ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شۇنى بىلىڭكى(ئاللاھ سىزنى مەغپىرەت قىلسۇن) سىز چوڭ خاتالىق سادىر قىپسىز، ئۇ بولسىمۇ ئىلىمسىز ئاللا نىڭ شەرىيئىتى توغرىسىدا سۆز قىلىشتۇر،.ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى خاتالىقنى شېرىك بىلەن بىر يەردە زىكىر قىلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَاناً وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، كىشىلەرگە ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى» [سۈرە ئەراپ 33 -ئايەت].
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا، ئۇ كىشىدىن كېيىنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، ئۇ كىشىگە كېيىن ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ، كىمكى ئىسلامدا بىر يامان ئىشنى يولغا قويسا، ئۇ كىشىدىن كېيىنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، ئۇ كىشىگە كېيىن ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھىدىن بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1017-ھەدىس].
سىزنىڭ ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلىپ، بۇ گۇناھىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە سەمىمى تەۋبە ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز زېممىڭىزنى مەسئۇلىيەتتىن پاكلاش ئۈچۈن، دەسلەپتە قىلغان سۆزىڭىزنى ئاڭلىغان كىشىلەرگە بۇ سۆزنى خاتا قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك.
سىزنىڭ سوئالدا بايان قىلغان مەسىلىگە كەلسەك، ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشى تۆۋەندىكى ھالەتلەرنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:
1-ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ تۇرغان ئورنى بىلەن سەجدە قىلىدىغان ئورنىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتىدۇ، بۇنداق قىلىش ھارام بەلكى ئۇ چوڭ گۇناھدۇر. بۇ توغرىدا ئەبۇ جۇھەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىگە كېلىدىغان گۇناھنىڭ كاتتىلىقىنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۇ كىشى ئۈچۈن ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدىن قىرىققىچە تۇرغىنى ياخشى ئېدى.» راۋىيلارنىڭ بىرى بولغان ئەبۇ نەزىر دېگەن كىشى مۇنداق دەيدۇ: قىرىققىچە دېگەن سۆزدىن قىرىق كۈنمۇ ياكى قىرىق ئايمۇ ياكى قىرىق يىلمۇ بۇنى بىلمەيمەن. [بۇخارى رىۋايىتى 510 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 507-ھەدىس].
بۇ يەردە ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا سىترە بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق.
2-ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ سەجدە قىلىدىغان ئورنىنىڭ كەينىدىن ئۆتۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى خىل ھالەت بولىدۇ:
بىرىنچى: ناماز ئادا قىلىۋاتقان سۈترە قويۇپ ناماز ئادا قىلغان بولسا، سۈترەنىڭ كەينىدىن ئۆتسە توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئادا قىلغاندا ئالدى تەرىپىگە بىر نەرسە قويسۇن، باشقا نەرسە تاپالمىسا ھاسىسىنى تىكلەپ قويسۇن، ئۇمۇ بولمىسا بىر سىزىق سېزىپ قويسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇ سىزىقنىڭ كەينىدىن ئۆتسە ھېچ ئىش بولمايدۇ. «ئىمام ئەھمەد “ئەلمۇسنەد” 3 -توم 15 -بەت. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3063-ھەدىس. ئىبنى ھىببان2361 -ھەدىس. ئىبنى ھەجەر “بۇلۇغۇل مارام” ئەسەردە 249-ھەدىستە كەلتۈرۈپ، بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].
تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئالدىغا ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئوخشاش بىر نەرسىنى قويۇپ ناماز ئادا قىلغان بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتسە ھېچ ئىش بولمايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 499-ھەدىس].
ئىككىنچى: ئالدىغا سۈترە قويماي ناماز ئادا قىلغان بولسا، ئالدىدا پەقەت سەجدە قىلغۇدەك ئورۇن بولغان بولسا، ئۆتىدىغان كىشى سەجدە قىلىدىغان ئورۇننىڭ يېنىدىن ئۆتسە بولىدۇ، چۈنكى ھەدىستىكى چەكلىمە بولسا سەجدە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش بولۇپ، سەجدە قىلىدىغان ئورۇننىڭ يېنىدىن ئۆتۈش چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا دېگەن ئەڭ توغرا سۆزىدۇر.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: ” ناماز ئادا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغان كىشىنى قانچىلىق ئارىلىقتىن ئۆتۈشتىن چەكلەيدۇ دېگەن مەسىلىدىكى ئالىملارنىڭ پەرقلىق قارىشىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ توغرا قاراش: ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئىككى پۇتى بىلەن سەجدە قىلىدىغان ئورنىنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە بولۇپ، نامازدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يىراق ئورۇندىن ئۆتكەن كىشىنى چەكلەشكە ھەققى بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان جايدىن كىشىلەرنىڭ ئۆتىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ”. [“شەرھىل مۇمتى” 3 -توم 340 -بەت. ]
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ناماز ئادا قىلغۇچى يالغۇز بولسا ياكى جامائەتكە ئىمام بولغان ۋاقىتتىكى مەسىلىدۇر، ئەمما ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئادا قىلغان بولسا، ئىمامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان سۇترە ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىگىمۇ سۇترە بولىدۇ.
ئىمام بۇخارى ھەزرەتلىرى بۇ توغرىدا ئايرىم بىر باپ كەلتۈرۈپ: ئىمامنىڭ سۈترىسى ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭمۇ سۈترىسىدۇر دېگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر تەخەيگە مېنىپ كەلدىم، ئۇ كۈنلەردە مەن بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا ئېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنادا تۈزلەڭلىكتە كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن، مەن سەپلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ تەخىيىمنى ئوتلاشقا قويۇۋەتتىم، ئۆزۈم سەپكە كېرىپ نامازغا ئىقتىدا قىلدىم، مېنىڭ بۇ ئىشىمنى ھېچ كىشى ئىنكار قىلمىدى» . [بۇخارى رىۋايىتى 76-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 504-ھەدىس. “ئەلمۇغنى” 2 -توم 42- 46 -بەتكە قارالسۇن.]
ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر ئومۇمى بولغانلىقى ئۈچۈن مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق ھەممە ئورۇنلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. مەككە-مەدىنە قاتارلىق ئورۇنلارنى بۇ ئومۇمىي ھۆكۈمنىڭ دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدىغان بىر دەلىل يوق. ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. [“شەرھىل مۇمتى” 3 -توم 342 -بەت.]
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.