ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال: 10125

  بەزىلەر خۇپتەن نامىزىنى بامداتقا ئەزان ئېيتىلغانغا قەدەر ئوقۇسا بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر تەھەججۈت ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا خۇپتەننىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر خۇپتەننىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن خۇپتەنگە ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ بامداتقا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ھېسابلاپ ئىككىگە بولىمىز دەيدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بىلىشىمچە نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، بىز مۇشۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىمىز.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، يېرىم كېچىگىچە كېچىك تۇرۇش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خۇپتەننىڭ ۋاقتى يېرىم كېچىگىچە بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   (مەسچىتلەر ۋە ناماز ئادا قىلىنىدىغان ئورۇنلار /964).

    شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ھېسابى بويۇنچە خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ، كېچە بەزى ۋاقىتتا قىسقىرايدۇ بەزى ۋاقىتتا ئۇزىرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم كېچىنى سائەت بىلەن بېكىتىش كېرەك، كېچە ئون سائەت بولسا، خۇپتەن نامىزىنى بەشىنچى سائەتنىڭ ئاخىرغىچە كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشى ۋاقتى كېچىنىڭ دەسلەپكى ئۈچتىن بىرىدۇر، خۇپتەننى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇسا بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كېچىنىڭ دەسلەپكى ئۈچتىن بىرىگە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىنى بەزى ۋاقىتتا بىر ئاز كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، خۇپتەن نامىزى ئۇپۇقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قېزىل شەپەق غايىپ بولغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇسا توغرا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋالىرى 10-توم 386-بەت.

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android