تىجارەتتىكى ئاساسى قائىدە پرىنسىپلار قايسى؟. بۇنىڭ مەنىسى: ھازىر مەن بىلەن بەسلىشىدىغانلار بار، ئۇلاردىن بەزىسى مېنى كۈزىتىدۇ، دائىم بەسلىشىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئىگەللەيدۇ، بەزىلەر پىرىنسىپال تەرەپتىن بەسلىشىشكە ھەقلىق، چۈنكى تىجارەتتە رەھىم-شەپقەت يوق، ياكى بىر ئىشنى مەن قىلمىسام، ئۇ قىلىدۇ، بەسلەشكەنلەر بىلەن مېنىڭ قىلىشىم دۇرۇس بولغان ئىشلار قايسى؟. ئەمما خىرىدارلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا، مەسىلەن: ئۇلارنى مەندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن، كىشىلەرنى مەندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا رىغبەتلىنىشى ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرگە بىر نەرسىلەرنى بېرىشىم توغرىمۇ؟. مەن بىر نەرسە بەرگەن كىشىلەرنى باشقىلار مال سېتىۋالىدىغان خىرىدار دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خىرىدار ئەمەس، ئالدامچىلىقمۇ يوق، پەقەت كىشىلەرنى مەندىن بىر نەرسە سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. خىرىدارلارغا ئامانەت يۈزىسىدىن ماللىرىمنىڭ ئىشلەپ چېقىرىلغان ئەسلى ماددىسىدىن خەۋەر بېرىشىم زۆرۈرمۇ؟، بۇ شېركەتنىڭ ۋە تىجارەتنىڭ سىرلىرىدىن بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، تىجارەتتە كىشىلەر بىلەن، خىرىدارلار بىلەن ۋە بەسلەشكۈچىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا نۇرغۇن شەكلىك ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا مەن قانداق قىلىپ ئىشەنچىلىك تىجارەتچى بولالايمەن؟، بۇ يەردە تىجارەتچىنىڭ كۈندىلىك مەنبىيى بولىدىغان، ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىلمى نەسىھەت مەنبىيى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: تىجارەتچى دېگەن؛ ئەڭ گۆزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ جۇغلانمىسى بىلەن زىننەتلىنىشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تىجارىتى ۋە رىزقىغا بەرىكەت بېرىدۇ.
ئۇ گۈزەل سۈپەتلەردىن:
-ئۇ كىشىنىڭ قىلىۋاتقان تىجارىتى ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالانى ياد قىلىشتىن (يەنى زىكىر قىلىشتىن)، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشتىن، مالدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمىسۇن، ئاللاھ تائالا تىجارىتى ئۆزىنىڭ ئىبادىتىدىن مەشغۇل قىلىپ قويمىغان مۆمىن بەندىلىرىنى مەدھىيلەپ مۇنداق دەيدۇ: رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ * لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ، ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.» [سۈرە نۇر 37-38-ئايەتلەر].
-ھالالنى تاللىشى كېرەك، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە ھارامنى كىرگۈزمەسلىك كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].
-شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارغا كېرىپ قالغان كىشى ھارام ئىشلارغىمۇ كېرىپ قالىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى52-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1599-ھەدىس].
-ياخشىلىق، سەمىيمىلىك-راستچىللىق ۋە ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سودا-سېتىق قىلغۇچى يەنى ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئايرىلىپ كەتمىگەن مۇددەتتە سودىدا ئىختىيارلىقتا بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار راست سۆز قىلسا، مالنىڭ ۋە پۇلنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېنىق بايان قىلسا، ئۇلارنىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئەگەر ئەيىپىنى يوشۇرسا، يالغان سۆز قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ سودىسىنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1973-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1532-ھەدىس].
ئىسمائىل ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى رىپائە ئاتىسىدىن ئۇ چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھېيت نامىزى، يامغۇر تەلەپ قىلىدىغان ناماز ئادا قىلىدىغان جايغا بىرگە چىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ سودا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ئى تىجارەتچىلەر!» دەپ چاقىردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرقىغا جاۋابەن باشلىرىنى كۆتۈرۈپ بويۇنلىرىنى سۆزۈپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆز تىكتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «تىجارەتچىلەر قىيامەت كۈنىدە پاجىرلار بىلەن بىرگە جۇغلىنىدۇ، پەقەت ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلغان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان ۋە سەمىيمى-راستچىل بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا». [تىرمىزى رىۋايىتى1210-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 21246-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەرغىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى"توپلىمىدا 1785-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
تىجارەتچى سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقتىن غاپىل قالماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: قەيس ئىبنى ئەبۇ غەرەزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى تىجارەتچىلەر! سودىغا قۇرۇق گەپ ۋە يالغان قەسەملەر ئارىلىشىپ قالىدۇ، بۇنى سەدىقە بىلەن پاكىزلاڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 1208-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3326-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى3797-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2145 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].
