0 / 0
4,15024/09/2013

زاكات بەرمىگۈچىنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 93701

مەن بىر تىيىنمۇ زاكات بەرمەيدىغان بىر ئىنسان بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىمەن، ھەتتا زاكات ئايرىيدىغان كۈنى بولغاندا، ئۆزىدىن زاكاتقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ تەلىپىدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ، تۇرىۋاتقان شەھەردىن باشقا يۇرتقا كېتىدۇ، بۇ كىشىنى نېمە دەيمىز؟ ئۇ دىندىن چىققۇچى كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

زاكاتنىتەرك قىلغۇچى زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىئېتىراپ قىلىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ، ئەگەرزاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، بارلىقمۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن، ئۇدىندا مۇھىم بولغان بىر ئاساسنى ئىنكار قىلغانلىقىسەۋەبلىك كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما زاكاتنىڭ پەرزئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بېخىللىق قىلىپمال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى چىقارمايدىغان كىشى توغرىسىدا بەزىئالىملار ئۇنى كاپىر دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىكئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇ كاپىر ھېسابلانمايدۇ.

ئىبنىقۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنىي ناملىق ئەسىرى 2-توم228-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “زاكات ئىسلامدىكىئاساسى پرىنسىپلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن، يەنىيېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياكى ئىلىم-مەرىپەتسورۇنلىرىدىن يىراق، سەھرا-باياۋاندا ياشىغانلىقسەۋەپتىن ئىنكار قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە زاكاتنىڭپەرز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ۋەئۇنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلماسلىق لازىم، چۈنكىئۇ كىشى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىنئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

ئەممائىسلام-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشاپ،ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىدا ئۆسۈپيېتىلگەن كىشى زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكارقىلسا، ئۇ دىندىن چىققان مۇرتەت ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭغا مۇرتەدلەرگە تۇتقانپوزىتسىيە بويۇنچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.ئۇ ئۈچ قېتىم تەۋبە قىلىشقابۇيرۇلىدۇ، تەۋبە قىلسا ئەپۇقىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسائۆلتۈرۈلىدۇ. چۈنكى زاكاتنىڭ پەرزلىكىقۇرئان-ھەدىستىكى دەلىل-ئىسپاتلار ۋەمۇسۇلمان مىللىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەنبېكىتىلگەن. مۇسۇلمان شەھەرلىرىدەئۆسۈپ يېتىلگەن كىشىلەرگە بۇ ھۆكۈممەخپى ئەمەس. بۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىئىنكار قىلىش دېگەن قۇرئان-ھەدىسنى ئىنكار قىلىشۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولۇشدېمەكتۇر.

زاكاتنىڭپەرز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ،مال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئىمامئۇنىڭدىن ئالىدىغان زاكاتنى بېكىتىپ، (شەرئىھاكىمىيەت بولسا) زاكاتنى ئالغاندىن سىرت مەلۇم جازابېكىتىدۇ، مېلىنىڭ زاكىتىنىبەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇقئالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشتا بولۇپ: ئىمامئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئىي(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقپىشىۋالار بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.ئەمما ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئەبۇبەكرى ئابدۇلئەزىز قاتارلىق ئالىملار: زاكاتنى ئادا قىلمىغانكىشىنىڭ پۈتۈن مال-دۇنياسىنىڭ يېرىمىئىلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلايدۇ.

زاكاتنىتەرك قىلغۇچى ھاكىمىيەتكە بويسۇنماي قارشىلىققىلىدىكەن، ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى ئەسكەرئەۋەتىپ جازالايدۇ. چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭساھابىلىرىمۇ زاكاتنى ئادا قىلىشقا قارشى تۇرغۇچىلارغا جازايۈرگۈزۈپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ ھەقتەئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دېگەن: “ئۇلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدەئادا قىلىپ كېلىۋاتقان زاكات مېلىدىن كېچىك ئارغامچاچاقلىق نەرسىنى بېرىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇلارغا قارشىئۇرۇش قىلىمەن.” (تۇگىدى).

