ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇئامىلىدە ياخشى لېكىن نامازغا سەل قارايدىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا قوشۇلسام توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 89709

يېشىم ئوتتۇزدىن ھالقىغاندا تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، نامازغا سەل قارايدىغان ئەمما ئانىسىغا بەك كۆيۈنىدىغان، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئورۇندايدىغان بىر كىشى، ماڭا ئەلچى كىرگۇزدى.

قېرىنداشلىرىم مېنىڭ ئۇ كىشى بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلۇپتۇ.  مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ توي قىلماي ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇشۇمدىن بىزار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ كىشى بىلەن توي قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقسام بولامدۇ؟، ماڭا بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر.

ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم! بىز: سىزۋە سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىزغا، سىز بىلەن تويقىلماقچى بولغان يىگىتگە قارىتا بۇ ھەقتە نەسىھىتىمىزنى تۆۋەندىكىدەكئۈچ تۈرلۈك جاۋاپقا يىغىنچاقلايمىز:

بىرىنچى: سىزنىڭئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىزغا:

1- ئاللاھ تائالا سىلەرگەھەمشىرەڭلار ئۈچۈنئۇنىڭغا دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدامەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشنى بېكىتتى،ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ھەمشىرەڭلارغامۇناسىپ بولغان ياخشى لايىقىنى تاللاش، مۇناسىپ كىشى بولۇپقالسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى چەكلىمەسلىك، سىلەرۋەلىسىز نىكاھنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ياخشىبىلىسىلەر، ۋەلىنىڭ ئەڭمۇھىم ئىشىسۈرۈشتۈرۈپ، ياخشىنى تاللاپ بېرىش ئارقىلىققىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ گۇزەل بولۇشنىكاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەتتاياخشى كىشى ۋە سالىھ يىگىتنى ئۈچراتقاندا ۋەلىبولغۇچى قىزىمنى ياكى سىڭلىمنى بېرەي دېسىمۇبولىدۇ. ھەمشىرەڭلارنى ئۆزىگە مۇناسىپبولمىغان كىشىگە تويلاپ قويۇش ياكى مۇناسىپ كىشى بىلەنتوي قىلىشتىن چەكلەپ قويۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭسىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگەمەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن ئامانەتنى زايە قىلىۋىتىشتىنئىبارەتتۇر.

2-بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىھەمشىرەڭلارگە مۇناسىپ كىلىدىغان لايىقنىڭسۈپىتىنى بايان قىلىپ سىلەرگە كۆرسەتمەبەردى، ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىككىسۈپەت تولۇق تېپىلغان كىشىدىن ئىبارەت: دىندارۋە ئەخلاقلىق بولۇش. بۇ ئىككىسۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىدە ئاللاھ خالىساھەمشىرەڭلارئۈچۈن بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىئۈچۈنمۇ ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەتتېپىلىدۇ. چۈنكى دىندار كىشى ئايالىغا كۆڭۈلبۆلىدۇ، ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئاللاھ تائالابېكىتكەن ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ھەققىنىتولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلارنى ياخشىلىق،تائەت-ئىبادەتكە يېتەكلەيدۇ، يامانلىقۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلەيدۇ.

گۈزەل ئەخلاق ئۇ كىشىنى ئايالىغاقوپاللىق قىلىشتىن چەكلەيدۇ، ياخشىلىققايېتەكلەيدۇ، ئايالىنىڭ بىر ئىشىدىن ئاغرىنسايەنە بىر ئىشىدىن رازى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇئايالنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە قىلغان ىۇي-پەيلىگەسەبىر قىلىدۇ، ئەگەر ئايرىلىپ كېتىشنى خالىسا،ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپچىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىدۇ.

3- شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى،ھەمشىرەڭلارنى كاپىرغا نىكاھلاپ قويساڭلار توغرابولمايدۇ، پاسىققا نىكاھلاپ قويۇشمۇ ياخشى ئىشئەمەس، چۈنكى كاپىر بىلەن نىكاھ بولمايدۇ، پاسىققانىكاھلاپ قويۇش بولسا ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەنلىكۋە ساقلاشقا سەل قارىغانلىقتىنئىبارەتتۇر.

ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەممۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭكاپىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىس ۋەساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. نامازئوقۇسىمۇ جامائەتكە سەل قارايدىغان كىشى پاسىق ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭدەك ھاراق ئىچكۈچى ۋە تاماكاچەككىچىمۇ پاسىق ھېسابلىنىدۇ ئەگەر ئۇھاراق ئىچىدىغان بولسا، پۈتۈن ناچارلىقنىڭ مەنبىيىنىقىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىگە سىڭلىڭلارنىنىكاھلاپ قويۇشۇڭلار توغرا بولمايدۇ، چۈنكىبۇنداق كىشىنىڭ ئايالىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغارىئايە قىلىش ۋە يۈز-ئابرۇيىنى ساقلىشىغائىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭمۇساغلام تەربىيە ئىلىپ بىرىشىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا سىلەرنىھەمشىرەڭلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇدىغانقىلدى ۋە ئۇنى سىلەرگە ئامانەت قىلدى،ئامانەتنى ياخشى ئاسراپ ساقلاشنى بېكىتتى. شۇنىڭئۈچۈن ھەمشىرەڭلارغا لايىق بولغان كىشىنىڭدىن-دىيانىتى، ئەدەپ-ئەخلاقىنىسۈرۈشتۈرۈش سىلەرنىڭمەجبۇرىيتىڭلار، سىلەر ئۇ كىشىنىڭ نامازئوقۇمايدىغانلىقىنى بىلسەڭلار ھەمشىرەڭلارنىئۇ كىشىگە ياتلىق قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ كىشى نامازنىتەرك قىلىش بىلەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بۇھەقتە ئۇ كىشىگە يولى كەلگەندەچىرايلىقچە نەسىھەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇكىشى ناماز ئوقۇسىمۇ نامازنىڭ ۋاقتىغا سەلقارايدىغان ياكى جامائەتنى تەرك ئېتىدىغان ياكى ھاراقئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان بولسا ئۇنىڭغاسىڭلىڭلارنى ياتلىق قىلماڭلار، چۈنكىئامانەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە،ھەمشىرەڭلارنى دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغانكىشىگە ياتلىق قىلىشىڭلار لازىمدۇر.

4-ھەمشىرەڭلارنىڭ ھەققىدەئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا قاتتىق-قوپاللىققىلماڭلار، توي قىلىشىنىڭ كېچىككەنلىكى ئۈچۈنئەيىبلەپ ئۇنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنىچۈشۈرمەڭلار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەرت-خاپىلىقلىرىغانۆۋىتى كەلگەندە سىلەر ئەرلەربەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن. سىلەرئۇنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يەڭگىللىتىپ، قىيىنچىلىقلىرىنىئاسانلاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياخشى بىر لايىقۋە كۆيۈمچان پەرزەنت ئاتا قىلغانغاقەدەر ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىش ئارقىلىق چىندىلىڭلاردىن كۆيەنگەنلىكىڭلارنى ھېسقىلدۇرۇشىڭلار ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىككىنچى: سىز بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە:

1-بىلىشىڭىز كېرەككى،ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا نامازنى تەرك قىلغۇچىنىكاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇنۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىندى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭساھابىلىرىمۇ بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ قىلىشماستىنشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَفَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِئەگەر ئۇلار(كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكاتبەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭقېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋەمەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەنئوخشاشتۇر). [سۈرە تەۋبە11-ئايەت].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىئاڭلىغان: مۇسۇلمان بىلەنكاپىر ۋە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنامازدۇردەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى82-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىيقرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭساھابىلىرى ئەمەللەر ئىچىدە نامازدىن باشقىنى تەركقىلغانلارنى كاپىر دەپ قارىمايتتى (يەنى نامازنى تەركقىلغۇچىلارنى كاپىر دەپ قارايتتى).” [تىرمىزىرىۋايىتى2622-ھەدىس].

قېرىندىشىم! سىز نامازنى تەرك قىلغانبولسىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىزغا تەۋبە قىلىپ،ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىپ، نامازنى بارلىق پەرز،ۋاجىپ، شەرتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشقاتېرىشىڭ.

