دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
دۆلەت ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا دۇرۇس بولغان سۇغۇرتا بولۇپ، ئاساسەن ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخىتىيارى بولسۇن ياكى مەجبۇرى بولسۇن بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشسا ۋە بۇنىڭدىن مەپەئەتلەنسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنىمۇ زىيادە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: دوكتۇر ئەھمەد ئىبنى ھەمەد ئەلۋەنىيسنىڭ “ئەلئەھكام ئەتتەبىئيە لىئوقۇد ئەتتەئمىين” ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر ئەلى مۇھيىددىن ئەلقۇرە داغىنىڭ “ئەتتەئمىين ئەتتەكاپۇلىل ئىسلامى” ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر سالىھ ئەلى ۋە دوكتۇر سەمىيھ ئەلھەسەننىڭ: “مەئالىم ئەتتەئمىين ئەلئىسلامى” ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن
4,149