0 / 0

ئىسلامغا كېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەسچىتكە كېرىشنىڭ ئادەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

سوئال: 9232

مەن مۇسۇلمان بىر ئەرنى ياخشى كۆرىمەن، بىز يېقىندا توي قىلىشنى پىلانلىدۇق، يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى قوبۇل قىلىدۇ، مەن قىسقا ۋاقىت ئېچىدە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ مۇسۇلمان بولماقچى، تاھارەت ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشلايمەن.

مېنىڭ سوئالىم: مەن توغرا يول تۇتىدىغان ئايال بولىشىم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟، مەن ئەگەشمەكچى بولغان ئادەت ۋە ھايات ئۇسلۇبى قايسىلار؟، ئايالنىڭ مەسچىتكە كېرىشىدىكى پىرىنسىپ نېمىلەردىن ئىبارەت؟، قۇرئاننى قانداق ئوقۇيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىزگە ھەق يولىنى يورۇتۇپ بەرگەن، ھەقىقەتنى ياخشى كۆرسەتكەن، ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنى بىلەن قانائەت تىپىشىڭىزغا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتىمىز، سىزنىڭ ئىشىڭىزنىڭ توغرا بولىشى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشتىن باشقا يول قالماپتۇ. ئى ئەقىللىق قىزىم! بۇ قەدەمنى بېسىشقا ئالدىراڭ، ئاللاھتىن دىنىدا مۇستەھكەم قىلىشنى سوراڭ. بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىككىنچى: سىزنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغان سالىھە ئايال بولىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن ئېرىڭىز سىزنى يامان ئىشقا ياكى گۇناھقا بۇيرىمىغان ھالەتتە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز، ھەقىقەتەن ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى بولسا، ئىسلام چاقىرىق قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئائىلە پىرىنسىپلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مۇئاز ئىبنى جەبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئىنساننى يەنە بىر ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدىغان بولسام ئېدىم، ئەلۋەتتە ئايالدا ئېرىنىڭ ھەققى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان بولاتتىم، ئايال ئېرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ، ئەگەر ئېرى ئايالىنى تەلەپ قىلسا ئايال توقۇمنىڭ ئۈستىگە چاقىرىلسىمۇ كەلسۇن». ھەيسەمى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى بەززار تولۇق بايان قىلغان. ئىمام ئەھمەد قىسقىچە بايان قىلغان، ھەدىسنىڭ راۋىلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىلىرىدۇر. ["مەجمەئىز زەۋائىد" 4-توم 309-بەت].

ئۈچىنچى: ئاندىن سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز: سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى قىلغان، ئىسلامغا ۋە ئىسلامنىڭ بۇيرىقىغا زىت كېلىدىغان ناچار ئادەتلەر ۋە ئىشلارنى تەرك قىلىڭ.

بۇنىڭ مىساللىرىدىن: ئۆلچەملىك كىيىم كېيمەستىن سىرتلارغا يېرىم-يالىڭاچ كېيىنىپ چىقىش.

كاپىرلارنىڭ ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ يۇرىشىدىغان ۋە ئاشنا تۇتىشىدىغان ناچار ئادەتلىرىنى تەرك قىلىڭ.

سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئايالنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، بازارلاردا ياكى ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۇرىدىغان سورۇنلارغا بېرىپ ئۆزىنى تۆۋەنگە چۈشۈرىۋالماسلىق دېگەندەك دىنى بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشقا ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئايالنىڭ ئۇنداق جايلارغا بېرىشى ئەرنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تۆتىنچى: سىز ئەگىشىشنى لازىم تۇتىدىغان ھايات ئۇسلۇبى بولسا، بۇ سىزنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بۇيرۇقلىرىنى چىڭ تۇتىشىڭىز، چەكلىگەن چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىشىڭىز، ناماز، روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھنى ياد قىلىشنى لازىم تۇتىشىڭىزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى، سىزنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىڭىز، ئىسلام ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى بىلىشىڭىزگە پايدىسى بولىدىغان كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.

