ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھاپىز قۇرئاننىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى

سۇئال: 197477

مەن سەككىز يىل بۇرۇن قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان ئىدىم، لېكىن بىلگىنىمنى باشقىلارغا ئۈگەتمىدىم، مېنى قۇرئان ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلىدىغان ھېچ كىشىنى ئۇچراتمىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار بولىمەنمۇ؟، قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچى قارىلارنىڭ قېلىشقا تىگىشلىك قانداق مۇھىم ئەمەللىرى بار؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: قۇرئان كەرىمئۆگنىش ۋە ئۆگىتىش ئەڭ شەرەپلىكۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەردىنبولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭئاراڭلاردا قۇرئان ئۆگەنگەن ۋەئۇنى ئۆگەتكەن كىشى ئەڭ ياخشىكىشىدۇر. [بۇخارىي رىۋايىتى 5027-ھەدىس].

ئەبۇ ئۇمامەئەل باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايانقىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالىمنىڭ ئابىدقا(يەنىبىلىمسىز ئىبادەت قىلغۇچىغا) بولغان ئارتۇقچىلىقى،مېنىڭ سىلەردىن ئەڭ ئاددى كىشى بىلەن بولغانئارتۇقچىلىقىمغا ئوخشايدۇ. كىشىلەرگە ياخشىلىقنىتەلىم بەرگەن كىشىگە، ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان-زېمىن ئەھلى،ئۇۋىسىدا ياتقان چۈمۈلە، ھەتتادېڭىزدىكى بېلىقلارغا قەدەر، ئۇنىڭغائاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەتتىلەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى2685-ھەدىس. بۇھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ”تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا”كەلتۈرگەن].

شۈبھىسىزكى، كىشىلەرگەقۇرئان ئۆگەتكەن كىشى ئۇلارغا ياخشىلىقنىئۆگىتىدۇ، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىقئىشىكلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئاچقان بولىدۇ.

ئىككىنچى: قۇرئان ئۆگىتىشپەرز كۇپايە يەنى بەزى كىشىلەرئۆگەتسە باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ. سىزتۇرىۋاتقان شەھەردە كىشىلەرگەقۇرئان ئۆگىتىدىغان باشقا كىشى بولسا سىزگە گۇناھبولمايدۇ. لېكىن سىز زور ياخشىلىق-پەزىلەتنى يوقىتىپ قويدىڭىز،ئەگەر سىزدىن باشقا قۇرئان ئۆگىتىدىغان كىشى بولمىسا،ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ باشقىلارغا قۇرئان ئۆگىتىشىڭىزپەرز بولىدۇ، ئۇنداق قىلمىسىڭىز گۇناھكار بولىسىز،قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبەقىلىشىڭىز لازىم بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “باشقىلارغائىلىم مەرىپەت ئۆگىتىش پەرز كۇپايىدۇر. بىريۇرتتا ياكى بىر مەھەللىدە بىرلا كىشى بولىدىكەن،ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقىلارغا دىنى بىلىم ئۆگىتىش پەرزئەيىن (يەنى شۇ كىشى قىلمىسا بولمايدىغان) بولىدۇ.ئەگەر بىرەر جامائەت ئارىسىدا بەزى كىشىلەر تەلىم-تەربىيەبىلەن مەشغۇل بولسا باشقىلار گۇناھكار بولمايدۇ،ئەمما ھەممىسى تەلىم-تەربىيىدىن باش تارتسا، ئۇۋاقىتتا ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. بەزىلەرئىجرا قىلسا، قالغانلىرىدىن ساقىت بولىدۇ.

ئەگەر ئۇلارنىڭبىرىدىن تەلىم بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ كىشىئۇنىمىسا، گەرچە گۇناھكار بولمىغانتەقدىردىمۇ، تەلىم بېرىشتىن باش تارتىش ياخشىكۆرۈلمەيدۇ.” تۈگىدى. [“ئەتتىبيانفى ئادابى ھەملەتۇل قۇرئان”41 ناملىقئەسەر42-بەت].

ئەگەر سىز بۇ يولدىكىياخشىلىققا قىزىقسىڭىز، كىشىلەرنىڭ سىزنىڭيېنىڭىزغا كېلىپ سىزدىن تەلىم ئىلىشىنى كۈتۈپئولتۇرماستىن سىز ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىقۇرئان كەرىم ئۆگىنىش ۋە ياد قىلىشقا دەۋەتقىلىڭ، قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن ۋەئۆگەنگەننىڭ پەزىلىتى ۋەشان-شەرىپىنى سۆزلەپ ئۇلارنى تەلىم ئىلىشقاقىزىقتۇرۇڭ، بۇ سىز ئۈچۈنمۇۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشىدۇر.بۇنىڭ سىزنىڭ قۇرئان كەرىمنىئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، ئەگەرچوڭلارنى تاپالمىسىڭىز كېچىك بالىلارغائۆگەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا، قۇرئانكەرىم يادلاش مەدرىسىلىرىگە بېرىپ ئۇستازلىققىلسىڭىز بولىدۇ.

ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىمياد قىلغۇچىلار باشقىلاردىن پەرقلىق بولىشى كېرەك. ئاللاھتائالا مۇشۇنداق پەزىلەتكەمۇۋەپپەق قىلغان كىشى شۇ قۇرئان كەرىمبىلەن يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە ئۇتۇققازىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا قارىلارنىڭ باشقائادەتتىكى ئوقۇمىغان كىشىلەردىن ھېچ پەرقىبولمايدۇ. تۆۋەندە ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادقىلغۇچى قارىيلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان بەزىئەدەپ-ئەخلاقلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1-قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش،ئوقۇش ۋە باشقىلارغا تەلىم بېرىشتەنىيەت توغرا بولۇش (يەنى خالىس ۋە سەمىمىبولۇش كېرەك).

2-قۇرئان كەرىمنى ياكى يادقىلغان سۈرىلەرنىڭ بەزىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى تەكرار ئوقۇپتۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

3-قۇرئان كەرىم ياد قىلىشتىن،دۇنيالىق مەنپەئەت، مال-دۇنيا،ئەمەل-مەنسەپ، يۈز-ئابرۇي ياكىدوست-بۇرادەرلىرىدىن ئۈستۈن بولۇش،باشقىلارنىڭ مەدھىيىلىشى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مايىلبولىشى قاتارلىق ئىشلارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلماسلىقى لازىم.

4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۈننىتىگە ئەگىشىش ئارقىلىق، قۇرئان كەرىمئەخلاقىنى ئۆزىدەمۇجەسسەملەشتۈرۈشكەھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

5-كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمئۆگىتىش، ئوقۇش ۋە ياد قىلىشقا دەۋەتقىلىش، قۇرئانى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەنئەخلاقلىنىشقا يېتەكلەش لازىم.

6-ئۆزىگە قۇرئانتىڭشىتىۋاتقان كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇش،ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنىتەبرىكلەش لازىم.

7-قۇرئان كەرىمكۆرسەتمىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىش،بەلگىلىمە-پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك.قۇرئان كەرىم ھەرىپلىرىنى ياد قىلىپ، بەلگىلىمىلىرىنىزايە قىلىۋېتىدىغان كىشىلەردىن بولماسلىق لازىم. بۇھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: قۇرئانكەرىم سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ياكىزىيىنىڭىزغا ھۆججەت بولىدۇ. [مۇسلىمرىۋايىتى223-ھەدىس].

ئىبنى مەسئۇدرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانسەھىھ ھەدىستە: «بىزلەرنىڭبىرىمىز قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۆگەنسە،ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىچۈشۈنۈپ، ھۆكۈملىرىگە تولۇقئەمەل قىلمىغۇچە باشقا ئايەتكەئۆتمەيتتى.» [“تەپسىرئەتتەبەرىي” 1-توم 80-بەت].

ئەبۇ ئابدۇرەھمانئەسسۈلەمىي رەھىمەھۇللاھ، قۇرئانكەرىم ئۆگەتكەن ئۇستازلىرىمىز بىزگەمۇنداق نەسىھەت قىلاتتى دەيدۇ: “ئۇلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەتنىئۆگەنسە، شۇ ئون ئايەتنى تولۇق ياد قىلىپ،ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنىئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىمىغۇچە باشقائايەتكە ئۆتمەيتتى، بىز قۇرئان كەرىمنىئۆگەندۇق، ھەممىسىگە ئەمەل قىلىشىمىزكېرەك.” [“تەپسىر ئەتتەبەرىي”1-توم 80-بەت].

8-قارىيلارنىڭ كېچىسى باشقائادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كېچىسىدىن پەرقلىق بولىشىكېرەك. ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئاسانلىق بەرگەنمىقداردا كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى لازىم.ئىلگىرىكى سەلەپلەردىن بولغان قارىيلاركېچىنى قۇرئان تىلاۋىتىۋە تەھەججۇت نامىزى ۋە سۈبھىۋاقىتلىرىنى ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بىلەنئۆتكۈزەتتى.

بىز سىزگە مۇشۇتوغرىداقانائەت ھاسىلبولغىدەك كاتتا ئىككى كىتابنى كۆرۈشكەتەۋسىيە قىلىمىز، بىرى ئىمام ئاجۇرىيرەھىمەھۇللاھنىڭ: “قۇرئان كەرىم يادقىلغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى” ناملىق ئەسىرى.يەنە بىرى، ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھنىڭ: “ئەتتىبيان فى ئادابھەملەتۇل قۇرئان” ناملىق ئەسىرىدىنئىبارەت. بۇ ئىككى كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇنىڭدۇردانىلىرىدىن بەھرى ئىلىشقا ھېرىسمەنبولۇڭ.

يەنە باشقاتەرەپلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن127146-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android