغان ئىلاج-دورىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].
3-كېسەل كىشى ھەرىكەت قىلالمايدىغان ۋە سۇنى ئەكىلىپ بېرىدىغانغا ئادەم تاپالمايدىغان ھالەتتە بولسا ئۇ كىشىگە تەييەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
4-جاراھەتلەنگەن، قاپلىق يارا بولغان، ئەزاسى سۇندۇرۇلغان ياكى سۇ زىيان قىلىدىغان كېسەل بولسا، ئىلگىرىكى دەلىللەرگە كۆرە تەيەممۇم قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. بەدىنىدىكى ساق ئورۇنلارنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا، ئۇ جايلارنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، قالغان ئورۇنلارغا تەيەممۇم قىلىدۇ.
5-سۇ ۋە توپا تېپىلمايدىغان ئورۇندا بولسا ۋە ئۇنى ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇ كىشى ئۆز ھالى بويۇنچە نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نامازنى كېچىكتۈرۈشى كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].
"بىمار ھۆكۈملىرى ۋە تىبابەتكە ئالاقىدار پەتىۋالار" 26-بەت.
ئىككىنچى: ھەيزدىن تەيەممۇم قىلىشمۇ تاھارەتنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلغانغا ئوخشايدۇ. تەيەممۇمنى قانداق قىلىش توغرىسىدكى مەسىلە يۇقىرىدا شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسىدا بايان قىلىندى.
تەيەممۇم قىلىشنىڭ تەپسىلاتى 21074 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى.
ئۈچىنچى: تەيەممۇم تاھارەتكە ئوخشاش بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا ئۇنىڭ بىلەن چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىك يوق بولىدۇ، تەيممۇم قىلغان كىشى بىر تەيەممۇم بىلەن بىر قانچە پەرز نامازلارنى ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ.
مەسىلەن: پېشىن نامىزىغا تەيەممۇم قىلغان بولسا، تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئەسىر ۋە باشقا نامازلارنى ئوقۇش توغرا بولىدۇ، ھەر ناماز ئۈچۈن قايتىدىن تەيەممۇم قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنسان نەپلە ناماز ئۈچۈن تەيەممۇم قىلغان بولسا، بۇ تەيەممۇم بىلەن پەرز نامازنى ئادا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "تەيەممۇم تەھارەتسىزلىكنى يوق قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نەپلە نامازغا قىلغان تەيەممۇم بىلەن پەرز نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ، بۇ خۇددى نەپلە ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئىلىپ بۇنىڭ بىلەن پەرز ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاشدۇر، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتسە تاھارىتى بۇزۇلمىغان تەقدىردە تەيەممۇمنى قايتىدىن قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 11-توم 240-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدرۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى