ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
76911/06/2007

قەرزدار كىشىگە زاكات بېرىلسە، قەرزنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 97252

   مەن قەرزدار، قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زاكاتنى ئالىمەن، مەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، قەرزنى كېيىن ئادا قىلسام بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

    قەرزدار كىشىگە قەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات بېرىلسە، ئۇنى قەرزدىن باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پۇللارنى ئۇ كىشىگە باشقا ھاجىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەرزنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلدى.

    بەھۇتىي"كەشپۇل قىنا" 2 توم 283 بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قەرزدار كىشىگە قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە بېرىلسە، گەرچە ئۇ كىشى كەمبەغەل بولسىمۇ ئۇ نەرسىنى قەرزدىن باشقىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ مالنى پەقەت قەرزنى ئادا قىلىمەن دەپ ئالدى".

يەنى قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت مۇئەييەن سەۋەپ ئۈچۈن ئالدى، ئۇنى قەرزدىن باشقىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android