2-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھتائالا، قەستەن نامازنىڭ ۋاقتىنىئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىتوغرىسىدا خەۋەر بەردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُواالشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا تەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىنكېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنىتەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى،ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنىتارتىدۇ. [سۈرە مەريەم59-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ:فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ . الَّذِينَهُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ

تەرجىمىسى: شۇنداقناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەتبىلەن ئوقۇيدۇ،شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى،ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ.[سۈرە مائۇن 5-ئايەت].

3-ھاراق بولسا ئەڭ نىجىس ۋەپاسكىنا نەرسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُوَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُلَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈنتىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەنپال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر،بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈنشەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. [سۈرەمائىدە 90-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ھەرقانداقمەس قىلغۇچى ماددا ھاراقتۇر، ھەر قانداق مەسقىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، ھاراققاخۇمار بولغان ھالەتتە تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپكەتكەن كىشى جەننەت شارابلىرىنىئىچەلمەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەنھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن:ھەر قانداق مەس قىلغۇچىماددا ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھاراپ ئىچىپشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى ئاخىرەتتەدوزاخ ئەھلىنىڭ تەر-يىرىڭلىرىبىلەن سۇغۇرىدىغانلىقى توغرىسىداۋەدە قىلدى.[مۇسلىم رىۋايىتى2002-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاميەنە مۇنداق دېگەن: ھاراق بولسا بارلىقيامانلىقنىڭ مەنبىيىدۇر، كىمكى ھاراق ئىچىپتەۋبە قىلمايدىكەن ئۇ كىشىنىڭ قىرىقكۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئەگەرشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە،جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. [تەبرانىرىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھدېگەن].

4-بىلىڭكى، تاماكا چېكىش ھارامدۇر. مەزكۇرقىلمىش مال ۋە سالامەتلىكنى زىيانغا ئۈچرىتىشتۇر.ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى سىزدىن تاپقانمال-دۇنيالىرىڭىزنى نېمىلەرگە سەرپقىلغانلىقىڭىز توغرىسىدا سوئال قىلىدۇ. ئەگەر تاماكاسىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭىزگەسەۋەپ بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىگە ئوخشاشچوڭ جىنايەت سادىر قىلغان بولىسىز.

5-سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا بولۇپمۇئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭىز،خىزمىتىڭىزدە ئەستايىدىل شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقىداياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭىزغا رەھمەتئېيتىمىز. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى،سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىڭىز ياكى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقاسەل قارىشىڭىز، ھاراق ئىچىپ-تاماكا چېكىشىڭىز قىزۋە ئۇنىڭ ۋەلىلىرىنى سىزنىڭ توي قىلىشتەلىپىڭىزنى قوشۇلماسلىقىغا سەۋەببولۇپ قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدىبىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تۈزەشتۈرۈپ،نەپسىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ، شۇنداق قىلغاندا ياخشى-سالىھەئايالنىڭ ھەقىقى لايىقى بولالايسىز. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭتەقەززاسىغا ئۇيغۇن ياخشى بىر ئائىلەقۇرۇپ چىقالايسىز.

ئۈچىنچى: سىزگە بولغانتەۋسىيەرىمىز:

1-سەۋىرچان بولۇڭ،ھەقىقەتتە تەۋرەنمەي مۇستەھكەمتۇرۇڭ، بىز سىزگە لايىق بولۇپ كەلگەنھەرقانداق كىشىگە دىن ۋە ئەخلاقتەرەپتىن يول قويۇڭ دېمەيمىز،گەرچە ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپقالسىڭىزمۇ ھەقتە چىڭ تۇرۇڭ،ئايالنىڭ تەبىئىتى ئاجىز بولىدۇ، نۇرغۇن ئاياللارگۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەنكىشىنى توغرا يولغا باشلاشنى مەقسەت قىلىپ توي قىلغان بولسىمۇئەمما نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئۆزلىرىزىيان تارتىشىدۇ. سىز بۇ يولدا ماڭماڭ، چۈنكىبۇ يولدا سىزدىن بۇرۇن ماڭغانلارمۇ كۆپبولۇپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى”ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ دىنىدا بولىدۇ”دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار.

