ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

خەتنە قىلىش ، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئەھكاملىرى

سۇئال: 9412

بىزگە خەتنە قىلىشنىڭ نىمىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى بايان قىلىپ بىرەلەمسىز ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
ئىبنۇ قەييىم ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) بوۋاقلارنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە تۇھفەتۇل مەۋدۇد فى ئەھكام ئەل مەۋدۇد ناملىق بىر قىممەتلىك كىتابنى يازغان . بۇ كىتاپتا ئۇ خەتنە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە بىر مول باب يىزىپ چىققان . تۆۋەندىكىسى بولسا بىر قىسىم باشقا ئالىملارنىڭ ئىلاۋىلىرىنى قوشۇپ ئۇنىڭ خۇلاسىسى .
1- خەتنە قىلىشنىڭ مەنىسى :
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە بولسا خەتنە قىلغۇچىنىڭ ھەركىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم . ئۇ يەنە خەتنە قىلىنىش ئورنىنى ئىپادىلەشكىمۇ قوللىنىلىدۇ ، خۇددى ھەدىيستە كەلگەندەك : ئىككى خەتنە ( ئىككى خەتنە قىلىنغان ئورۇن) ئۇچراشسا ، غۇسلە ۋاجىپ بولىدۇ . ھەمدە ئۇ ئايال جىنسىغا نىسبەتەن خەفز دەپ ئاتىلىدۇ . ئەرگە نىسبەتەن يەنە ئىئېزار دەپمۇ ئاتىلىدۇ . خەتنىسى قىلىنمىغان كىشى ئەغلەف ياكى ئەقلەف دىيلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ،1152 ]
2- خەتنە قىلىش بولسا ئبراھىيم ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى :
بۇخارىي ( 6298) ، مۇسلىم( 2370) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : ئىبراھىيم خەتنىسىنى 80 ياشقا كىرگەندە ئۆزى قىلغان ، ھەمدە ئۇ كەكە بىلەن خەتنىسىنى قىلغان .
كەكە( قەدۇم) بولسا ياغاچچىلارنىڭ سايمىنى ؛ دىيلىدىكى ، قەدۇم بولسا سۈرىيەدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى .
ھافىز بىن ھەجەر مۇنداق دىگەن :
" ھەدىيستە تىلغا ئىلىنغان نىمىنىڭ سايماننى كۆرسىتىشى بەكراق ئىھتىمالغا يىقىن . ئەبۇ يەئېلا نەقىل قىلدىكى ، ئەلىي بىن رەباھ مۇنداق دىگەن : " ئىبراھىيم خەتنىسىنى قىلىشا بۇيرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتنىسىنى ئۆزى كەكە بىلەن قىلغان ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەلەملىك بولغان . ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلغان : بىز ساڭا نىمە سايمان ئىشلىتىشنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ، ئۇنى قىلىشقا ئالدىراپ كەتتىڭ . ئۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن سىنىڭ بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى خالىمىدىم . دىگەن .
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە قىلىش بولسا ئاللاھ ئۆزىنىڭ يىقىن دوستى ئىبراھىيمنى سىنىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ ئۇ ئۇلارنى پۇختا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى قىلدى . نەقىل قىلىندىكى ،يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغاندەك ، ئۇ خەتنىسىنى قىلغان بىرىنچى كىشى . سەھىيھتە دىيىلگىنى بولسا ئىبراھىيم 80 يىشىدا ئۆزىنىڭ خەتنىسىنى قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ھەتتا مەسىيھگىچە داۋاملاشتى . ئۇ خەتنىسىنى قىلغان ھەمدە خىرىستىئانلار ئۇنى ئىتراپ قىلىدۇ ، ئۇنى ئىنكار قىلمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۇنىڭ چوشقا گۆشىنى … ھارام قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 158-159 ب ]
بىراق ئالىملار خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" ئەڭ توغرا قاراش شۇكى ،ئۇ ئەرلەرگە ۋاجىپ ، ئاياللارغا سۈننەت . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ، ئۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ، نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغان پاكلىنىشقا پايدىسى بار ، چۈنكى بۇ تىرە ئىلىۋىتىلمىگەندە ، سۈيدۈك زەكەر تۆشۈگىدىن چىققاندا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە يىغىلىپ قالىدۇ ، ھەمدە ھەر قىتىم ھەركەت قىلغاندا كۆيۈپ ئىچىشىش ۋە ياللۇغلىنىشقا سەۋەپ بولىدۇ ، ياكى بۇ تىرە سىقىلسا ، سۈيدۈك چىقىپ ئۇنى نىجاسەت قىلىدۇ .
ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتى پەسەيتىشتىن ئىبارەت پايدىسى بولىدۇ . بۇ بولسا كامالەتنى ئىزدەش بولۇپ ، مەلۇم زىيانلىق نەرسىنى يوقۇتۇش ئەمەس .
] شەرھى مۇمتىئې، 1 133-134 ]
بۇ بولسا ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى . ئىبنۇ قۇددامە مۇغنىي دا( 1115)مۇنداق دىگەن : " خەتنە قىلىش بولسا ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ۋاجىپ ، ھەمدە ئاياللارغا ياخشى ئىش ، بىراق ئۇلارغا ۋاجىپ ئەمەس . "
3- ئورنى :
ئىبنۇ قەييىم( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپىقەت قىلسۇن ) مۇنداق دىگەن :
ئەبۇ بەرەكە غايە ناملىق كىتابىدا مۇنداق دىگەن : " ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا ، زەكەر ئۇچىدىكى تىرە كىسىپ ئىلىۋىتىلىدۇ . ناۋادا ئۇ پەقەت ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلىۋەتسە ، بۇ بولىدۇ . ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا بەك ئوي ئىلىۋەتمەسلىك ياخشى . نەقىل قىلىندىكى ، ئۇمەر بىر ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغۇچى ئايالغا : " ناۋادا بىرسىنىڭ خەتنىسىنى قىلساڭ ، ئۇنىڭ بىرقىسمىنى قالدۇرۇپ قوي . " دىگەن . خەلال جامىئى سىدا : خەتنە قىلغاندا نىمىنىڭ كىسىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دىگەن : "مۇھەممەد بىن ھۇسەيىن ماڭا فەزىل بىن زىيادنىڭ ئۇلارغا مۇنداق دىگەنلىكنى ئېيىتتى : ئەھمەدتىن : خەتنە قىلغاندا قانچىلىك كېسىلىدۇ ؟ دەپ سورالدى . ئۇ : " زەكەر ئۇچى كۆرۈنگىچە ." دەپ جاۋاپ بەردى .
ئىبنۇ سەباغ شامىل دا مۇنداق دىگەن : '' ئەرگە ۋاجىپ ئىش بولسا زەكەر ئۇچىدىكى تىرىنى تاكى ئۇنىڭ ھەممىسى ئىچىلىدىغان بولغىچە كېسىش . ئايالغا نىسبەتەن ، فەرجنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى ئىككى جىنسىي لەۋ ئارىسىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تېرىنى كېسىش ھەمدە ئۇ كېسىۋىتىلسە ئۇنىڭ خورما ئۇرۇقىغا ئوخشاش يىلتىزى قالىدۇ .
نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن :
ھەممىگە تونۇلغا توغرىسى بولسا زەكەر ئۇچىنى ئوراپ تۇرغان تېرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىش ۋاجىپ . [ مەجمۇئې ،1351 ]
جۇۋەينى مۇنداق دىگەن : ھەدىيس كۆرسىتىدۇكى ، ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى كېسىۋىتىلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ : كۆتۈرلۈپ تۇرغان نەرسىنى قالدۇرۇپ قوي ، ئۇنى بەك ئوي كېسىۋەتمە ! دىگەن .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 190-192 ]
خۇلاسە ، ئەرلەرگە نىسبەتەن زەكەر ئۇچىنى يۆگەپ تۇرغان ھەممە تىرە كېسىۋىتىلىشى لازىم . بىراق ئاياللارغا نىسبەتەن پەقەت فەرەجنىڭ( تاشقى جىنسىي ئەزا) يۇقۇرى تەرىپىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تىرىنىڭ بىر قىسمى كېسىۋىتىلىدۇ .
