مەن بىر كىشىدىن مىڭ دوللار(1000) قەرز ئالدىم، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇ پۇلنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش ئۈچۈن( قەرز ئالغاننىڭ بەدىلىگە ئەمەس) ئەۋەتكەننىڭ ھەققىنى بېرىش بەدىلىگە قەرز ئالغان كىشىنى ۋەكىل قىلدىم، ئالغان قەرزنى تولۇق بىر ئايدىن كېيىن ئادا قىلىمەن، مېنىڭ بىر كىشىدىن قەرز ئېلىپ قەرزنى ئادا قىلماستىن يەنە شۇ كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ھەق بېرىش بەدىلىگە مالنى يەنە بىر يۇرتقا ئەۋەتىشىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بىر كىشىدىن مال قەرز ئېلىپ، شۇ مالنى يەنە بىر يۇرتقا ئەۋەتمەكچى بولۇپ مال قەرز ئالغان كىشىگە ھەق بېرىپ بۇنىڭغا ۋەكىل قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سوئال: 408752
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەق بېرىپ ۋاكالەت قىلغانغا ئوخشاش شەرت قىلىش يولىغا ئاساسەن قەرز بىلەن توختام ئەقىدىسىنى بىرلەشتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، خۇددى بىر كىشىگە: مەن ساڭا ھەق ئېلىشى بەدىلىگە ۋەكىل بولسام ياكى ئىشلەپ بەرسەم ياكى مالنى ساڭا ھەق ئېلىپ يۆتكەپ بەرسەم قەرز بېرىمەن دېگەندەك، ياكى مالنى يۆتكەشكە مېنى ئىشلەتسەڭ قەرز بېرىمەن دېگەندەك شەرتلەر توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئۆمەر ئىبنى شۈئەيب ئاتىسىدىن ئۇ كىشى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەرز بىلەن سودا دۇرۇس بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 1234-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3504 -ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى4611 -ھەدىس. تىرمىزى ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
سودا دېگەنگە بارلىق توختام ئەقدىلىرى قېتىلىدۇ. "مۇجەممە پىقھىل ئىسلامى" قارارىدا مۇنداق كەلگەن: ۋاستىچىنىڭ خىرىدارغا تىجارەتنىڭ ئۆزى ئارقىلىق بولۇشنى شەرت قىلىشى سودا بىلەن ۋاستىچىلىقنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ، بۇ سودا بىلەن قەرزنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش دېگەننىڭ مەنىسىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «قەرز بىلەن سودا دۇرۇس بولمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد3 –توم384 –بەت. تىرمىزى 3 –توم 526 –بەت. تىرمىزى ھەسەن سەھىھ ھەدىس دېگەن].
ئۇ كىشى مۇشۇ ئارقىلىق بەرگەن قەرزدىن مەنپەئەتلەنگەن بولىدۇ، مەنپەئەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق قەرزنىڭ چەكلەنگەن جازانە بولىدىغانلىقىغا پىقھى ئالىملىرى ئىتتىپاققا كەلگەن.
ئەگەر بۇ ئىش شەرت قىلىنماستىن تامام بولغان بولسا، مالنى قەرز بېرىپتۇ، ئاندىن قەرز ئالغان كىشى ئۇنى يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بولۇپتۇ، قەرز ئالغان كىشىدىن يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ ۋە باشقىلارغا بەرگەندەك ھەق بېرىدىغان بوپتۇ، بۇنداق قىلسا بولىدۇ. ئەمما قەرز بەرگەن كىشى دەپ باشقىلارغا بەرگەن ھەقتىن ئارتۇق بەرسە بۇ جازانە بولىدۇ، چۈنكى بەرگەن قەرز مەنپەئەتنى ئېلىپ كەلدى، ئەگەر قەرز ئالغان كىشى ئۆزى يۆتكىسە، باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلسا بەك ياخشى بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى