رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتالماي بەك كېچىكىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاخشام روزا تۇتۇش نىيىتىگە كەلدىم، لېكىن كېچىدە تۇرۇپ سوھۇرلۇق يېسەم رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلدىم، ئۇخلاپ ئويغانسام بامدات ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، سوھۇرلۇق يېمەپتىمەن، مېنىڭ روزا تۇتۇشۇم ۋاجىپ بولامدۇ؟ تۇتمىساممۇ توغرا بولامدۇ؟ روزا تۇتسام قازا روزام توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى مەن نىيەتنى سۇھۇرلۇق يېيىشكە شەرت قىلغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلىپ تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرغان بولسا تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟
سوئال: 309498
قىسقىچە جاۋاپ
بامداتقا ئەزان ئوقۇشتىن بۇرۇن تۇرغان بولسىڭىز، روزىنى نىيەت قىلغان بولسىڭىز تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئەزاندىن كېيىن تۇرغان بولسىڭىز، قازا دەپ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى نىيەت كەسكىنلىككە ئالاقىدار بولمىغان، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە تەپسىلى جاۋابقا قارالسۇن.
Table Of Contents
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ۋاجىپ بولغان روزىدا نىيەتنى كېچىدە قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى.
ۋاجىپ بولغان ھەرقانداق روزا ئۈچۈن نىيەتنى كېچىدە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، رامزاننىڭ قازا روزىسىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2454-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى730 -ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى2331 -ھەدىس. نەسائىينىڭ لەپزىدە: «تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].
ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: رامىزاندا ياكى رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، نەزىر روزىسىدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ، دېمەكتۇر.
ئەمما نەپلە روزا بولسا ئۇنى تاڭ يورىغاندىن كېيىن نىيەت قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ ئىمام شافىئى، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر".
ئەمما ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ: روزىنى تاڭ يورىغاندىن كېيىن نىيەت قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر روزا رامىزان روزىسى بولسۇن ياكى قازا روزا بولسۇن، نەزىر روزا ۋە كاپارەت روزىسى بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنى كېچىدە نىيەت قىلىش شەرت بولىدۇ . بۇ ئىمام شافىئى، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر".
ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ: ھەر قانداق روزىنى تاڭ يورىغاندىن كېيىن نىيەت قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ ، دېدى". [ "ئەلمۇغنى" 3 –توم 109 –بەت].
كەسكىن بولمىغان نىيەت بىلەن قازا روزا تۇتسا توغرا بولامدۇ؟.
ئەگەر سىز كېچىدە تۇرۇپ سوھۇرلۇق يېسەم روزا تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسىڭىز، سۇھۇرلۇق يىيەلمەستىن روزا تۇتسىڭىز بۇ نىيىتىڭىز كەسكىن بولمايدۇ، ئۇنداق نىيەت بىلەن تۇتقان روزا دۇرۇس بولمايدۇ.
ئىمام نەۋەىۋي رەھىمەھۇللاھ "ئەلپۇرۇ" 4 –توم459 –بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ مەزھەبكە ئاساسەن: ئىپتار قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالسا ياكى باشقا بىر ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدىغانلىقىنى نىيەت قىلسا ياكى يىمەكلىك تاپسام يەيمەن بولمىسا روزىنى تاماملايمەن دېسە، بۇ خۇددى ناماز مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپقا ئوخشايدۇ، بەزىلەر ئۇ كىشى نىيەتنى كەسكىن قىلمىغانلىقى ئۈچۈن باتىل بولىدۇ دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئېنىقسىز نىيەت بىلەن روزىنى باشلاش توغرا بولمايدۇ".
پىقھى ئالىملىرىنىڭ بەزىسى: ئەتە رامىزان بولسا مەن روزا تۇتىمەن دېگەن كىشىنىڭ روزىسىنى توغرا بولىدۇ دېدى، ئۇنداق بولىشى، ئۇ كىشى ئەتە رامىزان بولىدىغانلىقىنى بىلمىدى، ئۇ كىشى ئاينىڭ سابىت بولىشى توغرىسىدا ئىككىلەندى، روزا تۇتىمەن ياكى تۇتمايمەن دېگەن نىيەتتە ئىكىلەنمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزاندا ئىپتار قىلىشى دۇرۇس بولغان بىر كىشىنىڭ رامزاننىڭ كېچىلىرىنىڭ بىرىدە: ئەتە روزا تۇتىشىممۇ مۇمكىن ياكى تۇتماسلىقىممۇ مۇمكىن دېسە، ئاندىن تاڭ يورىغاندىن كېيىن روزا تۇتۇش ئىرادىسىگە كەلسە، ئۇ كىشى نىيەتتە ئىككىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 6 –توم 362 –بەت.]
شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز ئەزاندىن بۇرۇن تۇرۇپ روزىنى نىيەت قىلسىڭىز تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ. ئەمما ئەزاندىن كېيىن تۇرسىڭىز قازا نىيىتى بىلەن تۇتقان روزىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى نىيىتىڭىز ئېسىلىپ قالغان كەسكىن بولمىغان.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى