ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قۇرئان كەرىمگە ئالاقىدار بولغان شەرەپلەر توغرىسىدا

سۇئال: 312336

   قۇرئان كەرىم مەككىدە بولۇپ، مەككە شەھەرلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولدى، رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇپ، رامىزان ئېيى ئايلارنىڭ سۇلتانى بولدى، قەدىر كېچىسىدە نازىل بولۇپ، ئۇ كېچە مىڭ كېچىدىن ئەۋزەل بولدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى بولدى، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ چۈشۈپ بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ خوجىسى بولدى دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ بۇنى سەلەپ ئالىملىرىدىن بىرەرسى دېگەنمۇ؟، ھەقىقەتتە قۇرئان كەرىم ئاشۇلارنىڭ كاتتا بولىشىغا سەۋەپ بولغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى بىر قانچە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىدى، ئۇنىڭ بىرى: قۇرئان كىرىم غالىپ كىتاپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ‏إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالذِّكْرِ لَمَّا جَاءَهُمْ وَإِنَّهُ لَكِتَابٌ عَزِيزٌ * لَا يَأْتِيهِ الْبَاطِلُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِ تَنْزِيلٌ مِنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ ‏ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار(قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر، ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.» [سۈرە پۇسسىلەت 41-42-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ ‏ تەرجىمىسى: «قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن» [سۈرە قاپ 1-ئايەت].

   بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن سۈپەتلەر بار.

    قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغان كىشى بۇنىڭ بىلەن ئىززەت، شان-شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ، ئامىر ئىبنى ۋاسىلەدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە، ناپىئ ئىبنى ئابدۇلھارىس ئۇسپان دېگەن جايدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچراشتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىنى مەككىگە ۋالى قىلغان ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناپىئتىن: "ۋادى ئەھلىگە كىمنى باشلىق قىلدىڭ؟دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ كىشى: ئىبنى ئەبزەنى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىبنى ئەبزە دېگەن كىم؟ دەپ سورىۋىدى: بىزنىڭ ئازاد گەردىلىرىمىزدىن بىرى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلارغا ئازاد قىلىنغان قۇلنى باشلىق قىلدىڭمۇ؟ دېۋىدى، ئۇ كىشى: ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشى ئوقۇغۇچى، مىراس ئىلمىنى بەك بىلگۈچى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ كىتاب بىلەن بىر قەۋىمنىڭ مەرتىۋېسىنى يۇقىرى قىلىدۇ ۋە يەنە بىر قەۋىمنىڭ مەرتىۋېسىنى تۆۋەن قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 817-ھەدىس].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: قۇرئانغا ئالاقىدار بولۇش، يېزىش، ياد قىلىش، تىلاۋەت قىلىش، بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش قاتارلىق قايسى يول بىلەن بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئالاقىدار بولۇشتۇر. قۇرئان كەرىم بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئىككى دۇنيادا شان-شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈك بولۇپ، بۇ شۇ كىشىنىڭ قۇرئانغا ئالاقىدار بولىشى بويىچە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بېكىتتى.

   قۇرئان كەرىمنىڭ مەككىدە نازىل بولىشى، مەككىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەرىمى بىلەن شەرەپلىك شەھەر بولىشى، قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىدا نازىل بولىشى بىلەن ئۇ ئاينىڭ شەرەپلىك ئاي بولىشى، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە نازىل بولۇشى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شەرەپ بىلەن يەنىمۇ شەرەپلىك بولىشى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن، ئاسماندىن قۇرئاننى ئىلىپ چۈشكەن ئىشەنچىلىك پەرىشتە جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى ئىلىپ چۈشىشى بىلەن يەنىمۇ شەرەپلىك بولىشىدا بىزگە ھېچقانداق مۇشكۈل يوق، چۈنكى قۇرئان بولسا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كالامى بولغان ئەڭ شەرەپلىك سۆزدۇر!.

    بۇ سۆزلەرنى دېگەن كىشىلەر خاتالاشقاندۇر: پەقەت مۇشۇلا شەرەپنىڭ سەۋەپلىرى ياكى قايسى يول بىلەن بولسۇن شەرەپنى ئاشۇ ئىشلارغىلا چەكلەپ قويۇش بىلمەستىن ئاللاھغا سۆز قىلغانلىق، شۇنداقلا ئېھتىياجسىز بىر تەكەللۇپتىن ئىبارەتتۇر.

    يەنە بىر خاتالىق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر بىرلىرى ئۈچۈن شەرەپنىڭ باشلىنىشى قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولىشى بىلەن دەپ گۇمان قىلغۇچىنىڭ سۆزىدۇر. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىدىغان ئەلچىسىدۇر.

    مەككە بولسا ئاللاھنىڭ ھەرىمى بولغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغان شەھەر بولۇپ، قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ مەككىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا: ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ خوجىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسىدۇر.

    ئاخىرىدا شۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئالاقىدار بولۇش بولسا شەرەپنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر، ھەر قانداق كىشى يۇقىردا بايان قىلىنغان يوللاردىن قايسى يول بىلەن بولسۇن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئالاقىدار بولىدىكەن ئۇ كىشى شەرەپكە ئېرىشىدۇ.    

   ئاللاھ تائالا ھەمممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android