ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلىشى شەرتمۇ؟
ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر كىشى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلام دىنىغا كېرىۋىرەمدۇ ياكى ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلىپ ئاندىن كىرەمدۇ؟، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد دېگەن ئىسمىنى بىلمىسىمۇ كۇنىيىتى (ئەبۇلقاسىم) دېگەندەك ياكى ئەھمەد، ماھى دېگەندەك باشقا ئىسىملىرىنى بىلسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.يىڭى مۇسۇلمان دىننى ئۆگىنىشنى ئويلايدۇ
مىنىڭ سۇئالىم بىر نەچچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەن ئىسلام دىنىغا ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىخى يىڭىلا كىردىم . دەسلەپتە بەش نامازنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇردۇم( مەن ئەرەب تىلىنى بىلمەيمەن) . بىر كىشى ماڭا : مىنىڭ چوقۇم ئەرەب تىلىدىلا سۆز قىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيىتتى . . شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ناماز ئوقۇشتىن توختىدىم . مەن ھەر كۈنى پەرۋەردىگارىم ھەققىدە ئويلىنىمەن ... ھەمدە ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەگىشىمەن .... لىكىن مەن ئۆزۈم ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلىدىغان بەزى نەرسىلەردىن توختىيالمىدىم .... ئاللاھ مىنى يىتەكلىگەندىن بىرى ھاياتىمنى تولىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆزگەرىتتىم ھەمدە مەن ھازىر بۇرۇنقى ئۇزۇن يىللىرىمغا قارىغاندا تولىمۇ بەخىتلىكمەن . مەن بۇرۇن ھەر كۈنى ھاراق ئىچەتتىم ..ھازىر دىگۈدەك ئىچمەيمەن ..مەن بارلىق پۇللىرىمنى قىمارغا تىكەتتىم ..ھازىر بولسا دىگۈدەك قىمار ئوينىمايمەن . مەن ھەر قىتىم بۇ خاتا ئىشلارنى قىلغىنىمدا ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلىمەن ھەمدە مەن ئىلگىركى ۋاقتىمغا قايتىشنى ئويلىمايمەن . مەن ئاللاھنىڭ مىنى مەن بىلمەيدىغان يوللار بىلەن يىتەكلىگەنلىكىنى ھىس قىلىمەن . . مەن گۇناھكار ھىس قىلمايمەن لىكىن مەن نىمە ئۈچۈن بۇنى قىلىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن .مەن بىرگە ئىشلەيدىغان بىر نەچچە مۇسۇلمانلاردىن سورۇدۇم ھەتتا ئىنتېرنىت تورىدا بىر كىشى بىلەن ئۇچراشتىم .ئۇلاردىن توغرا ئۇسۇلدا ناماز ئوقۇشنى ماڭا ئۆگۈتۈپ قويۇشىنى ۋە ماڭا باشقا ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى سورۇدۇم . . لىكىن مەن ئاۋىستىرالىيك بولغىنىم ئۈچۈن ، ئۇلار مىنىڭ راستلا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ھىس قىلمايۋاتىدۇ ... شۇڭا ئۇلار ئىككىلىنىۋاتىدۇ . مەن ئويلايمەن مەن ياخشى كىشى ئەمەس .. لىكىن ئىلگىركى ھالىتىمگە قارىغاندا كۆپ ياخشىمەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە يىتەكلىشى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايمەن ... ئالدىمدا ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر تۇرۇپتۇ ... قىنى ماڭا نەسىھەت قىلساڭلار .. مەن ئۆزۈم يالغۇز تېرىشىشىم لازىممۇ ياكى گەرچە مۇسۇلمانلار ماڭا ياردەم قىلىشنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنىلا ئۇلاردىن ياردەم سورايمەنمۇ .ئىسلام دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى توغرىسىدا
غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە شۇنداقلا ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.ئىسلام دىنىغا كىرىشنىڭ ئاسانلىقى توغرىسىدا
دادام ئافرىقىدىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكىلىق، ئاپام ئاق تەنلىك، مەن ئون ئالتە ياشقا كىردىم، ئىسلام دىنى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىش ئىلىپ باردىم، مەن ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟.ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ھەق دىن دەپ ئىشەنچ قىلىدۇ؟، ئۇلارنىڭ قانائەتلەنگۈدەك سەۋەبلىرى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.