قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئىلىملىرى
قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا قۇرئان كەرىمدىن ياخشى پال ئېلىش توغرىسىدا
قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئارىسىدا بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانى پاكلايدىغان، مەدھىيىلەيدىغان ۋە كاتتىلايدىغان ئايەت، دۇئالارنى تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا، گەرچە ئايەتنىڭ لەپزى ئاللاھنى پاكلاش-تەسبىھ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسىمۇ ئۇنىڭدىن تەسبىھ ۋە دۇئا ئىستىنبات قىلساق توغرا بولامدۇ؟ مەسىلەن: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» بۇ ئايەتتىن تەسبىھكە ئوخشاش قۇرئان تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا ياكى نامازدا دۇئا قىلىشتىن ئىبارەت ئىشلارنى ئىستىنبات قىلساق توغرا بولامدۇ؟، ئايەتنىڭ مەناسى بويىچە ھەر قانداق ئايەتتىن دۇئا ئىستىنبات قىلسا بۇ دىندا بىدئەت پەيدا قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.پاتىھە سۈرىسىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى توغرىسىدا
پاتىھە سۈرىسى قاچان نازىل بولغان؟ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا نامازنى پەرز قىلغاندىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ؟ پەقەت شۇنى بىلىشنى خالايمەن.قۇرئان كەرىمگە ئالاقىدار بولغان شەرەپلەر توغرىسىدا
قۇرئان كەرىم مەككىدە بولۇپ، مەككە شەھەرلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولدى، رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇپ، رامىزان ئېيى ئايلارنىڭ سۇلتانى بولدى، قەدىر كېچىسىدە نازىل بولۇپ، ئۇ كېچە مىڭ كېچىدىن ئەۋزەل بولدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى بولدى، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ چۈشۈپ بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ خوجىسى بولدى دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ بۇنى سەلەپ ئالىملىرىدىن بىرەرسى دېگەنمۇ؟، ھەقىقەتتە قۇرئان كەرىم ئاشۇلارنىڭ كاتتا بولىشىغا سەۋەپ بولغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن دۇئا قىلىش توغرىسىدا
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن: «سۇبھانە كەللاھۇممە ۋە بى ھەمدىكە، لائىلاھە ئىللائەنتە ئەستەغپىرۇكە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيكە» دەپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ؟ قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋېتىپ تىلاۋەتنى توختىتىپ يەنە قايتىدىن تىلاۋەت قىلماقچى بولسا "ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم"نى قايتىدىن دەمدۇ؟
مەن قۇرئانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىۋاتاتتىم، ئائىلىدىكى بىرسى گەپ سوراپ تىلاۋېتىمنى ئۈزۈپ قويدى، تىلاۋېتىمنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىمەنمۇ ياكى ماڭا يېڭىدىن ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېيىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنغان كىشى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشنى خالىغان كىشى ھېسابلىنامدۇ؟
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇ كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى خالىغان كىشى ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويۇپ تېڭشىماستىن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
مەن ئۆيدە ياكى سىرتتا بەزى ۋاقىتتا رادىئو ياكى تىلۋېزۇردىن قۇرئان تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويۇپ تىڭشىماستىن ئوچۇق قويۇپ قويىمەن، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكى بىكىتىلگەنمۇ؟
قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋەھىي نازىل بولاۋاتقان زاماندا قاچان قويۇلغان؟ سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئاتىغانمۇ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن ساھابىلار ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇلارنىڭ دەۋرىدە قۇرئان كەرىمنى جەم قىلىش جەريانىدا ئاتىغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ
سوئال: ئاللاھ تائالانىڭ "ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)" دېگەن سۈرە رەئدىدىكى بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟.قۇرئان كەرىمنى تاش قىپى بىلەن تاھارەتسىز تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
مەن سىلەردىن تاھارەتسىز ھالەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ تاش قېپىنى تۇتۇشنىڭ ھۆكمىنى سورايمەن؟، مۇقاۋىلانغان قۇرئاننىڭ تاش قېپىنى تاھارەتسىز تۇتسا بولىدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان كەرىمنى تىلېفۇنغا قاراپ ياكى يادغا ئوقۇش توغرىسىدا
قۇرئان كەرىمنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، تىلېفۇنغا قاراپ ياكى يادقا ئوقۇسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئاز بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ گۈزەل ئوقۇش توغرىسىدا
قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇش دېگەن قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،تېلېفون زىلى ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا
تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟راپىزىلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن قۇرئان
مېنىڭ شىئە ساۋاقداشلىرىمدىن بىرى: ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانىدا بىزنىڭ قۇرئانىمىزدا يوق بولغان بىر سۈرىنىڭ بارلىقىنى ئۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنىڭ: سۈرە ۋىلايە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇ توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان ۋە تىبابەت
سوئال: بىر دەرستە تىببىي مۇتىخەسسىسلەردىن كۆپلىگەن دورا - دەرمەكلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سۇئالىم شۇكى، ھازىر قولىمىزدا بولغانلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان تىبابەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىزگە پايدىلىق بولغانلىرى بارمۇ؟ مېنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاندا ھالاك قىلغۇچى كېسەللەرنى ساقايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخى بىز بىلىپ يېتەلمىگەن ئىلىملەرمۇ بارمۇ دەپ سورىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ سوئالنى سورىدىم.قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟
سوئال: قۇرئان ئوقۇشقا داۋام قىلىۋاتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب بېرەمدۇ؟ئون بۇيرۇق
مەن قۇرئاندا كونا ۋەسىيەت تىكى ئون بۇيرۇققا ، بولۇپمۇ ئۆلتۈرمەيسەن دىگەن قۇرلارغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ بار -يوقلۇقىنى بىلمەكچىمەن . مەن بىرنەچچە قۇرئان توربەتلىرىدە ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ ھىچ نەرسىگە ئېرىشەلمىدىم . كۆپ رەھمەت .تاملارغا ئايەت يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىشنىڭ ھۆكمى؟
بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئېسىم-سۈپەتلىرى ياكى باشقا دۇئا-زىكىرلار يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆردۈم؟، بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە دەلىلى بارمۇ؟.