نامازنىڭ ۋاقىتلىرى
بامدات ۋاقتى بىلەن كۈن چېقىش ۋاختىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت پەرق قىلىدىغان دۆلەتتە ياشايدىغان كىشىلەر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ ۋە روزىنى قانداق تۇتىدۇ؟.
بىز ئەنگىلىيىدە بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، تەخمىنەن كېچە سائەت بىردە بامداتنىڭ ۋاقتى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەتراپ قاراڭغۇ يورۇق چۈشمەيدۇ، ئەتتىگەن سائەت تۆت يېرىمدا كۈن چىقىدۇ، كۈن چېقىشتىن بىر يىرىم سائەت بۇرۇن ئاسماندا نۇر پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ ۋاقىتتا سوھۇرلۇقنى توختاتساق توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمچە بوامداتنىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت بىردىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە بولىدۇ، نامازغا سائەت تۆتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار توغرىسىدا
مەن ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتلار توغرىسىدا سىلەردىن سورالغان بىر سوئالنى ئوقۇدۇم، كۆڭلۈمنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن شۇ ۋاقىتلارنى سائەت بىلەن بېكىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.مەسجىتنىڭ جامائەتلىرى بامدات نامىزىنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟
بامدات نامىزى توغرىسىدا قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ئەتتىگەندە بامدات نامىزى ئوقۇپ مەسچىتتىن چىقساق تاڭ يورىمايدۇ، جامائەت بىلەن بىرلىكتە بامدات نامىزى ئوقۇش كېرەكمۇ؟ ياكى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئۆيدە ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟ ئىككىلىنىپ قالدىم، جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بامدات ۋاقتىدىن بۇرۇن پاكىزە بولسا، ئۇ ئايالغا شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا
ھەيزدىن پاك بولۇپ كېچىدە يۇيۇنغاندا قانداق ناماز ئوقۇيمەن؟، يالغۇز خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شام بىلەن خۇپتەننى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شۇ كۈنلۈك نامازنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەنمۇ؟، بىلىشىمچە، قاننىڭ تولۇق توختىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ۋە تولۇق ئاقلىقنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۈن ئارىلىق بېرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامىرىلىرىدا ۋاقىتنى بىلمەيدىغان مەھبۇسلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟
يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ كامىرىغا سولانغان، قول-پۇتلىرى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن مەھبۇسلار ناماز ۋاقتىنى بىلمەيدۇ ۋە رامزاننىڭ قاچان بولىدىغان ياكى بولغانلىقى بىلمەيدۇ، ئۇلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇش توغرىسىدا
خۇپتەن نامىزىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئوقۇماستىن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇساق توغرا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىنى دەلىل-پاكىت بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.خىزمەت سەۋەبىدىن نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
مەن ئاۋىستىرالىيدە ياشايمەن، توخۇ گۆشى كۆپ سېتىلىدىغان تىز تاماقخانىدا ئىشلەيمەن، ھەپتىدە ئۈچ كۈن، ھەر كۈندە 4-5 سائەت توختىماي ئىشلەيمەن. (ھەر قانداق خىزمەتچى 5 سائەتتىن ئاز خىزمەت قىلسا دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشەلمەيدۇ) كۈننىڭ قىسقا، ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ پەرقلىق بولىشى سەۋەبىدىن بەزەن نامازنىڭ ۋاقتى بولغاندا خىزمەت سەۋەبىدىن نامازنى ئادا قىلالمايمەن، پەقەت خىزمەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن ياكى خىزمەتتىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئەسىر بىلەن شامنى بىرگە ئوقۇيمەن، ھازىر ھېچ قانداق بىر نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەيمەن، چۈنكى خىزمەت ۋاقتىم ناماز ۋاقتىغا قارشى كەلمەيدۇ. ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى بۇ ئىش مېنى بەك بىئارام قىلىۋەتتى؟ رەھمەت.خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
بەزىلەر خۇپتەن نامىزىنى بامداتقا ئەزان ئېيتىلغانغا قەدەر ئوقۇسا بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر تەھەججۈت ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا خۇپتەننىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر خۇپتەننىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن خۇپتەنگە ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ بامداتقا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ھېسابلاپ ئىككىگە بولىمىز دەيدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بىلىشىمچە نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، بىز مۇشۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىمىز.بەش نامازنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرى
ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان ئاياغلىشىدۇ ؟ ھەمدە ئۇنى سائەت بىلەن ئىنىق بەلگىلەپ بىرەلەمسىلەر ؟نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى
بىزدە ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن فاكۇلتىتتىكى لىكسىيە بىر ۋاقىتتا كىلىپ قالىدۇ . خرىستىئان دوكتۇر بىزگە ناماز ئوقۇشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ . ھەمدە بىز ئۇنى چىققىنىمىزدا يەنى شام نامىزىغا بىر سائەت قالغاندا ئوقۇيمىز ؟