ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟

سۇئال: 4040

سوئال:
قۇرئان ئوقۇشقا داۋام قىلىۋاتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب بېرەمدۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

جاۋاب:
قۇرئان كەرىم مۇبارەك كىتابتۇر. بۇ قۇرئان شۇنداق بىر كىتابكى، بىز ئۇنى ساڭا
ئايەتلىرىنى چۈشىنىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن
بەرىكەتلىك قىلىپ چۈشۈردۇق.
ئىنسان قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇنى
ئوقۇغانغا چوقۇم ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن مۆمىن ئادەم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىشى
لازىم. مەسىلەن: بىراۋ تىبابەت ئىلمىنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ، تىبابەت كىتابلىرىنى
ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى چۈشەنمىسە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. بەلكى
مۇنداق كىشى ئۇنى تەتبىق قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە قاتتىق
تىرىشىدۇ.
ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە نېمە دەيسىز؟! دىللارغا شىپا ۋە
ئىنسانلارغا ۋەز – نەسىھەت بولغان بۇ ئۇلۇغ كىتابنى مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ئوقۇشقا
بولامدۇ؟! شۇڭا ساھابىلار 10 ئايەت ئۈگىنىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئەمەلگە
ئاتلاندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن يەنە 10 ئايەت ئۈگىنەتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن
ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن ئۇنى ئۇقۇغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ.
لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇشتىن بولغان ئاساسلىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى
بولمايدۇ. شۇڭائۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش لازىم.
قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئىشەنچىلىك، ئىلمىگە، راستچىللىقىغا ۋە تەقۋالىقىغا ئىشەنگىلى
بولىدىغان ئۆلىمالاردىن ئۈگىنىش لازىم. ئۆلىمارلار تولۇق بولمىغاندا ئىشەنچلىك
تەپسىرلەردىن ئىبنى جەرىر ۋە ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم.

مەنبە

www.islamqa.com

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android