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىئەزالىرىدىن: سىلەر ئىلگىرى بىر قانچە ماقالىلاردا: روزاتۇتۇپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىدۇرۇس بولمايدۇ دەپ پەتىۋابەرگەن، ھازىر ئۇنىڭ ئەكسى بولاۋاتىدۇ،نامازنى ئادا قىلىپ روزا تۇتمىسا ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇرۇس بولامدۇ؟ شۇنىڭدەك، نامازئوقۇماي ھەج قىلسا، قىلغان ھەججى دۇرۇسبولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپبېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “رامىزان روزىسىنىڭپەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇتمىغان كىشى كاپىرھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇرۇس بولمايدۇ. لېكىن قەستەن ياكىھورۇنلۇق قىلىپ تۇتمىسا، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدائۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇسبولىدۇ. زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپئۇنى ئادا قىلىشتىن باش تارتسا، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما پەرزلىكىنى بىلىپتۇرۇپ، قەستەن ياكى ھورۇنلۇق ۋەبېخىللىق قىلىپ زاكاتنى ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشى كاپىرھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەجنىڭپەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ ھەج قىلىشنى تەرك قىلسا، ئۇ كىشىكاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ھەجگەكېلىشكە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ سەل قاراپ ھەجقىلمىسا ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئوقۇغان نامىزىدۇرۇس بولىدۇ. [سەئۇدى ئەرەبىستانئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقاتكومىتېتى 10-توم 143-بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ زاكات توغرىسىدامۇنداق دېگەن: “زاكاتنىڭ پەرزئىكەنلىكىگە ھەممە مۇسۇلمانلاربىرلىككە كەلگەن. ئۇنىڭ پەرزئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەممايېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياكى ئىلىم-مەرىپەتئورۇنلىرىدىن يىراق بولغان سەھرا ياكى چۆل-باياۋانداياشىغان كىشىلەر بولسا، ئۆزۈرلۈك بولۇپ،ئۇلارغا ئۇنىڭ پەرز ئىبادەت ئىكەنلىكىنىبىلدۈرۈش لازىم، بىلگەندىن كېيىنمۇئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇكىشى مۇرتەت-كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەممابېخىللىق قىلىپ ياكى سەل قاراپ زاكاتنى تولۇق ئادا قىلمىسا،بۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىختىلاپى بار.بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىمام ئەھمەدتىن قەيت قىلىنغانتۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆزقاراش بولۇپ،بەزى ئالىملار: كاپىر بولىدۇ، دىسە، يەنەبەزى ئالىملار: كاپىر بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككىنچىكۆزقاراش توغرا بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئىنسانئىنتايىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. زاكات بېرىشتىنچەكلەنگۈچىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىنىڭدەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىسدۇر. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنىبېرىشتىن باش تارتقان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىبەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇكىشى ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپكەبۇيرىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ: ئۇنىڭ يولى ياجەننەتكە ياكى دوزاخقا بولىدۇ. [مۇسلىمرىۋايىتى].

ئۇنىڭ يولى جەننەتتەرەپكە بولىدىكەن، ئۇ كىشى كاپىرھېسابلانمايدۇ، چۈنكى كاپىر ئۆزىنىڭ يولىنىڭجەننەتكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈشى مۇمكىنبولمايدۇ. لېكىن بېخىللىق قىلىپ، سەلقاراپ ئادا قىلماسلىقدېگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّـهُمِن فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَّهُم ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِۗ وَلِلَّـهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِۗ وَاللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌتەرجىمىسى:ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەننەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىققىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىقدەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر، ئۇلارنىڭبېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنىئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ.ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسىئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممەنەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىيبولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ).ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىنخەۋەرداردۇر. [سۈرە ئال-ئىمران180-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنەمۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَايُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّـهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ ، يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَفَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَـٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَاكُنتُمْ تَكْنِزُونَ تەرجىمىسى:ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىداسەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەنبېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنىقىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـكۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىداقىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى،يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: بۇسىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقانئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكىئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـكۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنىتېتىڭلار، دېيىلىدۇ. [تەۋبەسۈرىسى 34-35-ئايەت].شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى(1814).

زاكاتنى ئاداقىلىشقا سەل قارىغانلارغا نەسىھەت قىلىش، زاكاتنىڭ ئىسلامدىنىدىكى ئورنىنى چۈشەندۈرۈش، بېخىللىق قىلىپ ئاداقىلىشتىن باش تارتقانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە دۇچ كىلىدىغانجازا ۋە ئازابلارنى ئېسىگە سىلىشرۆرۈردۇر.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىئاللاھدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android