4- خەتنە قىلىشتىكى ھىكمەت :
ئەرگە نىسبەتەن ، ئۇ خەتنىسىنى قىلدۇرمىغىچە ، سۈيدۈكتىن پاكلىنالمايدۇ ، چۈنكى سۈيدۈك تامچىلىرى خەتنىلىكنىڭ ئاستىغا يىغىلىۋالىدۇ ھەمدە ئۇ سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ ئىقىپ چىقىپ كىيىمى ۋە بەدىنىنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن بىخەتەر بولالمايدۇ . شۇڭا ئابدۇللاھ بىن ئەبباس خەتنە قىلىش ئىشىدا چىڭ بولغان . ئىمام ئەھمەد مۇنداق دىگەن : " ئىبنۇ ئەبباس ئۇ ئىشتا بەك چىڭ ئىدى . ھەمدە نەقىل قىلىندىكى ، ئۇنىڭغا ، يەنى خەتنىسىنى قىلمىغان كىشىگە ھەج يوق ، نامازمۇ يوق . " [ مۇغنىي ، 1115 ]
ئايال كىشىگە نىسبەتەن خەتنە قىلىشنىڭ ھىكمىتى بولسا ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتىنى تەڭشەش بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۆتىدىل بولىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە دىن ئايال كىشى خەتنىسىنى قىلامدۇ -يوق ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . شۇنداق ، خەتنىسىنى قىلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ خەتنىسى بولسا خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان يۇقارقى تەرەپتىكى تېرىنى كېسىش . ئاللاھ ئەلچىسى خەتنە قىلغۇچى ئايالغا : كۆتۈرلۈپ تۇرغان نىمىنى قالدۇرۇپ قوي ،ھەمدە ئۇنى بەك ئوي كېسىۋەتمە . ئۇ ئۇنىڭ چىرايىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئېرىگە تېخىمۇ يىقىشلىق بولىدۇ . دىگەن . چۈنكى ئەركىشىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت – ئۇنىڭ خەتنىلىكى ئاستىغا يىغىلىۋالىدىغان نىجاسەتتىن ئۇنى پاكلاش . بىراق ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت – ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتىنى تەرتىپكە سىلىش ، چۈنكى ئايالنىڭ خەتنىسى قىلىنمىسا ، ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ . شۇڭا "خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالنىڭ ئوغلى "دەيدىغان سۆزلەر تىللاشتا ئىشلىتىلىدۇ ، چۈنكى خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالدا كۈچلۈكرەك جىنسىي شەھۋەت بولىدۇ . شۇڭا بۇزۇق ئىشلار تاتار ۋە فىرانسۇز ئاياللىرى ئارىسىدا كۆپ يۈزبىرىدۇ . ئەگەر خەتنىسىنى قىلىش بەك ئوي بولۇپ كەتسە ، جىنسىي شەھۋەت پۈتۈنلەي سۇسلاپ كېتىدۇ ، بۇ ئەرلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ . ئەگەر ئۇ بەك ئوي كېسىۋىتىلمىسە ، مەقسەت ئىشقا ئاشىدۇ ، يەنى جىنسىي شەھۋەت مۆتىدىللىشىدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 21114 ]
5- خەتنە قىلدۇرغانغا ھەق بىرىشكە بولىدۇ .
ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن :
" خەتنە قىلدۇرۇش ، ۋە تىببىي داۋالاشقا پۇل بىرىشكە بولىدۇ . بىز بۇ مەسىلىدە ھىچقانداق ئىختىلاپى قاراشنى بىلمەيمىز ،چۈنكى ئۇ بىر ئىھتىياجلىق ، ھەمدە شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى قىلغانىكەن ، باشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ھەق ئىلىشىقا بولىدۇ .
[ مۇغنىي ، 5314 ]
 

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android