«ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دىن ئىسلامدۇر» دېگەن ئايەتنىڭ ئىزاھاتى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى دۇر» [سۈرە ئال ئىمران 19 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدا ئىسلامدىن باشقا دىننىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئۇ بولسىمۇ يالغۇز بىر ئاللاھقا بويسۇنۇش، باش ئېگىش ۋە تەسلىم بولۇش، ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلىپ كەلگەن دىنىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئايرىم پرىنسىپ، كۆرسەتمىسى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تاماملىدى، ئۇنى ئومۇمى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمى جەھەتتىن مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلاردىن بىرەرسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندە ياشىغان بولسا ئۇنىڭدىن پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشلا قوبۇل قىلىنىدۇ.
قەتادە بۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلام دېگەن: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلگەن نەرسىلەرنى ئىقرار قىلىش، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن يولغا قويغان، ئۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە بۇنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ غەيرىنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە ئۇنىڭ غەيرى كۇپايە قىلمايدىغان ئىسلام دىنىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەبۇ ئالىيە مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلام دېگەن: يالغۇز بىر ئاللاھقا سەمىمى بولۇش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشتۇر”. [تەپسىر تەبەرى 6 -توم 275 -بەت.]
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: : إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى دۇر». بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئاللاھ تائالا بارچە پەيغەمبەرلەرنى ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتتى، زامانىدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ئىسلام ئەھلىدۇر. پەيغەمبەرلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش بىلەن تامام بولدى، بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىق يوللىرى توسالدى، كىمكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ئاللاھ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الإسْلامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 85 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە قوبۇل بولىدىغان دىننىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى دۇر» دېدى. [ “تەپسىر ئىبنى كەسىر” 2 -توم 25 -بەت].
ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: زۇجاج مۇنداق دېگەن: “ئىسلام دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالا تۇرغۇزۇشنى بۇيرىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەندىلەرنى جازا-مۇكاپاتلايدىغان نەرسىدۇر”.
ئۇستازىمىز ئەلى ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: دىن دېگەن بەندە ئاللاھ ئۈچۈن لازىم تۇتقان نەرسىدىن ئىبارەتتۇر”.
ئىبنى قۇتەيبە مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام دېگەن تىنچلىققا كىرىشتۈر، يەنى ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىشتۇر، بويسۇنۇش ۋە ئىشلىرىنى ياراتقۇچىغا تاپشۇرۇشمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. [“زادىل مەسىر” 1 -توم 267 -بەت].
سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : “ئاللاھ تائالا: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا دىن بولمايدىغان، ئۇنىڭ غەيرىنى قوبۇل قىلمايدىغان دىن ئىسلام دىنى دۇر. بۇ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن يالغۇز بىر ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا ئاساسەن يولغا قويۇلغان شەرىئەتكە بويسۇنۇشتۇر،. كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.
كىمكى ئىسلام دىنىنىڭ غەيرىنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغان توغرا يولدا ماڭمىدى”. [ “تەپسىر سەئدى” 964 -بەت].
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلام ئومۇمى مەنىدىن: ئاللاھ تائالا ئەلچىلەردىن ئەۋەتكەندىن باشلاپ تاكى قىيامەتكىچە ئاللاھ يولغا قويغان پرىنسىپ بويۇنچە ئىبادەت قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ئايەتلەرنى زىكىر قىلدى. بۇ ئايەتلەر ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن». [سۈرە بەقەرە 128 -ئايەت.]
ئىسلام خۇسۇسىي مەنىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن دىنغا خاس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن دىن ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر مۇسۇلمان بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلەر مۇسۇلمان بولمايدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شۇ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا مۇسۇلمان بولىدۇ، يەھۇدىلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مۇسۇلمان بولغاندەك، خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مۇسۇلمان ئېدى، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنىڭغا كاپىر بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇسۇلمان ھېسابلانمىدى.
ئىسلام دىنى بولسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە ساھىبىغا مەنپەئەت بېرىدىغان دىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى دۇر».
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الإسْلامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 85 -ئايەت.]
ئىسلام دىنى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە نېمەت قىلىنغان دىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْأِسْلامَ دِيناً تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم». ]سۈرە مائىدە 3 -ئايەت].
[ “شەرھى ئۇسۇل سەلاسە” 20 -بەت.]
