0 / 0

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان چاپلىغۇچىنىڭ ھۆكمى

سوئال: 954

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەباشقا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى(پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭساھابىلىرى قاتارىدىندۇر. ساھابىلارغا ھاقارەت قىلىشنى چەكلىگەنھەرقانداق ھۆكۈم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاۋە باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن:ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىيرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: مېنىڭساھابىلىرىمنى ھاقارەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭبىرىڭلار ئوھۇد تىغىنىڭ باراۋېرىدەئالتۇن سەدىقە قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر كىلوياكى ئۇنىڭ يىرىمىدەك بىر نەرسە سەدىقەقىلغىنىغىمۇ تەڭ بولالمايدۇ. [بۇخارىرىۋايىتى (پەتھۇلبارى) 3379-ھەدىس].

ئەھلى سۈننە-ۋەلجامائەئۆلىمالىرى بىردەك ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىدەتەپسىلى بايان قىلىش ئارقىلىق پاكلىقىنى ئىسپاتلىغان ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت قىلغانكىشىلەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھھىشام ئىبنى ئەممارغايەتكۈزگەن ئىسنادتا مۇنداق دەيدۇ: مەنمالىك ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىمكى ئابا بەكرى ۋەئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىھاقارەت قىلىدىكەن، دەررە ئۇرۇلىدۇ،ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ھاقارەت قىلغانكىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىرسى نېمەئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىھاقارەت قىلغان كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ؟ دەپ سورىغانتى،چۈنكى ئاللاھ تائالا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاتوغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: يَعِظُكُمُ اللَّـهُ أَن تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِن كُنتُممُّؤْمِنِينَتەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەتقىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىزقايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار. [سۈرە نۇر17-ئايەت].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغابۆھتان قىلغان كىشى، قۇرئان كەرىمگە قارشىلىق قىلغانبولىدۇ، قۇرئان كەرىمگە قارشىلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ”.

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئىمام مالىكنىڭ بۇ سۆزى توغرا،چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكلىقى توغرىسىدا نازىل قىلغان ئايەتنى ئىنكارقىلىش بىلەن ئىسلامدىن تولۇق يىنىۋالغان مۇرتەدھېسابلىنىدۇ”.

ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەلئەرەبىيمۇنداق دەيدۇ: “تۆھمەتچىلەرئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلدى،ئاللاھ تائالا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پاكلىدى،مادامىكى ئاللاھ تائالا ئۇنى پاكلىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھاقارەتقىلغان ھەر قانداق كىشى ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر، ئاللاھتائالانى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ، بۇ ئىمام مالىكنىڭتۇتقان يولىدۇر، بۇ يول توغرا كۆز قاراش ئىگىلىرىگەلايىق يولدۇر”.

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھتائالا پاكلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغابۆھتان قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. كۆپلىگەنئۆلىمالار بۇ ھۆكۈمدە بىرلىككەكەلگەن ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوچۇقبايان قىلغان”.

ئىبنى ئەبۇ مۇسا مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھتائالا پاكلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغابۆھتان قىلغان كىشى دىندىن چېقىپ كەتكەن بولىدۇ،ئۇنداق ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەننىكاھلىنىشى توغرا بولمايدۇ”.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئەيىپ-نۇقساندىن پاك بولغان ئاياللىرى، مۆمىنلەرنىڭئانىلىرىغا (ئاللاھ رازى بولسۇن) دېگەن سۆزنىئېيتىش سۈننەتنىڭ جۈملىسىدندۇر،ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى خەدىچەبىنتى خۇۋەيلىد ۋە ئائىشە سىددىقەبىنتى سىددىق بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدەپاكلىدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭدۇنيا-ئاخىرەتلىك ئايالىدۇر، كىمكى ئاللاھ تائالا پاكلىغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتانقىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانبولىدۇ”.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدەكەسكىن دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەنبولۇپ، بۇنىڭدىن شەك قىلغان كىشى بارلىقمۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن دىندىن يانغان كاپىرھېسابلىنىدۇ”.

ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلامئالىملىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتانقىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن”.

ئىمام ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھتەپسىر كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: “نۇرسۈرىسىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭپاك ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغاھاقارەت ۋە بۆھتان قىلغان كىشى بارلىق ئىسلامئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ”.

بەدىرىددىن زەركىشى رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭپاك ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايانقىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان كىشىقۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن كاپىر بولىدۇ”.

ئىسلام ئۆلىمالىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغابۆھتان قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈملەرنىتۆۋەندىكى دەلىللەر بىلەن بايان قىلدى:

1-نۇر سۈرىسىدە ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى ئوچۇق بايانقىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا پاكلىغاندىن كىيىن تۆھمەتقىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانى يالغانغا چىقارغۇچىلاردۇر. ئاللاھتائالانى يالغانغا چىقارغۇچىلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ.

2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەنە قىلىش بولساپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزگەنلىكتۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازاريەتكۈزۈش ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەنكۇپۇر ھېسابلىنىدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىغابۆھتان قىلىش بىلەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازاريەتكۈزگەنلىك توغىرسىدىكى ھەدىس بۇخارىۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرىدائائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداقدەيدۇ: ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا تۆھمەتكەئۇچرىغان كۈنىدەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردەئورنىدىن تۇرۇپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنىسەلۇلنىڭ سۆزلىرىدىن بىئارام بولۇپ، ئىمۇسۇلمانلار! ماڭا ئائىلەم توغرىسىدا ئازار يەتكۈزگەنكىشىدىن كىم خاتىرجەم قىلىدۇ، مەن ئايالىمدىن ياخشىلىقتىن باشقانەرسىنى بىلمەيمەن…..ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىم مېنىخاتىرجەم قىلىدۇ، بىئاراملىقىمنى تۈگىتىدۇدېگەن سۆزىدىن، ئۇ مۇناپىقلارنىڭ تارقاتقانبۆھتانلىرىدىن كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولغانلىقىئىسپاتلىنىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھتائالانىڭ: يَعِظُكُمُ اللَّـهُ أَن تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِن كُنتُممُّؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگەنەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىنبولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلاردېگەنبۇ ئايىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاتوغرىسىدا نازىل بولغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر تارقالغاندىنكىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭيۈز ئابرويى ۋە ئائىلىسى توغرىسىدا كۆپئەزىيەتكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈنئايەتتە ھۆكۈم ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقى سەۋەبلىكبۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ”.

3-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغاتەنە-ھاقارەت قىلىش بولسا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغاتەنە-ھاقارەت قىلغانلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالاقۇرئان كەرىمدە: الخبيثات للخبيثين تەرجىمىسى: يامان -ناچارئاياللار، يامان-ناچار ئەرلەر ئۈچۈندۇردېگەن.

ئىمام ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالانىڭ ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭرەپىقىسىلىكىگە تاللىغانلىقى ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاك ئىكەنلىكىنىئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ پاك-ئىپپەتلىك ئايالئىدى، ئەگەر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھايامان-ناچار بولغان بولسا ئىدى، شەرىئەتتىمۇ ۋەئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىمۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا لايىق بولمىغان بولاتتى”.

ئاخىرىدا شۇنى بىلىش كېرەككى، ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا بىنتى ئەبۇ بەكرىسىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىقئىنسانلاردىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ئەمىر ئىبنى ئاسرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممېنى زەنجىرسىمان قوشۇنغا باشلىق قىلىپ بىر جايغائەۋەتتى، مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭئەلچىسى! سىلە ئىنسانلاردىن كىمنى بەك ياخشى كۆرىلا؟ دېسەم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئائىشەنى، دېدى.ئەرلەردىن كىمنى ياخشى كۆرىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:ئۇنىڭ دادىسىنى (يەنى ئەبۇ بەكرىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دېدى.ئۇنىڭدىن قالسا كىمنى؟ دەپ سورىسام،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دېدى ۋەيەنە بىر قىسىم ئەرلەرنى بايان قىلدى».

كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۆيۈملۈك رەپىقىسىنى ئۆچ كۆرىدىكەن،ئەلۋەتتە ئۇ كىشىنىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىئۆچ كۆرىدۇ.

مەنبە

شەيخ ناسىرنىڭ "ئەھلى سۈننە ئەسىرى" ناملىق 871-بەت، شەيخ مۇھەممەد "سۈننەت ئەھلىنىڭ ئەسىرى" 58-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android