0 / 0

مېيىتقا دۇئا قىلىش ئۈچۈن مېيىتنىڭ ئۆيىگە توپلىشىپ دۇئا- تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 9965

بىرەر كىشى ۋاپات بولۇپ كەتسە، باشقا ئائىلىدىكى كىشىلەر مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مېيىت ئۈچۈن دۇئا-تىلەك قىلىشىدۇ، بۇنداق قىلىش دۇرۇسمۇ؟، شۇنداقلا مەھەللە مەسچىتىدىمۇ جامائەتلەر خەتمە ئوقۇيمىز دەپ توپلىشپ ئولتۇرىدۇ، بۇ دىنىمىزدا رۇخسەت قىلىنغان ئىشمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدامۇنداق بايان قىلىنغان: قۇرئان كەرىمدىن ياكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۈننەتلىرىدىن مېيىت چىققان ئورۇندا ياكى باشقامەلۇم ئورۇندا توپلىشپ قۇرئان ئوقۇش ياكىقۇرئاندىن مەلۇم سۈرىلەرنى ئوقۇشنىڭيولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق دەلىلبايان قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز. ساھابىلاردىن ياكى تابىئىنلاردىن ياكىئۇلاردىن كىيىنكى سەلەپلەردىن بىرەرسىنىڭبۇ توغرىدا دەلىل كەلتۈرۈلگەنلىكىنىھەم بىلمەيمىز. ماھىيەتتە بۇنداق قىلىشچەكلەنگەن ئىشلار تۈرىدىندۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتەمۇنداق دېگەن: كىمكى بىزبۇيرىمىغان ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، بۇ ئىشرەت قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى3243-ھەدىس].

ئەمما مېيىت ئۈچۈنتوپلىشپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك؛ دۇئادېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەت دەلىلگەئاساسەن بولىدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلاربىلەن بىرلىكتە جىنازە نامىزىدىن بىكار بولۇپ،بىرەر مېيىتكە دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا دەلىلكەلمىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنپەقەت مېيىتنى قەبرىگە قويۇپ،لەھەدنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىنقەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: قېرىندىشىڭلارئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئۇ ھازىرقەبرىدە سوئال قىلىنىۋاتىدۇدېگەنلىكىتوغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنغان.

خۇلاسە:مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن ياكىدەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت بولۇپمېيتكە دۇئا قىلىش بىدئەتتۇر. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى916].

سىلەرنىڭھەر بىرىڭلار مېيىت ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم نامازدابولسۇن ياكى نامازدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بولسۇن،كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى، جۈمە كۈنىئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن ئولتۇرغىچە، ئەزانبىلەن تەكبىر ئارىسىدا شۇنىڭدەك دۇئائىجابەت بولىدۇ دەپ قارالغان پەزىلەتلىك ۋاقىتلارنىڭھەممىسىدە دۇئا قىلىڭلار. دۇئانى سەمىمىيلىكبىلەن خالىس قىلىشىڭلار كېرەك. دۇئادا سەمىمىبولساڭلار، سىلەر دۇئا قىلىۋاتقاندا خۇشۇئۋە ئىخلاسنى ھېس قىلىسىلەر. بۇنداق شېرىنتۇيغۇ مېيىتنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىئالدىدا جامائەت شەكىلدە قىلىنغان دۇئادا تېپىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالابىز ۋە سىلەرنى بارلىق ياخشىلىقلارغا نائىل قىلسۇن.

پەتىۋابەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخمۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android