ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىنىنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ ياكى ئىككىسى بىر نەرسىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار
سوئال: 20756
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقاخاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.
ئىسلام دېگەن: ئاللاھغابويسۇنۇش، ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش،تائەت-ئىبادەت بىلەن بارلىق بۇيرۇقلىرىغابويسۇنۇش، شېرىك ۋە شېرىك ئەھلىدىنئادا-جۇدا بولۇش بولۇپ، مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئۆزىرازى بولۇپ بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان دىندۇر.بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِالإِسْلامُتەرجىمىسى: ھەقىقەتەنئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىسلامدىنىدۇر. [سۈرە ئال ئىمران 19-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: وَمَنْيَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِمِنَ الْخَاسِرِين تەرجىمىسى: كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننىتىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭدىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيانتارتقۇچىدۇر. [سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىمۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن كەلگەنھەرقانداق بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگەبويسۇنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: وَمَنْيَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ وَلَقَدِاصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا وَإِنَّهُ فِي الآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِين إِذْقَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينتەرجىمىسى: «ئۆزىنىئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈزئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇدۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق.شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدابولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا:(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە)ئىتائەت قىلغىندېدى. ئۇ: ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم دېدى.»[سۈرە بەقەرە 130-131-ئايەت].
ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَمُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْيَحْزَنُونَتەرجىمىسى: ئۇنداق ئەمەس،كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقاتاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگەبويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈنقىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭدەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا(ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلارغەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە112-ئايەت].
ئاللاھ تائالاھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد