ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

روزىدار تاھارەت ئالغاندا بۇرنىنى چايقاش جەريانىدا دىمىغىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

سۇئال: 98283

   تاھارەت ئالغاندا بۇرنىنى تازىلاش جەريانىدا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە بۇ روزىنى بۇزامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: روزىدار كىشى رامزاندا تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا ھەددىدىن زىيادە سۇ ئالماسلىقى لازىم. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىڭلار، بارماقلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئارىلاڭلار، روزىدار ھالەتتە بۇرنىڭلارغا بەك زىيادە سۇ ئالماڭلار» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 142-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 788-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   بۇ ھەدىس رامزاندا روزىدار كىشى بۇرنىنى تازىلىغاندا گېلىغا سۈ ئۆتەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇرنىغا بەك زىيادە سۇ ئىلىشتىن يىراق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  

   ئىككىنچى: ئەگەر روزىدار كىشى ئېغىزىنى يۇسا ياكى بۇرنىنى تازىلىسا، شۇ ئارىدا ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە بۇنىڭ روزىغا تەسى بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٞ فِيمَآ أَخۡطَأۡتُم بِهِۦ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتۡ قُلُوبُكُم تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)» [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

    بۇ كىشى چىن دىلىدىن روزىنى بۇزىدىغان ئىشنى قىلمىدى. ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 240- 246-بەتلەر].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android