تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇغان ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان ياخشىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغاندىن مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا
سوئال: 45781
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇغاندىن مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان ياخشىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ساھابىلارنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى مەسچىتتە ناماز ئوقۇدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ناماز ئوقۇدى، يەنە بىر كېچىسى مەسچىتتە ناماز ئوقۇغان ئىدى، ساھابىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كېچىلىرى ساھابىلار توپلىشىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا چېقىشنى كۈتۈپ ئولتۇردى، بۇ كېچىلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقماي نامازنى ئۆيدە ئوقىدى، تاڭ يورىغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: كېچىدىن سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارنى كۆردۈم، مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چېقىشتىن ئۇ نامازنىڭ سىلەرگە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش چەكلەپ قويدى، دېدى. بۇ ئىش رامىزاندا بولغان. [بۇخارى رىۋايىتى 1129 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 761-ھەدىس].
بۇ ھەدىس تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەرك قىلىشى بولسا، بۇ نامازنىڭ ئۈممەتكە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ ئەنسىرەش يوق بولدى، شەرىئەت پىرىنسىپى بېكىتلىدى.
2-ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ قايتسا ئۇ كىشىگە كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
3-ئابدۇرەھمان ئىبنى ئابدۇل قارى مۇنداق دەيدۇ: مەن رامىزاننىڭ بىر كېچىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە مەسچىتكە چىقتىم، كىشىلەر بۆلەك-بۆلەك بولۇپ ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، بەزى كىشىلەر يالغۇز ئوقۇۋىتىپتۇ، بەزى كىشىلەر جامائەت بولۇپ ئوقۇۋىتىپتىكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "مېنىڭچە بۇ كىشىلەرنى بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بىرلەشتۈرسەك ياخشى بولغىدەك"دېدى، ئاندىن ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىمام قىلىپ ئۇلارنى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى تىين ۋە باشقا ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇلارنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قانچە كۈن كىشىلەر بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىدىن ئېلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئۇلارغا پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىرگە ئوقۇشنى تەرك قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئەنسىرەش يوق بولدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىدا، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ، ئايرىم ئوقۇۋاتقانلىقىدىن ئۇلارنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇشقا بىرلەشتۈرۈشنىڭ جۇشقۇنلۇق ۋە جامائەتنىڭ كۆپ بولىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن، كېيىنكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قارىشىنى كۈچلاندۇرغان". ["پەتھۇل بارىدىن"ئېلىندى].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ"ئەلمەجمۇئ"ناملىق ئەسەر 3-توم 526-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: تەراۋىھ نامىزى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن سۈننەتتۇر، بۇ نامازنى يالغۇز ئوقۇسىمۇ ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ قايسىسى ئەۋزەل؟ دېگەن مەسىلىدە، مەشھۇر ئىككى قاراش بار، بىر قىسىم ئۆلىمالار جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ياخشى دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار يالغۇز ئوقۇشنى ياخشى دەيدۇ".
بىزنىڭ شاپىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى: قۇرئان ياد قىلغان قارى، ئەگەر يالغۇز ئوقۇسا ھۇرۇنلىشىپ قالمايدىغان، ئۇ كىشىنىڭ جامائەتكە چىقماسلىقى بىلەن جامائەت سۇسلىشىپ قالمايدىغان ھالەتتە يالغۇز ئوقۇسا ياخشى، ئەگەر يالغۇز ئوقۇسا سۇسلىشىپ، مەسچىتكە چىقمىسا جامائەت بوشاپ قالىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا مەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ئوقۇغىنى ياخشىدۇر.
ساھىب شامىل مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇلئابباس، ئەبۇ ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ بىرلىكى بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى يالغۇز ئوقۇغاندىن جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەپزەلدۇر، ھەرقايسى يۇرتلاردىكى مۇسۇلمانلارمۇ شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن.
ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق قاتارلىقلار رامىزان ئېيىدا نامازنى ئىمام بىلەن ئوقۇشنى تاللىغان.
تەھپەتىل ئەھۋەزىدە مۇنداق دەيدۇ:"كېچىلىك ناماز توغرىسىدىكى بۆلۈمدە: ئىمام ئەھمەدكە: رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمان تەراۋىھ نامىزىنى يالغۇز ئوقۇغىنى ياخشىمۇ ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇغىنى ياخشىمۇ؟دېيىلگەندە، ئىمام ئەھمەد: جامائەت بىلەن ئوقۇغىنى ياخشى، ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىمام بىلەن ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇغىنى ياخشى دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتسا، ئۇ كىشىگە كېچىنىڭ قالغان قىسمىدا قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ ۋېتىرنىمۇ بىرگە ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە قايتىش دېمەكتۇر".
ئىمام ئەبۇ داۋۇت رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن رامىزاندا ئىمام ئەھمەد بىلەن تەراۋىھ نامىزىغا چىققان ئىدىم، ئۇ ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىر نامزىنىمۇ ئوقۇپ ئاندىن قايتتى، بىر كېچىسى مەن قاتنىشالمىدىم.
ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئىمام ئەھمەدكە: رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسەن ياكى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇشنىمۇ؟دېسەم، ئىمام ئەھمەد: سۈننەتنى ئەھيا قىلىپ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن دېدى، ئىسھاقمۇ شۇنداق دېدى". ["ئەلمۇغنى" 1-توم 457-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "رامىزانلىق ئولتۇرۇش" ناملىق ئەسەرنىڭ 22-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "تۇنجى قېتىم تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈممىتىگە پەرىز بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەرك قىلغان، ئاندىن ئىلگىرىكى ئىككى ھەدىسنى بايان قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: "تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ جامائەت بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشتىن كىچىكمەسلىكى كېرەك بولىدۇ، كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئوقۇپ بىرگە قايتىشى كېرەك بولىدۇ".
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "رامىزاندا قىيامدا تۇرۇش" توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش يولغا قويۇلغان بەلكى جامائەت بىلەن ئوقۇش يالغۇز ئوقۇغاندىن ياخشىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان ۋە تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاينىڭ قالغان كۈنلىرىدە تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئۈممەتكە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن، ئۇممەتنىڭ بۇنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەرك قىلغان. بۇ بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان. شەرىئەت مۇكەممەل بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى بىلەن بۇ قورقۇنچ يوقالغان، شۇنىڭ بىلەن رامىزاندا جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى تەرك قىلىشتىن بولغان سەۋەپ يوق بولدى، جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بولغان ئىلگىرىكى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۈننەتنى ئەھيا قىلدى".
"پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 27-توم 138-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشقا بىرلەشتۈرگەن بولدى".
ئەسەد ئىبنى ئەمىر ئەبۇ يۈسۈپتىن قىلغان رىۋايىتىدە، ئەبۇ يۈسۈپ مۇنداق دەيدۇ:" مەن ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھدىن تەراۋىھ نامىزى ۋە بۇ توغرىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغان ئىشى توغرىسىدا سورىسام؟ ئۇ مۇنداق دېدى: تەراۋىھ نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر، بۇنىڭغا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزلىگىدىن رۇخسەت قىلمىدى، ياكى بۇ ئىشنى يېڭىدىن پەيدا قىلمىدى، پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ئەسلى-ئاساسى بولغان بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى توپلاپ ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىمام قىلىپ جامائەت شەكىلدە ناماز ئوقۇشنى يولغا قويدى، شۇ ۋاقىتتا مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان ساھابىلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى ھېچ بىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ئىشىنى رەت قىلمىدى بەلكى ئۇنىڭغا ياردەمدە بولدى ۋە ئۇنىڭ بۇيرىقىغا مۇۋاپىق كەلدى".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى