ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

شىئەلەرنىڭ ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشمىغان دېگەن دەۋاسى توغرىسىدا

سۇئال: 116375

شىئەلەر ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا ھازىر بولمىغان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرىمۇ؟. ئۇ چاغدا ئۇلار قەيەردە بولغان؟، ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىنى كۈچلاندۇرىدىغان بىرەر دەلىل-ئىسپات بارمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسانتەبىئىتىدىكى ئەڭ قەبىھ ۋەپەسكەش خىسلەت يالغانچىلىقتۇر. بۇھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاميالغانچىلىق خەتىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، يالغانچىلىق پىسق-پۇجۇرغاباشلايدۇ، پىسق-پۇجۇر دوزاخقا باشلايدۇ، دائىم يالغانسۆزلەيدىغان ۋە يالغاننى تاللايدىغان كىشى ئاخىرىدائاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى 6134-ھەدىس. مۇسلىمرىۋايىتى2607-ھەدىس].

مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە نىسبەتبېرىلىدىغان گورۇھلار ئارىسىدا شىئەرلەردىنمۇبەكراق يالغانچى بىر گورۇھ يوق. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىبۇرۇندىن ھەممىگە مەلۇملۇق.ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئىسلام ئۆلىمالىرىكۆپلىگەن ئەسەرلەردە پاش قىلغانۋە ئۇلار تاكى ھازىرغىچە بۇ ناچار ئەخلاقبىلەن سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ھەدىسلەرنى نەقل قىلىش،رىۋايەت قىلىش ۋە ئىسنادىنى بايان قىلىشتاشىئە-راپىزىلار ئەڭ بەك يالغانچى كىشىلەردۇر.يالغانچىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇرۇنلائومۇملاشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئالىملىرىئۇلارنىڭ يالغاننى كۆپ سۆزلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلىرىنىئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ”.

بىر كىشى ئىمام مالىكرەھىمەھۇللاھدىن: شىئە-راپىزىلار توغرىسىدا سورىغاندا،ئىمام مالىك: ئۇلار توغرىسىدا سۆزلىمىگىن، ئۇلاردىن ھەدىسرىۋايەت قىلمىغىن ئۇلار يالغانچى كىشىلەردۇر، دېگەن.

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ:مەن شىئە-راپىزىلاردىنمۇ بەكرەك يالغانگۇۋاھلىق بېرىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم دەيدۇ.

يەزىد ئىبنى ھارۇنرەھىمەھۇللاھ: ھەر قانداق بىدئەتچى كىشىدىن(ئۆزىنىڭ بىدئەت قارىشىغا دەۋەت قىلمىسىلا)ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قوبۇل قىلىنىدۇ،ئەمما شىئە-راپىزىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىقوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاجايىپيالغانچىدۇر، دەيدۇ.

قازى شەرىك مۇنداقدەيدۇ: سەن راپىزىدىن باشقا ھەر قانداق تائىپىدىن ئىلىمئالساڭ بولىدۇ، ئەمما راپىزىلار ئۆزلىرى يالغاندىنھەدىسلەرنى توقۇپ، ئۇنى دىنى ھۆكۈم دەپداۋراڭ سالىدۇ.

شەرىك قازى: ئۇ شەرىكئىبنى ئابدۇللاھ قازى يەنى كۇپە شەھرىنىڭقازىسى بولۇپ، سۇپيان ئەسسەۋرى ۋەئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھلارنىڭتەڭ تۈشلىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىشى، ئۆز ئاغزىبىلەن: مەن شىئە دەپ، شىئەلەرنىڭئارىسىدىكى يالغانچىلىققا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇئەسەر ئىشەنچىلىك بولۇپ، بۇنى ئەبۇئابدۇللاھ ئىبنى بەتتە ۋە باشقا ئالىملارمۇ:”ئىنابەتۇل كۇبرا” دېگەنئەسەردە نەقىل قىلغان. تۈگىدى. “مىنھاجسۈننەتتۈل نەبەۋىييە”[1-26-27-بەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنىدۈشەنبە كۈنلۈكتە ۋاپات بولغان.مەدىنە ئەھلىنىڭ ھەممىسى جىنازە نامىزىئوقۇپ بولغاندىن كىيىن چارشەنبە كۈنى دەپنەقىلىنغان. بۇ توغرىدا ئەبۇ بەكرى سىددىقرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:بىر جامائەت كىرىدۇ، تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇپ،دۇئا قىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن يەنە بىرجامائەت كىرىدۇ، ئۇلارمۇ تەكبىر ئېيتىپ نامازئوقۇپ، دۇئا قىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن يەنەبىر جامائەت كىرىدۇ، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىكىرىپ ناماز ئوقۇدى. [تىرمىزى رىۋايىتى. “شەمائىلمۇھەممەدىيە” ناملىق ئەسەر338-بەت. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھبۇ ئەسەرنى سەھىھ دېگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامۋاپات بولغاندا مەدىنىدە بار بولغان بارلىق ساھابىلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازەنامىزىغا قاتناشقانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئىش بولۇپ، بۇنىڭداھېچكىم باشقىچە بىر گۇماندا بولمايدۇ، ھەمدەبۇنىڭغا دەلىل تەلەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتىيوق. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى،بالا-چاقىلىرى ۋە ئۆز نەپسىدىنمۇبەكرەك ياخشى كۆرەلگۈچى ئىدى. بۇ توغرىدائەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىسبايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارغاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇسۆيۈملۈكرەك بىر كىشى يوق ئىدى. [تىرمىزى رىۋايىتى2754-ھەدىس. بۇ ئەسەرنى شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئەمما پۈتۈنۋۇجۇدى ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىئۈچۈن ئۆچ-ئاداۋەتكە توشۇپكەتكەن پەسكەش كىشىلەر تۈرلۈكيالغان-توقۇلما ئويدۇرمىلار بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭپەيغەمبەرلىرىدىن قالسىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭياخشىسى بولغان، شۇنداقلاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭياخشىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگەتۆھمەت قىلىدۇ. ساھابىلار توغرىسىداپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ماڭازامانداش ياشىغانلار، ئاندىن ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەرئاندىن ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەر. [بۇخارىرىۋايىتى 2652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2532-ھەدىس].

ساھابىلارغا تەنە قىلغان،سۆككەن ۋە ھاقارەت قىلغان كىشىلەرھەقىقەتتەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەنە قىلغانۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ساھابىلار بولساپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىۋە ئوقۇغۇچىلىرى، ياردەمچىلىرى ۋەئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىدۇر.

ساھابىلارنىڭپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازا نامىزىۋە دەپنە مۇراسىمىغا ھازىر بولغانلىقىيۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئوچۇق ئىش بولۇپ،بۇنىڭغا ھېچ دەلىل كېرەك بولمايدۇ. خۇددىبىر شائىر ئېيتقاندەك: “كۈندۈزنىڭ بولىشىدەلىلگە ئېھتىياجلىق بولسا ئەقىلدە ھېچنەرسە توغرا بولمايدۇ”.

ئەنەس ئىبنى مالىكرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپمۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگەكىرگەن كۈنىدە مەدىنىدىكى بارلىق نەرسىلەريورۇپ كەتكەن ئىدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانكۈندە بولسا، مەدىنىدىكى بارلىق نەرسىلەرقاراڭغۇ-زۇلمەتكە تولدى. بىزپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىدىن قولئۈزمىدۇق ھەتتاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى دەپنىقىلىۋاتقان بولساقمۇ بۇ ئىشنى بىزنىڭ قەلبىمىزئىنكار قىلىۋاتاتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى3618-ھەدىس. ئىمام ئىبنىكەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنىسەھىھ دەپ “ئەلبىدايە ۋەننىھايە”ناملىق ئەسىرى 5-توم 239-بەتتە كەلتۈرگەن].

ساھابىلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنەمۇراسىمىدىن قايتىپ كەلگەندە، پاتىمەرەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئىئەنەس! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك جىسمىغا توپا چىچىپكۆڭلۈڭلار ئارام تاپتىمۇ؟.[بۇخارى رىۋايىتى4462 -ھەدىس].

مۇشۇنداق دەلىل-ئىسپاتلارتۇرسىمۇ ئاشۇ بۆھتانچىلار بۇتۆھمەتلەرنى قەيەردىن پەيدا قىلىدۇ؟!.

لېكىن ئاشۇتۆھمەتخورلارنىڭ دىندا مەلۇملۇق بولغانزۆرۈر ئىشلارنى ئىنكار قىلغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىشئەمەس. ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىنساقلانغان-مۇھاپىزەت قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىمۇئىنكار قىلدى، قۇرئاننى ئۆزگەرتىلدى، ئۇنىڭدىكىبەزى سۈرىلەر ساھابىلار تەرىپىدىن قىسقارتىلدى دەپگۇمان قىلدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزئابرۇيىغا تەنە قىلدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭپەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقىنى ئاللاھ تائالا قۇرئانكەرىمدە مەڭگۈلۈك زىكىر قىلغان.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ توغرىدامۇتەۋاتىر شەكىلدە نۇرغۇن سەھىھھەدىسلەر بايان قىلىنغان ۋە پۈتۈنئۈممەت ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك كىشىلەرئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن تۇرۇقلۇق،ئۇلار ساھابىلارنى ئەڭ ناچار سۆزلەر بىلەنھاقارەت قىلدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ساھابىلارتوغرىسىدا بۇنداق بۆھتانلارنى تارقىتىشىمۇ ھەيرانقالارلىق ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا ساھابىلارنىڭ ئىززەتئابرۇيىنى ھىمايە قىلغۇچىدۇر. زالىملارئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىپات-يېقىندا بىلىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن ئۆز دىنىغاياردەم بېرىشنى، ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۈستۈنقىلىشنى باتىل ۋە ئۇلارنىڭئەگەشكۈچىلىرىنى خار قىلىشنى سورايمىز.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ پاك ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغارەھمەت-مەغپىرەت قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىنتوغرىنىبىلگۈچىئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android