نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى
سۇئال: 2183
بىزدە ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن فاكۇلتىتتىكى لىكسىيە بىر ۋاقىتتا كىلىپ قالىدۇ . خرىستىئان دوكتۇر بىزگە ناماز ئوقۇشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ . ھەمدە بىز ئۇنى چىققىنىمىزدا يەنى شام نامىزىغا بىر سائەت قالغاندا ئوقۇيمىز ؟
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئۇنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇغىنىڭلار ئەۋزەل ، ھەمدە سىلەر تىلغا ئالغان ۋاقىتتا
ئوقۇش بولىدۇ . ھەمدە ئۇ يەنىلا ئۆز ۋاقتىدا بولغان بولىدۇ . ئۇنى كۈن سارغايغۇچە
كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئەنەستىن نەقىل قىلىنغان
سەھىيھ ھەدىيستە پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )
مۇنداق دىگەن : سىلەر بامداتنى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈننىڭ بىرىنچى مۆڭگۈزى
كۆرۈنگىچە بولىدۇ . پېشىننى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە
بولىدۇ . ئەسىرنى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە بولىدۇ . شامنى
ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى شەپەق غايىپ بولغۇچە بولىدۇ . خۇپتەننى ئوقۇساڭلار ،
ئۇنىڭ ۋاقتى تەڭ كېچىگىچە بولىدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 5109 ]
فتاوى اللجنة الدائمة 6/121
ھەمدە ئەلا بىن ئابدۇررەھماندىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : ” پېشىندىن
كىيىن ئەنەس بىن مالىكنىڭ قېشىغا كىردۇق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەسىرنى
ئوقۇدى . ئۇ نامىزىدىن بىكار بولغاندا ، بىز نامازنى ئالدىراپ ئوقۇشنى تىلغا ئالدۇق
ياكى ئۇ تىلغا ئالدى . ئۇ مۇنداق دىدى : ” مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : ئۇ بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى ، ئۇ
بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى ، ئۇ بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى . ئۇلارنىڭ بىرى كۈن
سارغايغۇچە ئولتۇرىدۇ ، ھەمدە شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئارىسىدا ، ياكى
شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ ، ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ ھەمدە
تۆتنى( رەكەتنى) چوقۇلايدۇ ، ئۇنىڭدا ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ئەسلەيدۇ . دىگىنىنى
ئاڭلىدىم .”
[ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 350 . ] ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد