بۇيرۇش
ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشى كىم؟
ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشى كىم؟ ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن سۆزنى دېيىش شەرتمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلىشى شەرتمۇ؟
ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر كىشى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلام دىنىغا كېرىۋىرەمدۇ ياكى ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلىپ ئاندىن كىرەمدۇ؟، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد دېگەن ئىسمىنى بىلمىسىمۇ كۇنىيىتى (ئەبۇلقاسىم) دېگەندەك ياكى ئەھمەد، ماھى دېگەندەك باشقا ئىسىملىرىنى بىلسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ھەقنى تونىمىغان، ئىسلام توغرىسىدا بىر نەرسە ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ قىيامەتتە ھالى قانداق بولىدۇ؟
شىئەلەر ۋە باتىنىيە پىرقىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ھەق يولدا دەپ قارايدۇ، ئۆزلىرىنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ئادەم تاپالمايدۇ، ئىسلام توغرىسىدا ھېچ نەرسە ئاڭلىمىغان مۇشرىكلار دوزاختا مەڭگۈ قالسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى ھەققە يېتەكلەيدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئىبادەتتە ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان
ئىنسان ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىبادەتتە ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغانمۇ؟ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ بولسىمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئېلىش ياكى ئۆينىڭ يېنىدا مەسچىت بولسىمۇ يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىمۇ؟. مەن ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇۋاپىقات" دېگەن كىتابىدا ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەن ئىبارىنى ئۇقۇدۇم بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر
ئىنسانغا جىننىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىنسان قىيامەت كۈنى جىن ئەزىيەت يەتكۈزگەندىن كىيىنكى ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.بەك ياشىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان كىشى شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇپ-روزا تۇتامدۇ؟
دادام بەك ياشىنىپ قالدى (يەنى 105 ياشقا كىرىپ قالدى) بەزى ئىسىنى يوقۇتۇپ قويغۇچىغا ئوخشاپ قالىدۇ، بىزنى بەزى ۋاقىتتا تونۇيدۇ، بەزى ۋاقىتتا تونۇمايدۇ، ئاخىرىقى يىللاردا تەرەت توختىتالمايدىغان بولۇپ قالدى، بەزى كۈنلىرى كىيىملىرىنى بىر قانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويىمىز، تەرىتى بولمىسىمۇ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ روزىمۇ تۇتامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.ئاياللار ئەرلەر بىلەن ساۋاپ ۋە جازادا باراۋەرمۇ
بەزى كىشىلەر : ئاياللار ئەقىل ، دىن ، مىراس ۋە گۇۋاھلىق بىرىش جەھەتتە كەمتۈك دەيدۇ . ۋە بەزىلەر : ئاللاھ ئۇلارنى ساۋاپ ۋە جازادا باراۋەر قىلدى دەيدۇ . شۇڭا ئۇلار ئىسلام شەرىئىتىدە كەمتۈكمۇ-يوق ، قارىشىڭلار قانداق ؟