-كەڭ قورساق ۋە كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان بولۇش كېرەك، بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر نەرسە ساتقاندا، سېتىۋالغاندا ۋە قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان كىشىگە رەھمەت قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1970-ھەدىس].
-قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە مۆھلەت بېرىش ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىش. بۇ توغرىدا ئەبۇ تۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە مۆھلەت بەرگەن ياكى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۋەتكەن كىشىنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدا سايىدىتىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 3006-ھەدىس].
-تىجارەتچى بولسۇن ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشى بولسۇن، جازانە مۇئامىلىسى، ئالدامچىلىق، ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ-سېتىش، ھىلە قىلىش، يالغانچىلىق قىلىش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ھارام مۇئامىلىلەردىن ۋە مۇسۇلمانغا لايىق بولمايدىغان ناچار سۈپەتلەردىن يىراق بولىشى كېرەك.
-مۇسۇلمان تىجارەتچى دېگەن ئېسىل ئەخلاققا ھېرىس بولۇشى كېرەك، پۇشايمان قىلغۇچىنىڭ سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بېرىشى، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ تىجارەتچى قېرىنداشلىرىغا ياخشى كۆرىشى، ئۆزى ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىپ، ھەممەيلەننى ھالال بىلەن كۇپايىلەندۇرۇپ ھارامدىن ساقلىشىنى، ئۆز پەزلى بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىشىنى تىلىشى كېرەك.
-ئاللاھ تائالاغا گۈزەل شەكىلدە تەۋەككۇل قىلىشى، سەۋەپلەرنىڭ سەۋەپچىسى، بارلىق جانلىقلارغا رىزىق بەرگۈچى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان رەببىگە چىن قەلبىدىن باغلىنىشى كېرەك.
-تاماخورلۇق، ئاچ كۆزلۈك، بېخىللىق، پىخسىقلىق، جىڭ-تارازىدا كەم بېرىدىغان ۋە مۇسۇلمانلار جىددى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بېسىۋىلىپ باھاسىنى ئۆرلىتىدىغان ناچار-پەسكەشلىكلەردىن يىراق بولىشى كېرەك.
تىجارەتچى ئېسىل-گۈزەل ئەخلاق، راستچىللىق، سەمىيمىلىك، ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان،، ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ياقتۇرىدىغان، ئېسىللىك ۋە سېخىلىق قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە 134621-،128891-ۋە 131590- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: تىجارەتچىلەرنىڭ بىر-بىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشى، بەسلىشىۋاتقانلارغا زەرەر يەتكۈزىشى، شۇنىڭدەك تىجارەتتە رەھىم-شەپقەت يوق دەپ خالىغاننى قىلىشى مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرگە لايىق بولمايدىغان ھارام ئىشلاردىندۇر. جاسۇسلۇق قىلىش ھارام، باشقىلارغا بولۇپمۇ مۇسۇلمانغا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىش ھارام، مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈشى، ئۆزى ياقتۇرمىغاننى قېرىندىشىغىمۇ ياقتۇرماسلىقى ۋاجىپ بولىدۇ.
بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2340 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ھەرقانداق سۈپەتتە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ، مۇشۇ ئومۇمى ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرىدىغان دەلىل بولمىغاندا، ھەر قانداق شەكىلدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ. ["نىيلىل ئەۋتار" 5-توم 311-بەت].
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياخشىلىقتىن ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقى مۇسۇلمان بولالمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 13-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 45-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى5017-ھەدىس].
ھەدىسنىڭ لەۋزى نىسائىغا ئائىتتۇر. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەرمانى مۇنداق دېگەن: يامانلىقتىن ئۆزى ئۈچۈن ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرماسلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر".
شۇنىڭدەك، مۇسۇلماندىن يامان گۇمان قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. تىجارەتچى ئۆزىنىڭ تىجارەتچى قېرىندىشى توغرىسىدا: ماڭا ئۇنداق قىلغاندىكىن مەنمۇ مۇنداق قىلىمەن دېيىشى توغرا بولمايدۇ، لېكىن ياخشى گۇمان قىلىشى كېرەك. يامانلىقنىڭ بارابىرىدە يامانلىق قىلماستىن، بەلكى ئەپۇ قىلىش، كەچۈرۈش كېرەك، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدۇر.