بەشىنچى: ئايالنىڭ مەسچىتكە كېرىشىنىڭ قائىدىلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1-سىرتلارغا ئەتىر چېچىپ، زىننەتلىنىپ ۋە يېرىم يالىڭاچ كېيىنىپ چىقماسلىق كېرەك. بۇ پەقەت مەسچىتكە چىقىشقا خاس ئەمەس، بەلكى ھەرقاچان ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا، ئەتىر ياكى خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ چېقىش ھارام بولىدۇ، گەرچە ئۆيدىن چىقىشتىكى مەقسىدى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ناماز ئادا قىلىش بولسۇن ياكى دىنى ھۆكۈملەرنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئىلىم سورۇنلىرىغا بارسۇن ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ دېدەكلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن توسماڭلار، لېكىن ئۇلار ئەتىر چاچماي ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي چېقىشى كېرەك». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 565-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 529-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

2-مۇسۇلمان كىشى ئۆيىدىن چېقىپ، مەسچىتكە يۈزلەنگەندە، مەسچىتكە بېرىشنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش كېرەك. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇئەززىن ئەزان ئوقۇغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا كېتىۋېتىپ بۇ دۇئانى ئوقۇدى: "ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمدە نۇر قىلسىلا، تىلىمدا نۇر قىلسىلا، قۇلۇقىمدا نۇر قىلسىلا، كۆزۈمدە نۇر قىلسىلا، كەينىمدىن نۇر قىلسىلا، ئالدىمدىن نۇر قىلسىلا، ئۈستۈمدىن نۇر قىلسىلا، ئاستىمدىن نۇر قىلسىلا، ئى ئاللاھ! ماڭا نۇر ئاتا قىلسىلا». [مۇسلىم رىۋايىتى673-ھەدىس].

3-مەسچىتكە كىرگەندە ئوڭ پۇتى بىلەن كېرىش كېرەك. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئەبى ھۇمەيد ياكى ئەبى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكلىرىنى ئېچىۋەتسىلە دېسۇن، مەسچىتتىن چىققاندا: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن سىلىنىڭ پەزلىلىرىدىن سورايمەن دېسۇن دېگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 713-ھەدىس].

بەزى رىۋايەتلەردە ھەر ئىككى دۇئانىڭ ئەۋۋىلىدە: «بىسمىللاھ، ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەد» دەپ كەلگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى314-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 771-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 625-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ھەيۋەتە ئىبنى شۈرەيھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇقبە ئىبنى مۇسلىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن: مېنىڭ ئاڭلىشىمچە: سەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كىرگەندە: ھەممىدىن كاتتا، ئېسىل، قەدىمدىن سەلتەنەتلىك بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ، رەھمىتىدىن قوغلاندى بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىنىمەن» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلاپتىكەنسەنغۇ؟ دېسەم، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، ۋە ئۇ كىشى دۇئانى ئوقۇسا، شەيتان: ئۇ ئادەمنىڭ كۈننىڭ قالغان قىسمىدا مەندىن ساقلاندى دەيدۇ دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى466-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 441-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

4-مۇسۇلمان كىشى مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى  ئوقۇماي تۇرۇپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا ئەبۇ قەتادە سۇئەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ ئولتۇرمىسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى455-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 714-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەھەللىلەرگە مەسچىت بىنا قىلىشقا ۋە مەسچىتلەرنى پاكىزە، خۇشبۇي تۇتۇشقا بۇيرىغان». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 455-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 437-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

5-قادىر بولغان كىشىلەر مەسچىتنى تازىلاپ خۇشپۇراق قىلىش  كېرەك.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئۈممىتىمنىڭ بارلىق ئەمەللىرى كۆرسىتىلدى، ئۇ ئەمەللەرنىڭ گۈزەللىرى ۋە ناچارلىرىنى كۆردۈم، ئۇ ئەمەللەرنىڭ ئەڭ گۈزەللىرى يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت بولىدىغان نەرسىلەرنى يىراق قىلىش، ئەڭ ناچارلىرى مەسچىتكە تۈكۈرۈپ كۆمىۋەتمەي چىقىپ كېتىش ئېكەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 553-ھەدىس].

