مەن دائىم يولدىشىم بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتىشتىن چەكلىمىسىمۇ ئەمما ھازىرقى مەكتەپلەر بالىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدۇ. دىنى جەھەتتىن بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەر مەكتەپلەردىكى ئەخلاقسىزلىقلار سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ
سوئال: 132214
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
بىرىنچى: پەرزەنت ئاللاھتائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتانېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا، بۇ قىيامەتكۈنى ئىنسان سوئال قىلىنىدىغان ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. بۇتوغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: سىلەرنىڭھەممىڭلار پادىچى (مەسئۇلىيەت ئىگىسى)سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلاردىن سوراققىلىنىسىلەر. ئىمام (ئەمىر) يولباشچىپادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغامەسئۇلدۇر. ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئەھلىگەپادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋەئەۋلادلىرىغا پادىچىدۇر، ئايال كىشى ئېرىنىڭئۆيىدە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئائىلەۋە پەرزەنتلىرىگە مەسئۇلدۇر.[بۇخارى رىۋايىتى 853-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1829-ھەدىس]. (دېمەك؛ ھەر كىم ئۆز دائىرسىبويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ-م).
پەرزەنتلەرنىياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ياخشىكۆرۈلمەيدىغان بارلىقماددى ۋە مەنىۋىي ئىشلاردىن ساقلاش دادىنىڭمەجبۇرىيىتىدۇر.بولۇپمۇئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە ساغلام ئەخلاقىنىھىمايە قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
ئىككىنچى:ئەسلىدە مۇسۇلمان كىشى بىر ئىشنىڭ ياخشىلىقۋە يامانلىق تەرىپىنى ئۆلچەپ، ئىجابىيۋە سەلبىي تەرەپلىرىنىسېلىشتۇرۇپ، ئۆز قارىشىدا كۈچلۈك بولغانتەرىپىنى قوللىنىشى كېرەك.
ھەقىقەتەنمەكتەپلەرنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىيتەرەپلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەۋلادلارنىتەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپيېتىلىشىدە مەكتەپلەرنىڭ ئىجابىيۋە سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. كۆپچىلىكئاتا-ئانىلار مەكتەپلەرنىڭ سەلبىيتەرەپلەرلىرىدىن شىكايەت قىلىدۇ، بۇئەمەلىي ۋاقىئە بولۇپ كۆپچىلىك مۇسۇلمانئائىلىلەر بۇ رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ.لېكىن مۇسۇلمان تۆۋەندىكى بىر قانچەئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق بۇ سەلبىياتلارنىئۆزگەرتىشكە قادىر بولالايدۇ:
ئا-پەرزەنتلەرنىمۇھاپىزەت قېلىشتا ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ،تۆۋەنچىلىك بىلەن كۆپ دۇئا قىلىشكېرەك. چۈنكى دۇئا ئەۋلادلارنى مۇھاپىزەتقىلىشتىكى ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئاللاھ تائالا سالىھكىشىلەرنىڭ دۇئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداقدەيدۇ:وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَاوَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا تەرجىمىسى: ئۇلار:ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋەئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنىبىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتاقىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭپېشۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭنەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن،دەيدۇ. [سۈرە پۇرقان 82-ئايەت].
ئاتا-ئانىلارنىڭسالىھ كىشىلەردىن بولۇشى، پەرزەنتلەرنىڭتوغرا يولدا مېڭىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىئوپ-ئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَأَمَّا الْجِدَارُفَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنزٌلَّهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَن يَبْلُغَاأَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنزَهُمَا رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَتەرجىمىسى: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكىئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭھەققى بولغان خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپكەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەرئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىياخشى ئادەملەر ئىدى. پەرۋەردىگارىڭئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنىچىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇپەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغانرەھمىتىدۇر. [سۈرە كەھپ 82-ئايەت].
ئىبنىرەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “بەندىنىڭ سالىھ بولىشىسەۋەبلىك ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىنكېيىنمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇھاپىزەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: وَكَانَ أَبُوْهُمُا صَالِحاًتەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەرئېدى. يەنى ئۇلارنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىپياشىغان كىشىلەر بولغانلىقى سەۋەبىدىنپەرزەنتلىرىنىڭ ھەققى ساقلىنىپ قالدى”.[جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم ناملىقئەسەر 186-بەت].
ب-ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭئۆسۈپ-يېتىلىشى، ساغلام تەلىم-تەربىيەئىلىشى، شۇنداقلا مەكتەپ تەربىيەسىگىلا قاراپتۇرماستىن ئائىلىدىمۇ ئەتراپلىقتەلىم-تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى،ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنى مەسچىتكە بىرگە ئىلىپبېرىشى، قۇرئان كەرىم كۇرسلىرىغا، دىنىسۆھبەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىقئۇلارنىڭ قەلبىدە دىن سۆيگۈسىنىيىتىلدۇرۇشى لازىم بولغىنىدەك، ئانىلارنىڭمۇئائىلىدە قىزلارنىڭ تەربىيەسىگەئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
ج-پەرزەنتلىرىنى ئىنچىكەكۈزىتىش ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەنسۆھبەت ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپتۇرۇشى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى، مېھرىبانلىقبىلەن يول كۆرسىتىشى ۋە قىزىقتۇرۇشبىلەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بىرگە ئىلىپ بېرىشى لازىم.
د-بالىلارنىڭدىنى مائارىپ تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەتبېرىدىغان ئىسلامى مەكتەپلەر بىلەندۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارىسىنىسېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاللاپ بېرىشكېرەك. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى،بۇ تۈردىكى مەكتەپلەر كۆپلىگەنشەھەرلەردە تېپىلىدۇ. ئەگەر ئاتاخۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقتىكى مەكتەپلەرنىڭرەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە قادىر بولالمىسا،دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياخشىراقىنىكىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، شۇنىڭغابېرىشى كېرەك.
ھ-ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ ۋەمەھەللىدە مەسچىتتە، قۇرئان ياد قىلىشكۇرسلىرىدا ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئىچىدەئىشەنچ قىلىدىغان ئەخلاقلىق بالىلار بىلەن ھەمراھبولىشىغا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.
و-ئاتا-ئانىلاربىرەر قىيىنچىلىق پەيدا بولغاندا، ئۆزلىرى بىلەنپەرزەنتلىرى ئارىسىدا بوشلۇق قويماسلىقى لازىم.پەرزەنتلەرگە بىرەر ئىش بولۇپ قالغانتەقدىردە، مەزكۇر ئىشنى تىزدىن ئاتا-ئانىسىغا مەلۇمقىلىشقا ئالدىرايغان شارائىت ھازىرلاش كېرەك. شۇنداقلا بۇتەجرىبە ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن ئىشتۇر.
سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى:ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر، بۇتوغرىدا ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “پەرزەنتنىڭمەنپەئەتلىك ئىلىم ئىلىشى ۋەتەربىيىلىنىشىگە سەل قارىغان ۋە ئۇنى بوشقويۇۋەتكەنكىشىچوڭ خاتالىق سادىرقىلغان بولىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىك بالىلارنىڭبۇزۇلۇشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىئاتا-ئانىلىرىدۇر. يەنى ئۇلارنىڭپەرزەنتلەرنىبوشقويۇۋېتىپ، كىچىكلىكىدىن ئۇلارغا زۆرۈربولغان دىنى بىلىملەرنى ئۆگەتمەسلىكسەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنىڭكېلىچىكى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوللىرىدا زايا بولغانبولىدۇ”. [تۆھپەتۇل مەۋدۇد229-بەت-بەت].
شۇنداقلابىرەرشەخس بالىسىنىمەكتەپتىن چىقىرىۋىلىشى زۆرۈر بولغاندا،بالىنىڭ ئىلىۋاتقان تەلىملىرىنىمۇ يوق قىلماستىن،مەزكۇر مەكتەپتىن چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭئورنىدا مۇناسىپ بىر تەلىم تەربىيە مۇھىتى ھازىرقىلىشى كېرەك بولىدۇ. بولۇپمۇمەكتەپتىن تولۇق قايتۇرۇۋېلىنغانبالىلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلىقىسەۋەبى تۈپەيلى، مەكتەپتىن قايتۇرۇۋېلىنغانبالىلار كۆپۈنچە ھالدا، ئۆيدەتېلىۋېزۇر ئالدىدا ياكى كوچىدا لاغايلاپيۈرۈش، جاھالەتتە ياشاش، ئويۇن-تاماشىغابېرىلىش بىلەن بولۇپ ھېچبىر ئىشنى ئاخىرغا ئىلىپكېتەلمەيدۇ، بەلكى مۇنداقئەھۋالدا پەرزەنتىنى مەكتەپتىنچەكلەپ قويغان كىشى ئۇلارغا قاتتىق زىيانيەتكۈزگەن بولىدۇ.
شۇنىڭئۈچۈن بىزنىڭ ئاتىلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: بالىلارنىھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگەئەۋەتىشتىن چەكلىمەسلىك كېرەك،مەكتەپنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى بولسا ئىمكانقەدەر بۇنى تۈزىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىكېرەك.
سوئالسورىغان ھەمشىرىمىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، سىز ئاللاھتائالادىن ئىشلىرىڭىزغا ياردەم سوراڭ، ئاللاھ تائالاغاكۆپ دۇئا قىلىڭ، يولدىشىڭىز بىلەن بۇھەقتە كۆپ سۆھبەتلىشىڭ، مۇلايىملىقبىلەن ۋە دەلىل-ئىسپاتلار بىلەنمۇنازىرىلىشىپ، توغرىنى بايان قىلىپ بېرىڭ.ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىڭىز ئارىسىدىكى ياكىيولدىشىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەقىل-پاراسەتلىك، توغراپىكىرلىك كىشىلەردىن ياردەم سوراڭ، ھەقىقەتەنئاللاھ تائالا سىزنى، بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىتۈرلۈك شەكىلدىكى يامانلىقتىن مۇداپىئەقىلغۇچى ۋە ساقلىغۇچىدۇر.
توغرىنىئاللاھ تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر.
مۇپتى: پەزىلەتلىكشەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىنئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپبېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى