غۇسلىنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا
يۇيۇنۇش كۇپايە قىلىدىغان ۋە كامىل يۇيۇنۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. كۇپايە قىلىدىغان يۇيۇنۇشتا، ئىنسان پاك بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ، ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ. كامىل يۇيۇنۇش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇينغانغا ئوخشاش يۇيۇنۇش بولۇپ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئىككى ئالقىنىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئەۋرىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جۇنابەتتىن يۇقۇپ قالغان نەرسىلەرنى يۇيىدۇ، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن بېشىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، يۇيۇنۇشىنىڭ ھەممە سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
ئەگەر سىز ئۆتكەن ۋاقىتلاردا يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەسلىكتىن ئۇنى قىلمىغان بولسىڭىز ياكى يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەن قاراشقا تايانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ يۇيۇنغىنىڭىز توغرا بولىدۇ ۋە مۇشۇ يۇيۇنۇشقا ئاساسەن ئادا قىلغان ناماز-روزىلىرىڭىزمۇ توغرا بوپتۇ. سىزنىڭ ئۇ ناماز-روزىلارنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ئىختىلاپى بار.
925