پەيغەمبەر تەرجىمىھالى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى توغرسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى بېكىتىشتە ئىتتىپاققا كەلگەن ئورۇنلاردىن: تۇغۇلغان يىلى بولسا: پىئىل يىلى، تۇغۇلغان كۈنى بولسا: دۈشەنبە كۈنىدۇر. ئەمما ئىختىلاپنىڭ ئورنى بولسا: تۇغۇلغان ئاينى ۋە ئۇ ئايدىكى كۈننى بېكىتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ توغرىدا نۇرغۇن سۆزلەر بار. ئۇ سۆزلەردىن: رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ -ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئاي- ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، سەككىزىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئونىنچى كۈنى دېگەنلەر بار ۋە ئون ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار. ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئۇ بولسىمۇ دۈشەنبە كۈنىدۇر. يىلى بولسا: ھېچ ئىختىلاپسىز ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى، ۋاپات بولغان ئاي بولسا: ھېچ ئىختىلاپ يوق رەبىئۇل ئەۋۋەل ئىيىدۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئۆرنەكلەر توغرىسىدا
مىراج پەلەمپەيگە ياكى شوتىغا ئوخشاش جىسمانىي نەرسىمۇ؟
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى توغرىسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە: 1-خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد. 2 -سەۋدە بىنتى زەمئە. 3- ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكىر سىددىق. 4-ھەپسە بىنتى ئۆمەر. 5-زەينەپ بىنتى خۇزەيمە. 6-ئۇممۇ سەلەمە بىنتى ئەبى ئۇمەييە. 7-جۇۋەيرە بىنتى ھارىس. 8-زەينەپ بىنتى جەھش. 9-ئۇممۇ ھەبىيبە بىنتى ئەبى سۇپيان. 10-مەيمۇنە بىنتى ھارىس. 11-سەپىيە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى توغرىسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئارىسىدىكى "ئىلياس" دېگەن ئىسىم بولسا تونۇشلۇق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن سابىت ئىسىم بولۇپ، بۇ ئىسىم توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت بۇ ئىسىم : ئېنىق ئوقۇلىدىغان ھەمزە بىلەن ئوقۇلامدۇ ياكى ئۇلاپ ئوقۇلىدىغان ھەمزە بىلەنمۇ؟ دېگەندە ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بۇ ئاسان ئىش، ئەمما ھەمزىنى قاتماستىن "لىباس" دەپ ئوقۇيدۇ دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز.- 787
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇغۇل ۋە قىزلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا
- 3,080
نېمە ئۈچۈن ئىسلام تارىخىنى ۋەھيىنىڭ باشلىنىشىدىن ھېسابلىماي، ھىجرەتنىڭ باشلىنىشىدىن ھېسابلايمىز؟
- 3,395
ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەلىكىدىكى يالغان خەۋەر توغرىسىدا
- 3,340
شىئەلەرنىڭ ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشمىغان دېگەن دەۋاسى توغرىسىدا
- 4,330
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلغان؟