ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
1268501/06/2008

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قارشى چىقىش ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 118682

سوئال بەزى كىشىلەر شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مۇھتاج، بەزى شەرئى قانۇنلار بۇ ئەسىرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ، مىراس قانۇنىدا ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ، بۇنداق دېگۈچىلەرگە ئىسلام دىنى نېمە دەيدۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارچە ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
شۇنى بىلىش لازىمكى، ئىماننىڭ ئاساسى ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي)ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر نىسا سۈرىسى 59-ئايەت.
يەنە بىر ئايەتتە: مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ نىسا سۈرىسى 65- ئايەت.
يەنە بىر ئايەتتە: ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟! (ئاللاھغا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟! سۈرە مائىدە 50-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھاكىم ئەمەسمۇ تىن سۈرىسى 8-ئايەت. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ يۈسۈف سۈرىسى 40- ئايەت.
يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دەيمىزكى، ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى رەت قىلغانلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا رازى بولمىغۇچىلار ياكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىن ياخشىراق قانۇنلار بار دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولىدۇ ۋە ئۇ ئىسلام ئۈممىتىدىن ئەمەس.
بۇ ھەقتە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ ئۆزى قۇرئان كەرىمدە بەلگىلىگەن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلغان تالاق، نكاھ، مىراس، بەش ۋاخ ناماز، زاكات، روزا ۋە باشقا پۈتۈن شەرىئەت ئەھكاملىرى ئەڭ توغرا ئەھكاملار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشى پەرز. ھېچكىمنىڭ قارشى چىقىش ياكى رەت قىلىش ھەققى يوق. بۇ ئىشلاردا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققان بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەرىئەت ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئارقىلىق زېمىندا ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلاھى قانۇندۇر، بۇ قانۇن تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگىدۇر. مىراس قانۇنىدا ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مىراس مەسىلىسىنى تەپسىلى چۈشەندۈرىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلغاندۇر. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلارغا نېمىنىڭ مەنپەئەتلىك، قايسى قانۇن پرىنسىپ ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگۇچىدۇر. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشكە ئېھتىياجى يوقتۇر.كىمىكى بۇنىڭغا ئوخشاش سەپسەتىلەرنى بازار تاپقۇزۇشقا تىرىشىدىكەن، ئۇ شەكسىز كاپىردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭغا ئوخشاش پىتنىلەردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمەن.
ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 415-بەت

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android