2-ئەگەر قېرىنداشلىرىڭىز سىزنى مەزكۇركىشى بىلەن توي قىلىشقا قىستىسا، ئۇلار ئالدى بىلەنسىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ياتلىقبولۇشقا رازى بولمىغانلىقىڭىزنى بىلىشى ۋە ئۇيىگىتكە بۇنى ئوچۇق بايان قىلىشى، ئۇنىڭدىنئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىشتوغرىسىدا سەمىمى ۋەدە ئىلىشى كېرەك.بۇنى ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بىلىشىكېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇ ۋەدىسىگەتولۇق ئەمەل قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاغزاكىماقۇل دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاللاھتائالاغا تەۋبە قىلماي، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالدىرىمىسابۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇ يىگىتنىڭئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ. سىزئۈچۈنمۇ تويدىن ئىلگىرى بۇ نىكاھنى قىلماسلىققاپۇرسەت يارىتىلىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەتئۇ يىگىتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

3-ئۇنىڭ نامازنى تەرك قىلغانلىقىنىھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا خاتالىقلىرى نىكاھ ئەقىدىسىنىڭ توغرابولىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىزنىڭسىزگە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى نەسىھىتىمىز،ئەگەر سىز ئۇنىڭ توغرا يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ،توي قىلىشقا ماقۇل بولۇش ياكى بولماسلىقىڭىزئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، ئەمما بۇنىڭدىنيەنە ئىككىنچى بىر لايىق تاللىشىڭىز چەكلىنىدۇدېگەنلىك ئەمەس. بىز سىز ئۈچۈنسەۋرچانلىق تىلەپ دۇئا قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىزئۈچۈن بۇ ئىشتا چىقىش يولى بەرگەي،ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر لايىق ئاتا قىلغاي. ئامىن.

4-بىلىشىڭىز كېرەككى، دىندار،ئەخلاقلىق كىشى بىلەن بىر بولغان ئائىلە تۇرمۇشىبەخىتلىك تۇرمۇش بولۇپ، بۇنداق ئەربىلەن بولغان ئايال قۇرئان-سۈننەتكە مۇۋاپىقبولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقالايدۇ. شۇنداقلا ئائىلەۋە پەرزەنتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغانۋە رازى بولىدىغان شەكىلدە تەربىيلەپيېتىشتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئاسىي،ئەخلاقسىز كىشى بىلەن بولغان تۇرمۇش، دائىمكۆڭۈلسىزلىك، غەم-قايغۇ ۋە دۇنياتېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ، ئېسىل ئەخلاقگۈزەل غايىلەردىن خالى بولىدۇ،گۇناھ-مەسىيەت ئۆز ساھىبىنى يەنە بىرخاتالىققا سۆرەپ ئىلىپ بارىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭدىلى قارىداپ، قاتتىقلىشىپ، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ۋەيامانلىقنى ئىنكار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. گۇناھ-مەسىيەتقىلغۇچىنىڭ ھالى ئۆزگەرگەندەك، دىندار،ئەخلاقلىق ئايالنىڭمۇ ئەخلاقى ئۆزگىرىپ ناچارلىشىپكېتىدۇ.لېكىنئەر-ئاياللىق تۇرمۇش، بىرگە ئۆتۈش،مېھرى-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق، بولۇشئېھتىماللىقى بولغان ئېنىقسىز نەرسىگە ئەمەسبەلكى ئەمەلىي ۋاقىئەگە ئۇيغۇنبولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئايال كىشىئۆزىگە لايىق كۆرىدىغان ئەردە گۈزەلئەخلاق ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى سۈپەت بولىشىمۇھىمدۇر. مال ۋە نەسەپ بولسا ئىككىنچىئورۇندا تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنىئەرنىڭ دىندار، ئەخلاقلىق بولىشىدۇر. چۈنكىئەر دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولسا، ئايال كىشىئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىسىنى يوقۇتۇپقويمايدۇ، بىرگە ياشىسا بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ،ئەگەر ئايرىلىپ كەتسىمۇ چىرايلىقچە ئايرىلىپكېتىدۇ، دىندار، ئەخلاقلىق كىشى ئايالغا ۋەپەرزەنتلىرىگە بەرىكەت بولىدۇ.ئەۋلادلار ئۇنىڭدىن گۈزەل ئەخلاقۋە دىن ئۈگىنىدۇ. ئەر كىشى دىندار، ئەخلاقلىقبولمىسا، بولۇپمۇ نامازنى تەرك قىلىدىغان ياكى سەلقارايدىغان، ھاراق ئىچىدىغان بولسا بۇنداق ئەردىن يىراقتۇرۇش لازىم، پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىربولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشىتوغرا بولمايدۇ. مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ نامازئوقۇمايدىغان ئەرگە ياتلىق بولىشى توغرا بولمايدۇ. ئايالئۈچۈن مۇھىم بولغىنى دىندار ۋە ئەخلاقلىقئەردۇر. ئەمما نەسەب ۋەمال-دۇنيا بولسا، ئەگەر ياخشى بولمىسا كىيىن ياخشىلىنىپكىتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭئۆيۈڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازىبولىدىغان ئادەم ئەلچى بولۇپ كەلسەئۇنىڭغا ماقۇل بولۇڭلار. [شەيخئەلبانى سەھىھ دېگەن]. ئەگەر ھەر ئىككىتەرەپ دىندار بولسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ”.

[مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدىكىپەتىۋالار2-توم 702-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:”توي قىلماقچى بولغان يىگىت جامائەت بىلەن نامازئوقۇمايدىغان، جامائەتكە سەل قارايدىغان بولسا، بۇئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى،مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە خىلاپلىق قىلغۇچى پاسىقھېسابلىنىدۇ. چۈنكى نامازنى جامائەت بىلەنئوقۇش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭئەۋزىلىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھ “پەتىۋالار مەجمۇئەسىناملىق ئەسىرى 23-توم 222-بەتتە” مۇنداقدەيدۇ: ئىسلام ئالىملىرى جامائەت بولۇپ نامازئوقۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، يەنى جامائەتبىلەن ناماز ئوقۇش ئىسلامدىكى تائەت-ئىبادەتلەرئىچىدە ئەڭ بۈيۈك ئەمەللەردىنئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. (تۈگىدى).

لېكىن ئىنساندىكى بۇ پاسىقلىق ئۇكىشىنى مۇسۇلمانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋىتەلمەيدۇ،ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشىدۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىنئەخلاقلىق ۋە دىندار كىشى بولۇپ قالسا گەرچەئۇ كىشىنىڭ پۇلى ئاز ۋە نەسەبىتۆۋەن بولسىمۇ، ئۇ ياخشىراق لايىق ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامھەدىستە: سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا دىنىدىنۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان بىرسى قىز سوراپكەلسە، ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويۇڭلار دېگەندە،ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇنىڭدا بەزىكەمچىللىكلەر بولسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىنرازى بولىدىغان بىرسى قىز سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا نىكاھلاپقويۇڭلار دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىمتەكرارلىغان. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئەبۇ ھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ئايال كىشى تۆت ئىش ئۈچۈن نىكاھلىنىشقائىختىيار قىلىنىدۇ؛ مال-دۇنياسى، ھۆسنى جامالى،نەسەبى، دىنى، دىندار ئايال بىلەن تويقىلساڭ بەخت تاپىسەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىمرىۋايىتى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىستەتۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈنئەر-ئاياللارداتەلەپقىلىنىدىغان ۋە ئەھمىيەت بىرىلىدىغان ئىش دىنۋە گۈزەل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. قىزنىڭ ۋەلىلىرى ئۆزىنڭئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئاداقىلىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسىتىپبەرگەن كۆرسەتمىگە كۆڭۈلبۆلۈشى ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتبېرىشى كېرەك. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھەركىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرسى بويىچە سوئالقىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَا أَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِينَتەرجىمىسى: ئۇ كۈندە ئاللاھئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ:”پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەنجاۋاپ بەردىڭلار؟”. [سۈرەقەسەس 65-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّالْمُرْسَلِينَ . فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِم بِعِلْمٍ ۖ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ تەرجىمىسى: بىز ئەلۋەتتەپەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنئۈممەتلەردىن پەيغەمبەرلەرتەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاببەردىڭلار؟ دەپ سورايمىز،پەيغەمبەرلەردىنمۇئەلۋەتتە ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنىئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ سورايمىز.قىيامەتكۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغاھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىنئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممەئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز). [سۈرەئەئراف 6-7-ئايەتلەر].