شەيخ سالىھ ئەل پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى تۈرلۈك بولسىمۇ دىنى بىردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحاً وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ». [سۈرە شۇرا 13 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحاً إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ وَإِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ تەرجىمىسى: « ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن،(ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، مېنىڭ ئازابىمدىن قورقۇڭلار». [سۈرە مۆمىنۇن 51-52 -ئايەتلەر».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىمىز بىردۇر، پەيغەمبەرلەر ئاتا بىر قىرىنداشلاردۇر».
پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىسلامدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ غەيرىدىكى دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش، تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن باش ئېگىش، شېرىك ۋە شېرىك ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: «مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم». [سۈرە نەملە 91 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغىن دېدى. ئۇ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم، دېدى».[سۈرە بەقەرە 131 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وَقَالَ مُوسَى يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: «مۇسا: ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار) دېدى». [سۈرە يۇنۇس 84 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: « ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز، دېدى». [سۈرە مائىدە 111 -ئايەت. ]
ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە تەۋرات توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ». [سۈرە مائىدە 44 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا سەبە دۆلىتىنىڭ مەلىكىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَانَ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: « ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم) [سۈرە نەمل44 -ئايەت.]
ئىسلام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر، ئۇ يالغۇز بىر ئاللاھقا بويسۇنۇشتۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ غەيرىگە بويسۇنىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولدى، ئاللاھقا بويسۇنمايدىكەن تەكەببۇرلۇق قىلغان بولدى، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش دېگەن يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى، بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرىغان بولسا ئۇ ئىشنى شۇ ۋاقىتتا قىلىش بىلەن ئىتائەت قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە نامازدا بەيتىل مۇقەددەسكە يۈزلىنىشكە بۇيرىغان ئاندىن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كەبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرىغان، بۇ ئىككى ئىشىنىڭ ھەر ئىككىسىنى بۇيرۇلغان ۋاقتىدا قىلىش ئىسلامنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، دىن دېگەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، ھەر ئىككى ئىش ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەتتۇر، ھەرىكەتنىڭ سۈرەتلىرى تۈرلۈك بولسىمۇ ئۇ ناماز ئادا قىلىدىغان تەرەپكە يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنىڭدەك ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرىئەت، پرىنسىپلىرى، ئىلىپ ماڭغان يوللىرى تۈرلۈك بولسىمۇ دىنى بىردۇر، يوللىرىنىڭ تۈرلۈك بولىشى بىرەر ئەلچىنىڭ شەرىئىتىنى چەكلىمىگەندەك، دىنىنىڭ بىر بولىشىنىمۇ چەكلىمەيدۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە: دەسلەپتە بەيتىل مۇقەددەسكە يۈزلىنىشكە بۇيرۇلغان ئىككىنچى قېتىم كەبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇلغان.
پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى تۈرلۈك بولسىمۇ دىنى بىردۇر، ئاللاھ تائالا بىر ۋاقىتتا بىر ئىشنى مەلۇم بىر ھېكمەت بىلەن يولغا قويىدۇ، يەنە بىر ۋاقىتتا يەنە مەلۇم بىر ھېكمەت بىلەن يولغا قويىدۇ، بىر ئىشقا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەمەل قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىشقا(يەنى يېڭى ھۆكۈمگە) ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىشنى تەرك قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىشنى قىلىش ئىسلام دىنىدا بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ. پەيغەمبەرلەردىن بىرىگە ئەگەشكەنلىك بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدى، ناسارالار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دىنغا ئېسىلىۋېلىپ يېڭى دىنغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن كاپىر بولدى.
ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئۇممەتكە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشقا كېپىل بولىدىغان ۋە ئۇلارنى تۈزەشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا، ۋاقتىغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەرىئەتنى يولغا قويدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنگە قەدەر ئۇ شەرىئەتلەردىن زامانى ئۆتكەنلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى زېمىن يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن تاكى قىيامەتكىچە ھەر بىر زامان ۋە ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئۆزگەرتىلمەيدىغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغان، زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىگە پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باشقا ئىش مۇناسىپ بولمايدىغان شەرىئەتنى يولغا قويدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعاً تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن». [سۈرە ئەنئام 158 -ئايەت].
“توغرا ئېتىقادقا يېتەكلەش” 194 -بەتكە قارالسۇن.
تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 172775-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.