6-مەسچىتتە باشقا ناماز ئادا قىلىۋاتقانلارغا تەشۋېش بولىدىغان بولسا، ھەتتا قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىمۇ ئاۋازنى بەك يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك كېرەك.

ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىتىكاپ قىلغان ئېدى. بەزىلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋېتى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەردىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى:«دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار رەببى بىلەن مۇناجات قىلىۋاتىدۇ، بەزىڭلار بەزىڭلارغا ئەزىيەت بەرمەڭلار، بەزىڭلار قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ياكى ناماز ئادا قىلىش بىلەن ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرمەڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1332-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1183-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].

7-مەسچىتتىن سول پۇتى بىلەن چېقىش ۋە ھەدىستە كەلگەن دۇئانى ئوقۇش:

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر

ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ مۇنداق دېسۇن: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكلىرىنى ئېچىۋەتسىلە، مەسچىتتىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ مۇنداق دېسۇن: ئى ئاللاھ! مېنى رەھمەتلىرىدىن قوغلاندى بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىسىلا دېسۇن». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى773-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ،"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 515-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].

ئالتىنچى: ئەمما قۇرئان تىلاۋېتىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش كېرەك، چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن ھەر بىر ھەرىپ ئوقۇلسا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىق يېزىلىدۇ، قۇرئان كەرىمنى تاھارىتى بولغان ياكى بولمىغان ھەممە كىشى ياد ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلاتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى373-ھەدىس].

قۇرئان تېلاۋىتى قىلىشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئېلىپ ئوقۇسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

مۇھاجىر ئىبنى قۇنپۇز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ سالام قىلدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك تەرەت سۇندۇرىۋاتاتتى، تاھارەت ئىلىپ بولغىچە ئۇ كىشىنىڭ سالىمىغا جاۋاپ بەرمىدى، ئاندىن ئۇ كىشىگە ئۈزۈر ئېيتىپ: «مەن تاھارەتسىز ھالەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنى ياقتۇرمىدىم دېدى». [ئەبۇ داۋۇد  رىۋايىتى 17-ھەدىس. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئۇنىڭغا ئائىتتۇر. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 350-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2472-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].

جۇنۇپ ئادەمنىڭ قۇرئان تىلاۋېتى قىلىشى ھارام بولىدۇ. ھەيزدارنىڭ مەسىلىسىدە، توغرا قاراشقا كۆرە، ھەيزدارنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. 2564- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنى تۇتماي يادقا ئوقۇش توغرىسىدا بولۇپ، ئەمما قۇرئان كەرىمنى تۇتۇپ ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تاھارەت بىلەن تۇتۇپ ئوقۇش كېرەك.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ى« قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغان يەنى تاھارىتى بولغان كىشى تۇتسۇن». ئىمام مالىك"ئەل مۇئەتتا" ناملىق ئەسىرى 419 -نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ،"ئىرۋائۇل غەلىلدە" 122-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مۇسۇلمان كىشى قۇرئان كەرىمگە قاراپ ئوقۇماقچى بولۇپ تاھارىتى بولمىسا، قۇرئان كەرىمنى پەلەي ياكى باشقا  توساق بولغۇدەك نەرسىلەر بىلەن تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.

يەتتىنچى: ھەر بىر ئايەتنى ئوقۇغاندا خۇشۇ بىلەن تەپەككۇر بىلەن ئوقۇش كېرەك، چۈشىنەلمىگەن مەنالار بولسا سوراش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدىن مۇكەممەل ئىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، ئاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بىلگەن ئىلمى بويىنچە ئەمەل قىلىش لازىم.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android