ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى شەرتسىز ئىجابەت بولىدۇ، دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

سۇئال: 115143

ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن ھامىلدار، ئاللاھ تائالادىن ماڭا سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى سورايمەن. ھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى شەرتسىز ئىجابەت بولىدۇ، دېگەن سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىز بۇھەقتە كۆپ ئىزدەنگەندىن كېيىن،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلاردىنھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ،دېگەن سۆزنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچىلىك بىرەردەلىلنى ئۇچراتمىدۇق. لېكىن مۇسۇلماندۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ھەققىدە گۈزەلتۇيغۇدا بولۇشى، ئۇنىڭ بەندىگە ئاتاقىلىدىغان خەيرى-ئېھسانلىرىغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ،ئۆزىنى كەرەملىك ئاللاھنىڭ ئالدىداتۆۋەن تۇتۇپ تىلىكىنى سورايدىكەن، ئاللاھتائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ دەپئۈمىت قىلىمىز.

شۇنىئەسلىتىپ ئۆتىمىزكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭروھى بويىچە، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغاندۇئاسى، ئىجابەت قىلىنىدىغان دۇئالار تۈرىدىندۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: ئۈچ تۈرلۈكدۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىدا شەك يوقتۇر:زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى،مۇساپىرنىڭ دۇئاسى، ئاتىنىڭ پەرزەنتىگەقىلغان دۇئاسى (ياكى بەددۇئاسى). [تىرمىزىرىۋايىتى 1905-ھەدىس. سەھىھ ئەدەبۇل مۇپرەد 372-ھەدىس].

ئىماممەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: ئاتىنىڭپەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى (ياكى بەددۇئاسى)ئىجابەت بولىدۇ دېگەن ھەدىس سەھىھبولۇپ، ئاتىنىڭ پەرزەنتكە شەپقەتقىلىشىدىن، ئۇ ئۆز نەپسىدىنمۇ بالىسىنى بەكراقياخشى كۆرىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ئانىنىڭپەرزەنتكە ھەقىقى كۆيۈنىشىدىن،ئۇنىڭ پەرزەنتىگە بولغان رەھىمدىللىقى،كۆيۈمچانلىقى ۋە يېقىنلىقى ئالاھىدەتەكىتلەنسىمۇ، ئەمما دادىدىنمۇ بەكرەكدۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ دېگەن ھەقتە بىرنەرسە سۆزلەنمىگەن. چۈنكى دادىنىڭئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممىگەمەلۇم”. [“پەيزۇل قەدىر” ناملىق ئەسەر3-توم 301-بەت].

ھامىلدار ئايالتۆرەلمىنىڭ كېلەچەكتەئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئەقىللىك ۋە سالىھ،ئىماندار ۋە ياراملىق ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android