ئەمما توي قىلماقچى بولغان يىگىت جامائەتبىلەنمۇ ياكى ئۆزى يالغۇزمۇ پەقەتناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، بۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپكەتكەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تىزدىنتەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ،ئەگەر تەۋبە قىلىپ ناماز ئوقۇسا،تەۋبىسى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بولسامۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق قىلمىساكاپىر-مۇرتەدنىڭ ھۆكۈمىدەئۆلتۈرۈلىدۇ (بۇ ھۆكۈمشەخسلەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى شەرئىيھاكىمىيەت بۇيرۇقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ)، شۇنداقلاجەسىتى يۇيۇلماستىن، كىپەنلەنمەستىنۋە نامىزى ئوقۇلماستىن مۇسۇلمانلارقەبرىستانلىقىدىن باشقا بىر جايغا دەپنە قىلىنىدۇ.ئۇنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگەقۇرئان-ھەدىستە (نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭكاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا) نۇرغۇن دەلىللەر بايانقىلىنغان. شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان-ھەدىسنىڭدەلىللىرىدىن نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولۇپ، ئىسلاممىللىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانئايال بىلەن توي قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدابىردەك توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْأَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَـٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّـهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَتەرجىمىسى: ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمانئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار.(ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن – جامالى ۋە مېلىبىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ،مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە،ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەرئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىققىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنىمەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل،ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋەئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆز ئىرادىسىبويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە،مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند -نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. [سۈرەبەقەرە 221-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَىالْكُفَّارِ ۖ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ تەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلارنى(سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپتونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپبەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس،كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس. [سۈرەمۇمتەھىنە 10-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككىئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇسۇلمان ئالىملىرىمۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئەر بىلەن تويقىلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە (توغرا بولمايدىغانلىقىغا)بىرلىككە كەلگەن. مۇشۇ قائىدىگەئاساسەن ئۆزىنىڭ قىزى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ توي ئىشىغائىگە بولغان كىشىلەر ئۇلارنى ناماز ئوقۇمايدىغانكىشىگە ياتلىق قىلىشى توغرا بولمايدۇ،. بۇ شەكىلدىكىنىكاھ بىلەن قىز ئوغۇلغا ھالال بولمايدۇ، چۈنكىئۇلارنىڭ قىلغان نىكاھ ئەھدىسى ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ كۆرسەتمىسىگەئۇيغۇن ئەمەس،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغانسەھىھ ھەدىستە :كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى دىندىندەپ قىلسا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.[مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەرنامازنى تەرك قىلىش بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى نىكاھئەمەلدىن قالىدۇ، ئەگەر تەۋبەقىلىپ نامازنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىسلامغا قايتسا، نىكاھىئەسلىگە كېلىدۇ.

جاۋابىمىزنىڭ خۇلاسىسى: توي قىلىشتەكلىپىنى قويغان بۇ ياش ناماز ئوقۇسىمۇ جامائەتنىتەرك قىلغان بولسا كاپىر بولمايدۇ بەلكى پاسىقھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنىقوبۇل قىلسا بولىدۇ لېكىن دىندار ۋەئەخلاقلىق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەمما جامائەت بىلەنمۇ ياكىيالغۇزمۇ پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، ئۇۋاقىتتا ئۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەنمۇرتەد، كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ھەر قانداقئەھۋالدا ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەنتوي قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت سەمىمىتەۋبە قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، دىندامۇستەھكەم تۇرغاندا ئاندىن توي قىلىشىغا قېتىلسابولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالارتوپلىمى 12/31 -سوئال.

ھەمشىرەم! سىز سەۋىر، نامازۋە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن ياردەمتىلەڭ، ئاللاھ تائالا سىزنى تائەت-ئىبادەتتەمۇستەھكەم قىلسۇن. سىزنىڭ تۇرمۇشئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. ياخشى پەرزەنتلەرنى ئاتاقىلسۇن.

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android