كۆپ ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئالاقىسى قانداق بولىدۇ؟، زىنا ھېسابلىنامدۇ؟ مۇشۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇلاردىن دۇنياغا كەلگەن پەرزەنتلەرگە شەرىئەت قانداق قارايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش زىنا ھېسابلىنامدۇ؟ شەرىئەت پىرىنسىپى بويىچە بۇلاردىن دۇنياغا كەلگەن پەرزەنتلەر قانداق بولىدۇ؟
سوئال: 213402
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى:ئايال كىشى ياتلىق بولىدىغان ۋاقىتتا دىنى ۋە ئەخلاقىتەرەپتىن رازى بولىدىغان تەقۋادار، ياخشى ئەرنىتاللىشى كېرەك. ناماز بولسا دىننىڭ مۇھىمئاساسلىرىنىڭ بىرى، بەلكى ئۇ ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ دىننىڭ ئاساسىبولغان نامازغا سەل قارايدىغان ئەر بىلەن توي قىلىشى توغرابولمايدۇ.
ئىككىنچى:ئايال كىشى پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرگە ياتلىقبولغان بولسا، بۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ توغرا بولىشىدائالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭقارىشىدا: نىكاھى توغرا بولىدۇ، چۈنكى نامازنى تەركقىلغۇچى نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرزقىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماي ناماز ئوقۇشقا سەل قارىسا كاپىرھېسابلانمايدۇ بەلكى پاسىق مۇسۇلمانھېسابلىنىدۇ.
بەزىئالىملار ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بىلەن بولغان نىكاھ باتىليەنى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى نامازنى پۈتۈنتەرك قىلغۇچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى 194309-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋىلىڭ. لېكىنھەر قانداق ئەھۋالدا، بىر ئايال ئۆز ئېتىقادىدانامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دەپ قارىمايدىكەن ياكىنامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكىھۆكۈمنى بىلمەيدىكەن ياكى ئۇ ئايالياشاۋاتقان يۇرتتا ئالىملار نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىردېمەستىن ئاسى-پاسىق مۇسۇلمان دەپپەتىۋا بەرگەن بولسا، ئايال مۇشۇنداق بىرئەر بىلەن توي قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ نىكاھى باتىلدېيىلمەيدۇ، ھەتتا نامازنى تەرك قىلغۇچىنىكاپىر دېگەنلەرمۇ بۇ نىكاھنى باتىلدېمەيدۇ، يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغان نىكاھ “زىنا”دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ،چۈنكى بۇ ئىسلام ئالىملىرىئارىسىدا ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىختىلاپى مەسىلەھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى:ئەمما ئەر كىشى بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ،بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمىسا، كۈچلۈك قاراشتابۇنىڭغا كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ،بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى 109220-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تولۇق بايان قىلىنغان.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “نۇرغۇن دۆلەت-رايۇنلارداكۆپچىلىك كىشىلەر بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئاداقىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇلار نامازنىپۈتۈنلەي تەرك قىلمايدۇ، بەزى ۋاقىتتائوقۇيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمايدۇ،ئۇلاردا ئىمان ۋە نىپاق بار، ئۇلارنىڭ سىرىتقىكۆرۈنىشىگە ئاساسەن مىراس قاتارلىقمەسىلىلەردە ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ھۆكمى ئىجراقېلىنىدۇ”. [“پەتىۋالار توپلىمى”7-توم617-بەت].
تۆتىنچى:ھەر قانداق نىكاھ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ توغرادەپ ئېتىقاد قىلىشى بىلەن تاماملانغان بولسا،ئۇلارنىڭ ھۆكۈمنى بىلمەسلىكى ياكىئالىملارنىڭ توغرا قاراشلىرىغا ئاساسەن بولغان بولسا، بۇ نىكاھشەرئى نىكاھ دەپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ،شۇنداقلا تۇغۇلغان بالىلار ئۇلارغا نىسبەتبېرىلىدۇ.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىبىلەن، ئەر-ئاياللار توغرا دەپ ئىتىقاد قىلغان ھەرقانداقنىكاھ بىلەن ئەر-ئايال بىرگە بولسا، تۇغۇلغان بالاشۇ ئەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ، بىر-بىرىدىنمىراسخۇر بولالايدۇ. نەسەبنىڭ ئىسپاتلىنىشىنىكاھنىڭ سەھىھ بولىشىغا قاراشلىق ئەمەس”.
يەنەمۇنداق دەيدۇ: “كىمكى توغرا بولمىغان نىكاھ ئارقىلىقئۆيلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ياكىنىكاھنىڭ پاسىدلىقىدا ئىختىلاپلاشقان بولسا، شۇنداقلا ئۇنىئايالىم دەپ ئېتىقاد قىلىپ بىر يەردە بولغان بولسا،تۇغۇلغان بالا مەزكۇر ئەرگە نىسبەتبېرىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭبىرلىككە كىلىشى بىلەن بىر بىرىگە مىراسخۇربولالايدۇ”. [پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 34-بەت].
يەنەمۇنداق دەيدۇ: “توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغانبۇ شەكىلدىكى نىكاھ بىلەن ئەر-ئايال بولغانلارغاشەرىئەتتە جازا بىكىتىلمەيدۇ، تۇغۇلغانبالا شۇ ئەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ، بۇنىكاھتا تويلۇق مېھرى بىكىتىلىنىدۇ.”[“پەتىۋا كۇبرا” ناملىق ئەسەر 3-توم132-بەت].
بەشىنچى:ئەر كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا نامازنى تەرك قىلىدىكەن،ئەيال كىشى ئەرگە نەسىھەت قىلىشى، توغرا يولغاباشلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇتىشى، نامازنى تەركقىلىشنى داۋاملاشتۇرسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كاپىردەپ قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ،ئەرنىڭ بۇ چوڭ گۇناھتىن قولئۈزگۈچە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىنئۈمىتسىزلەنمەي ۋەز-نەسىھەتنىداۋاملاشتۇرىشى زۆرۈر بولىدۇ.شۇنىڭدەك يولدىشى ناماز ئوقۇمايدىغان بارلىق ئاياللارئەرلىرىنى نامازغا كۆندۈرىشى كېرەك، بولمىغاندابۇنداق ئەردىن ئايرىلىپ ئاللاھدىن قورقىدىغان ناماز ئوقۇيدىغانياخشى مۇسۇلمان بىلەن توي قىلىشى كېرەك.
ئاللاھتائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى