ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

غۇسلى قانداق ھالەتتە ۋاجىپ بولىدۇ ۋە قانداق ھالەتتە مۇستەھەپ بولىدۇ؟

سۇئال: 81949

ئېھتىلام بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ ياكى پەقەت جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن ۋاجىپ بولامدۇ؟، ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ۋە مۇستەھەپ بولغان ئورۇنلار قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   يۇيۇنۇش بەزى ۋاقىتتا ۋاجىپ بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا سۈننەت ۋە مۇستەھەپ بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئالىملار بۇ ھالەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى بايان قىلدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

   بىرىنچى: يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ۋە ئالىملار ئۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلگەن ئىشلار:

   1-جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىسىمۇ مەنىنىڭ چىقىشى. "پىقھى توپلاملىرى" 31-توم 195-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " پىقھى ئالىملىرى مەنىي چىقسا يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. بەلكى ئىمام نەۋەۋىي بۇنىڭ ئالىملارنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان. بۇ ئىشتا ئۇيقۇدا بولسۇن ياكى ئويغاق ھالەتتە بولسۇن ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق. بۇنىڭ دەلىلى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سۇ سۇدىن بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى343-ھەدىس. بۇنىڭ مەنىسى ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغاندەك: مەنىدىن ئىبارەت ئېتىلىپ چىققۇچى سۈ چىققاندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ". 

  2- ئىككى خەتنەگاھنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ بوغمىقى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا تولۇق كىرىشى بىلەن بولىدۇ گەرچە مەنىي چۈشمىسىمۇ بولىدۇ. 

  3-ھەيز .

  4-نىپاس.

   بىرىنچى قىسمى: "پىقھى توپلاملىرى" 31-توم 204-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى ھەيز بىلەن نىپاسنىڭ يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. ئىبنى مۇنزىر، تەبەرى ۋە باشقا ئالىملار بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلغان، ھەيىزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيىزدىن) پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 222-ئايەت].

   ئىككىنچى قىسمى: ئالىملار ئىتتىپاق كەلگەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدىغان پەقەت مۇستەھەپ بولىدىغان ھالەتلەر:

  1-جامائەت كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا بارىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش مۇستەھەپ بولىدۇ. ئىمام بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جامائەت سورۇنىغا بارىدىغان كىشىنىڭ يۇيۇنۇپ، پاكىزە بولۇپ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بېرىشى مۇستەھەپ بولىدۇ.

   ئۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىككى ھېيت-نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش. ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ" 2-توم 233-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى ھېيت ئۈچۈن يۇيۇنۇش ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەتتا كېچىك بالا بولسىمۇ ئوخشاشلا سۈننەت بولىدۇ. چۈنكى كېچىك بالىمۇ پاكىز ۋە چىرايلىق بولۇشنى خالايدۇ. ئۇ كۈندە ھەممەيلەن بايرام ئەھلىدۇر". بۇ ھەقتە 48988 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: كۈن تۇتۇلۇش نامىزى، سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى، ئەرەپات مەيدانىدا تۇرۇش، مەشئەرىل ھەرەمدە تۇرۇش، تەشرىق كۈنلىرى شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق كىشىلەر كۆپ بولىدىغان ئىبادەت ئورۇنلىرى ياكى توپلىشىش سورۇنلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يۇيۇنۇش مۇستەھەپ بولىدۇ.

   2-بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولغاندا: شافىئى مەزھەپ ئالىملىرىدىن مۇھامىلىي مۇنداق دەيدۇ: بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولغان ھەرقانداق ھالەتتە يۇيۇنۇش مۇستەھەپ بولىدۇ.

   ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: پىقھى ئالىملىرى: ساراڭ بولۇپ قالغان كىشى ئەسلىگە كەلگەندە، ھوشىدىن كەتكەن كىشى ھوشىغا كەلگەندە ، ھىجامە قىلدۇرغان(لوڭقا قويدۇرغان) كىشى ۋە ھاممامغا كىرگەن كىشى قاتارلىقلارنىڭ يۇيىنىشىنى مۇستەھەپ دەپ دەلىل بايان قىلغان، چۈنكى يۇقىرىقىدەك ھالەتلەردە يۇيۇنۇش بىلەن بەدىنىگە يېپىشقان نەرسىلەر يوق بولۇپ، بەدەن ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىي ھالىتىگە قايتىدۇ. ["ئەلمەجمۇ" 2-توم 234-235-بەتكە قارالسۇن]. 

   3-بەزى ئىبادەتلەرنى قىلىدىغان ۋاقىتتا، يەنى ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھرامغا كېرىش ئۈچۈن ئۈچۈن كىيىملىرىنى سېلىپ يۇيۇنغان» [تىرمىزى رىۋايىتى830-ھەدىس].

    پىقھى  ئالىملىرى: پەرز تاۋاپنى، ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىش ئۈچۈن، قەدىر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە دەلىل بايان قىلغان «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇپ كىرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى1478-1259- ھەدىسلەر].

   ئۈچىنچى قىسىم: يۇيۇنسىمۇ ياكى يۇيۇنمىسىمۇ بولىدىغان، يۇيۇنۇش كۈچلۈك بولغان ھالەتلەر:

  1-مېيىتنى يۇيۇش: كۆپچىلىك ئالىملار مېيىتنى يۇيۇشنى ۋاجىپ بولغان ئىشلاردىن دەپ قارىغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىزى زەينەپ ۋاپات بولغاندا مۇنداق دېگەن:«ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ياكى ئېھتىياج بولسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يۇيۇڭلار»[بۇخارى رىۋيىتى1253-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى939-ھەدىس].

  2-مېيىتنى يۇغىچىنىڭ يۇيۇنىشى توغرىسىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ئۇلارنىڭ قارىشى بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى ئىختىلاپقا كۆرە بولدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىتنى يۇغان كىشى يۇيۇنسۇن» [ئىمام ئەھمەد رىۋيىتى 2-توم 454-بەت. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3161-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 993-ھەدىستە ھەسەن ھەدىس دېگەن. ئىمام ئەھمەد :"ئەھمەدنىڭ ئەبۇ داۋۇدقا قويغان سوئاللىرىدا"(309): بۇ توغرىدا سابىت بولغان ھەدىس يوق دېگەن].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 411-بەتتە(بۇنى مۇستەھەپ) دەپ، بۇ توغرىغا يېقىن بولغان ئوتتۇرىھال سۆز دېگەن". بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 6962 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   3-جۈمە نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش، ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇ" 2-توم 232-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "جۈمە نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇشنى بەزى سەلەپ ئالىملىرى ۋاجىپ دېگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە سۈننەتتۇر".

بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە تاللىغان قاراش بولۇپ:" پەتىۋا كۇبرا" 5-توم 307-بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: كۆپ تەرلىگەن ياكى ئۆزىدە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان پۇراق بولغان كىشىلەرنىڭ يۇيۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ".

   -كاپىر مۇسۇلمان بولغاندا يۇيۇنۇش مۇستەھەپ بولىدۇ، "پىقھى توپلاملىرى" 31-توم 205 ۋە 206-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "مالىكى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرى كاپىر مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ يۇيۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سۇمامە ئىبنى ئاسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: بۇنى پالانچىنىڭ بېغىغا ئاپىرىپ ئۇ يەردە يۇيۇنۇشقا بۇيرۇڭلار دېدى». يەنە «قەيىس ئىبنى ئاسىم مۇسۇلمان بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى سىدىر ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشقا بۇيرىغان»، چۈنكى ئۇ كىشىلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى جۇنۇپلۇقتىن خالى بولالمايدۇ، خۇددى ئۇيقۇ تاھارەتنى بۇزغاندەك، ئىككى خەتنىگاھنىڭ ئۇچىرىشىشى يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلغاندەك، كۈچلۈك گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىدا تۇرغۇزىلىدۇ.

    ھەنەفى ۋە شافىئى مەزھەپ ئالىملىرى جۇنۇپ بولمىغان كاپىرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇشنى مۇستەھەپ دېگەن، چۈنكى كېيىنكى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇمىغان، ئەگەر كاپىر جۇنۇپ ھالىتىدە مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇنىڭ يۇيۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي: شافىئى بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلغان، كۆپچىلىك شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلگەن.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 397-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئېھتىياتەن يۇيۇنۇش كېرەك".

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android