تەربىيلەش
ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرى تولۇق ئورانمىسا، تاغىسى ئۇلارنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟.
ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرى تار كىيىملەرنى كىيگەن بولسا، ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات تۇرۇپ تاغىسى ئۇلارنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟ ئۇلار تار كىيىم كەيگەنلىك بىلەن خاتالاشقان بولامدۇ؟. ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات بولىدىكەن ھەمشىرىسىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا تاغىسىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولامدۇ؟. تاغىسى ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەقىقى ئىسلام تەربىيىسىگە يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟
قۇرئان ئۈگىتىدىغان ئۇستازلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ياد قىلغان كىشىلەر كۆپ، بەزى ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن پىقھى ئۈگۈنىدىغانلارمۇ بار، لېكىن بىز ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىز؛ ناچار تەربىيە ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان، قورقۇنۇچلۇق تەربىيە ساۋاتسىزلىقىدىن ۋە جاھىللىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا تەربىيە قىلغۇچىلار نەدە؟، بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟، شەرئى تەلىم-تەربىيە پروگراممىسىغا تەربىيە ماددىسىنى كىرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى قانداق؟، تەربىيىسىز ئىلىمنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ؟، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىدا تەربىيە پروگرامىسىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەلىم -تەربىيە يولىنى تاللىدى؟، تەلىم-تەربىيەدە ئائىلىنىڭ رولى توغرىسىدا نېمە دىسەك دېگىلى بولىدۇ. تەربىيدىكى ۋەيرانچىلىقتىنمۇ چوڭ ۋەيرانچىلىق بولامدۇ؟. ھەقىقى تەربىيىچى ئوقۇتقۇچى ۋە خانىملارنى قانداق يىتىشتۈرۈمىز؟ تەربىيە ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىممۇ ياكى ئىلىم ئېگىلىرىدىن بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان چۈشەنچىمۇ؟، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، پادىشاھلار ۋە ھۆكۈمرانلار، ئابرۇيلۇق كىشىلەر ۋە ئومۇمى خەلق ئەۋلادلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى كەمچىللىكىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا
ئانام كۆيۈمچان ئەمەس، بىزنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ، بىزگە كىچىكىمىزدىن قوپال مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدۇق، شۇ ھالەتتە چوڭ بولدۇق، ئۇنىڭدىن سىرت مەن قىز بالا بولساممۇ ماڭا باشقىلار قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلدۇرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن، ئومۇمەن بىزگە ياخشى تەربىيە بەرمىدى، خۇددى پەرزەنت ئاتا-ئانىنى قاقشاتسا ئازابقا ئۈچرىغاندەك، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلەرگە تەربىيە بېرىشكە سەل قارىسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھامىلدار بولۇش قاتارلىق جىنسى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىنى قانداق بىتەرەپ قىلىدۇ؟
بالام ئالتە ياشقا كىردى، مەن ھامىلدار، ئوغلۇم مەندىن يېڭىدىن قورسىقىمدا پەيدا بولغان ھامىلە توغرىسىدا تەكرار سورىدى، مەن قانداق جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمىدىم؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئوقۇغۇچى ئەخلاقى ناچار ساۋاقداشلىرىدىن قانداق يىراقلىشىدۇ؟
مەن بىر مەسچىدتە قۇرئان ئۈگىتىمەن، ئوغلۇممۇ دەرسىدە بولىدۇ، ئۇ باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، چىراي-شەكلى جايىدا، مەن كۆزىتىپ باقسام ئۇنىڭدىن ياشقا چوڭ بالىلار ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ، مەن ئوغلۇمنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇردۇم، مۇلاھىزە قىلىپ باقسام ئوغلۇمدىمۇ بىر چەكلىمە يوق ئىكەن، مەن ئوغلۇمغا بىر قانچە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن: ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئوغلۇمغا پۇخۇرلۇق قىلىشدىن -ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن-ئەنسىرەيمەن. سىلەرنىڭ مېنى مۇشۇ ھەقتە قىلىشىم زۆرۈر بولغان ئىشتا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.