ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

جاراھەتتىن چىققان قان، زەرداپ سۇلارنىڭ تاھارەتكە ۋە نامازغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا

سۇئال: 96272

مەن ياشلار دانەخورىكىگە گېرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ يۈزۈم ۋە تارغاقلىرىمدا مەۋجۇت بولۇپ ياللۇغلىنىپ، ئىششىپ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن قان ئېتىلىپ چىقىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ياللۇغلانغان يەردىن سېرىق سۇلار چىقىدۇ، بۇنىڭدىن چىققان قان كىيىملىرىمگە يۇقۇپ قالىدۇ، مەن ناماز ئادا قىلماقچى بولغان بۇ كىيىمنى يۇيىۋىتىمەنمۇ ياكى ئالماشتۇرىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئالدى ۋە ئارقا ئىككى يولدىن باشقا ئورۇنلاردىن چىققان قان تاھارەتنى بۇزامدۇ ياكى بۇزمامدۇ؟ توغرىسىدا پىقھى ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 45666- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش بولسا، ئۇ تاھارەتنى بۇزمايدۇ. بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

   ئىككىنچى: ئەگەر سىزنىڭ كىيىمىڭىزگە يۇقۇپ قالغان قان، يېرىڭ ياكى زەرداپ سۇلار ئاز بولسا ئۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كۆپ بولۇپ قالسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، كىيىمنى يۇيىشىڭىز ياكى ئالماشتۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   بەزى ئالىملار ئىنسان بەدىنىدىن ئالدى ۋە ئارقا ئىككى يولدىن باشقا ئورۇنلاردىن چىققان قان پاكىز، نىجىس ئەمەس دېگەن قاراشتا بولدى.

   پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئادەمنىڭ بەدىنىدىن چىققان قان پاكىز، نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش كۈچلۈك قاراشتۇر. دەلىل ۋە قىياسمۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ 1-توم 443-بەت"].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android