ھەقىقەتەن ئېسىللىك بىلەن بەسلىشىش دېگەن: راستچىللىق-سەمىيمىلىك، دىنى قېرىنداشلىق، مېھرى-مۇھەببەت، كۆڭلىدە ھېچ قانداق غۇم بولماسلىق، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلماسلىق، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋالماسلىق، پىخسىقلىق ۋە بېخىللىقتىن ساقلىنىش، يامانلىق، تاماخورلۇق ۋە ئاچ كۆزلۈككە ھېرىس بولماسلىق، بازار بىلەن مالنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ۋە تەلەپ قىلىش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرگە بېسىمدارلىق قىلماسلىق ۋە ھېچ بىر كىشىگە زۇلۇم قىلماسلىق ئاساسىدا بولىدۇ.
ئۈچىنچى: خىرىدارلار بىلەن سەمىمىلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، زۇلۇم قىلماسلىق، مەلۇم كىشىلەرنى ياللىۋېلىپ ئۇلارنى خىرىدارلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىڭىزدىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرمەسلىك كېرەك.
چۈنكى خىرىدارلار ئۇلارنى ئۆزىگە ئوخشاش خىرىدار دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋە ھىلىگەرلىكتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىدا ھارام قىلىنغان، بۇ مۇسۇلمان تىجارەتچى سۈپەتلىنىشكە تېگىشلىك بولغان راستچىللىق ۋە ياخشىلىقنىڭ قارشىسىدىكى ئىشتۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇ "شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان نەجەش يەنى ئالداش سودىسىنىڭ كۆرۈنىشىدۇر.
نەجەش دېگەن سۆزنى ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: بازاردا ئۆزى سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان بىر نەرسىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇپ بۇ ئارقىلىق ساتقۇچىنى ياكى باشقا سېتىۋالغۇچىنى ئالداشنى مەقسەت قېلىدۇ، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ". [سالىھلار گۈلۈستانى 174-بەت].
ساتقۇچىنىڭ بۇ ئىشى "شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان نەجەش يەنى ئالداش ۋە خىرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياش دائىرىسى ئىچىدىدۇر.
مۇسۇلمان تىجارەتچى دېگەن ئاللاھدىن قورقىدۇ، كىشىلەر بىلەن سەمىيمى-راستچىل بولىدۇ، ئامانەتدار بولىدۇ، ياراملىق ۋە كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ماللارنى كەلتۈرىدۇ، ئېسىل ئەخلاقلىق بولىدۇ، بۇ گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن خىرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تىجارەتتە پايدا ئالىدۇ، بازاردا ئىشەنچىلىك، راستچىل تىجارەتچى دەپ تونىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر ھەر تەرەپتىن كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كىشىلەرگە ياخشى كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بازاردا: راستچىل، ئىشەنچىلىك، ئېسىل، گۈزەل ئەخلاقلىق، كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان، رەھىملىك مۇسۇلمان تىجارەتچى دەپ قوبۇل قېلىنىدۇ.
تۆتىنچى: سىزنىڭ خىرىدارلارغا دۇكاندىكى مالنىڭ خام ماتىرياللىرىدىن خەۋەر بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولمايدۇ، بىرەرسى سوراپ قالسا ياكى راستچىللىق بىلەن ئۇنى دەپ بېرىسىز ياكى ئۈزۈر ئېيتىپ جاۋاپ بەرمەيسىز، بۇ ئىختىيارلىق سىزدە بولىدۇ. لېكىن سىزنىڭ خىرىدارلارغا ھەقىقەتنىڭ غەيرىنى خەۋەر بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.
سىزگە شەيخ ھىسامىددىن ئەپانەنىڭ" مۇسۇلمان تىجارەتچىگە كېرەكلىك پىقھى بىلىملەر" ناملىق كىتابىنى، دوكتۇر سىلاھ ساۋىينىڭ" تىجارەتچىنىڭ بىلمەسلىكى توغرا بولمايدىغان ئىشلار' ناملىق كىتابىنى، شۇنىڭدەك، دوكتۇر نىزار مەھمۇد قاسىم شەيخنىڭ"مۇسۇلماننىڭ تىجارەتتىكى ئەخلاقى" دېگەن كىتابىنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.