مەن 37039-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوقۇدۇم، لېكىن جەنۇبى ئاپرىقىدا قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋاناتلارنى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئالىمىز، ئۇ يەردە چارۋىچىلارنىڭ تىز سەمىرىشى ئۈچۈن كىچىك ۋاقتىدىلا قۇيرۇقلىرىنى كېسىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇربانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا قۇيرۇقى ساق بولغان ھايۋانلارنى تېپىشىمىز قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇيرۇقى كېسىك ھايۋانلارنى سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەگەر ساغلام قوي تاپالمىسا قۇيرۇقى كېسىك ياكى ئېرىك قوينى قۇربانلىق قىلسا توغرا بولامدۇ؟
سوئال: 160316
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: قۇربانلىق قىلغانداقۇيرۇقى كېسىك ۋە تاشىقىكېسىۋېتىلگەن ھايۋانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشزۆرۈر بولىدۇ، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىبويىچە، قۇيرۇقى كېسىك ھايۋاننىڭقۇربانلىققا تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما تاشىقىكېسىۋېتىلگەن ھايۋاننىڭ قۇربانلىققاتەسىرى بولىدۇ.
ئىبنى قۇدامەمەقدەسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ:” قۇيرۇقى كىسىلگەن ھايۋانلارنىقۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭقۇيرۇقى تۇغۇلغاندا يوق تۇغۇلغانبولسۇن ياكى كىيىن كېسىۋېتىلگەن بولسۇنئوخشاش، چۈنكى قۇيرۇقنىڭ كېسىكلىكى ھايۋاننىڭگۆشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇشۇنداقلا قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولغانمەقسەت-غايىگىمۇ تەسىرى بولمايدۇ، بۇنداقھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشتىن چەكلەش توغرىسىدادەلىل بايان قىلىنمىغان.” تۈگىدى.[“ئەلمۇغنىي” ناملىقئەسەر 13-توم 372-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].
يەنە مۇنداقدەيدۇ: “چارۋىلارنىڭ تاشاققا ئوخشاش ئەزالىرىپۈتۈن كېسىپ تاشلانغانلىرى قۇربانلىق قىلىشقايارىمايدۇ.” تۈگىدى. [“ئەلمۇغنىي” 13-توم371-بەت].
شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “قۇربانلىقتا قۇيرۇقىتۇغۇلۇشتا بولمىغان ياكى كىيىن كېسىپ تاشلانغانچارۋىلار دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تاشىقى كېسىپتاشلانغان چارۋىلار دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكىتاشاقنىڭ كېسىلىشى ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنىڭغائاساسەن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقى بولمىساقۇربانلىققا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تاشىقى بولمىساقۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدۇ.” تۈگىدى.[“شەرھى مۇمتىئ” ناملىق ئەسەر 7-توم435-بەت].
يەنە مۇنداقدەيدۇ: “ئەگەر پىچىۋېتىلگەنئۇلاغمۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىققادۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەقسەتقىلىنىدىغان ئەھمىيەتلىك ئەزادۇر، ئەمماقۇيرۇق بولسا قوي، كالا ۋە تۆگىلەردەمەقسەت قىلىنىدىغان ئەزا ئەمەس. شۇنىڭئۈچۈن بۇ ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىقۇربانلىق قىلىنغان ۋاقىتتا كېسىپ تاشلىنىدۇ،شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە قويىنىڭقۇيرۇقىمۇكالىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش تاشلىۋىتىلىنىدۇ،ئۇ مەقسەت قىلىنىدىغان ئەزا ھېسابلانمايدۇ، شۇنىڭدەكقۇربانلىقتا قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەنئاۋسترالىيە قويلىرى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكىئۇ قويلارنىڭ قۇيرىقىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق”.تۈگىدى. [“ھەج سۆھبەتلىرى” 108 -بەت].
37039-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا پەتىۋا كومىتېتىنىڭ،تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ھايۋاننى قۇربانلىققىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەتىۋاسىنىبايان قىلدۇق.
