ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ئەجرى

سۇئال: 2589

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ ،جۈمە كېچىلىرى ياسىين سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى 2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىيسنى ، يەنى ، پەيغەمبەر (ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇسا ، بىر ياخشىلىققا(مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق 10 ھەسسىلىنىدۇ . مەن ، [ئەلىيف لام مىيم] نى بىر ھەرىپ دىمەيمەن ، بەلكى ئەلىيف بىر ھەرىپ ، لام بىر ھەرىپ ، مىيم بىر ھەرىپ . نى دىمەكچىمەن . مەن بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىيس ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ راستمۇ ؟ رەھمەت !

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھتىن قېزىقىشىڭىزغا سىزنى مۇكاپاتلىشىنى سورايمىز . سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك ، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس ، پەقەت قۇرئاننى ئەرەپ تىلى ھالىتىدە ئوقۇغۇچىغىلا ئېيتىلغان . شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەمدە ئايەت دەۋاتقان نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا ، ئۇنداقتا ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ . چۈنكى مۇسۇلمان يەشمىنى(تەفسىر)نى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمە – تەفسىردۇر . لىكىن تەرجىمىنى ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق . ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى( پەزلى) كاتتىدۇر . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android