ئىككىنچى: قۇربانلىققىلىدىغان ۋاقىتتا سىز تاشىقى كىسىۋىتىلمىگەن ھايۋاننىئىزدەڭ. ئەيىب-نۇقساندىن خالى بولغان قوينى تېپىشئىمكانىيىتى بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا تاشىقىكېسىۋېتىلگەن قوينى قۇربانلىق قىلىشدۇرۇس بولمايدۇ.
ئەگەرقۇربانلىققا يارايدىغان ساغلام قوي تېپىش مۇمكىن بولمىغاندا،ئەيىپلىك قوينى قويۇپ، قۇربانلىققا يارايدىغان باشقاھايۋانلارنى ئىزدەش كېرەك بولىدۇ.مەسىلەن: ئۆچكە قۇربانلىق قىلىش كېرەك،ئەگەر قۇربانلىققا يارايدىغان ئۆچكەتېپىلمىسا، كالا ياكى جامۇس ياكى تۆگە قۇربانلىققىلىش كېرەك، تۆگە ياكى كالىغا يەتتە كىشىشېرىك بولسا بولىدۇ ياكى كۆپرەك ساۋابقائېرىشىش ئۈچۈن تۆگە ياكى كالىنى ئۆزىيالغۇز قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ، تۆگە ياكىكالىدا يەتتىدىن ئاز كىشى شېرىك بولسىمۇ بولىدۇ،ئەمما يەتتىدىن ئارتۇق كىشى شېرىك بولسابولمايدۇ.
ئەگەر شۇ رايۇندىكىقويلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشىقىكېسىۋېتىلگەن بولسا، يۇقىرىدا بايانقىلىنغاندەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋانلارنى قۇربانلىققىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداق ۋاقىتتا تاشىقىكېسىۋېتىلگەن قويلارنى قۇربانلىق قىلسابولىدۇ، بولۇپمۇ چارۋىچىلارھايۋانلارنىڭ تىز سەمىرىشىنىكۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا بۇ ئىشئۇ ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئەيىبھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ھالەتتىمۇئۇ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن چەكلىسەك،بۇ ۋاقىتتا قۇربانلىقتىن ئىبارەت بولغان ئىسلامدىنىنىڭ شوئارى بىكار قىلىنغان بولىدۇ. قۇربانلىقتىنئىبارەت بولغان ئىسلامنىڭ شوئارىنى ئىزھار قىلىشتىن بولغانمەسلەھەت، ئەيىپلىك قوينى قۇربانلىق قىلىشتىنبولغان خاتالىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملارنىڭ قارىشىدابېكىتىلگەن قائىدە: “ئاسانلىق قىيىنچىلىق بىلەنئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ”. ئىبادەتنىشەرئى تەقەززا بىلەن تولۇق ئادا قىلىش مۇمكىنبولمىسا، يەنى بەزىسىنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، بۇئىبادەت پۈتۈنلەي ئەمەلدىنقالدۇرۇلمايدۇ بەلكى قىلىش مۇمكىن بولغانلىرى ئاداقىلىنىدۇ.
بۇ قائىدەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەدىسىدىن ئىلىنغان: سىلەرنى بىر ئىشنى ئادا قىلىشقابۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچىڭلارنىڭيېتىشىچە ئادا قىلىڭلار. [بۇخارىرىۋايىتى7288-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1337-ھەدىس.ئىمام سۇيۇتىينىڭ: “ئەلئەشباھۋەننەزائىر” ناملىق ئەسىرى 159-بەتكەقارالسۇن. ئىمام ئەززىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “تائەت-ئىبادەتتىن بىر ئىشنىئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشى ئۇ ئىبادەتنىڭبەزىسىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، بەزىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىزكەلسە، قادىر بولالىغاننى ئادا قىلىدۇ، قادىر بولالمىغانلىرىئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ.” تۈگىدى.[“قەۋائىدۇل ئەھكام” (2/7)].
ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى